خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.02.23
xitay-kochmen-dehqan-bughday-yol-traktor-qonaq خىتاي كۆچمەن دېھقان ھوسۇل ئالغان قوناقنى تراكتور بىلەن 2.4 كىلومېتىر يولغا يېيىپ قۇرۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2008-يىلى 6-مارت، ئۈرۈمچى.
AFP

22-فېۋرال كۈنى خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە «يېزا-ئىگىلىك جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۆھپىسى بولۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتە تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا خىتاي بويىچە بىرىنچى قاتارغا ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئارقا سەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا يېزا، دېھقان ۋە دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بىر دوكلات ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىقنىڭ 480 كىلوگرامدىن ئاشىدىغانلىقى، بۇنىڭ 400 كىلوگراملىق خەلقئارا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇشۇ بويىچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ زاپاس ئاشلىق مىقدارى خىتايدا يۈز بېرىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەردىن ئامان قېلىشتا يېتەرلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتىكى ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ؟

خىتاي ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «يېزا-كەنتلەرنى روناق تاپقۇزۇش»، «نامراتلىقنى تۈگىتىش» قاتارلىق ناملاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، كەسىپ ئالماشتۇرۇش نامىدا خىتاي كارىخانىلىرىنىڭ قۇل ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشتى. بۇ ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە زىت ئىش بولۇپ، كېڭەيتىلگەن يەرلەردە دېھقانسىز تېرىقچىلىق قىلغىلى بولمايتتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، بەزى خەۋەرلەردە تەكلىماكان قۇملۇقىنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى ئالتە ھەسسە چوڭايتقىلى بولىدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. دېمەك، خىتاينىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجى ھەتتا تەكلىماكان قۇملۇقىنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج پەقەتلا تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلمىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقكەن، بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى زادى نېمە؟

دەرۋەقە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە دۇنيا خاراكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ باشلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ كۆرۈنمەكتە. چۈنكى ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئاللىبۇرۇن ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى. ناۋادا تىنچ ئوكياندا ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۇرۇش باشلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا دۇنياۋى ئۇرۇشىنى توسۇپ قالىدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ بولمايدۇ. ھالبۇكى، تىنچ ئوكياندىكى ئۇرۇش ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىقتا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ئېنىقكى، تەيۋەننى ئىشغال قىلىش كوممۇنىست خىتاي ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق ۋە كۈچلىنىشنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايچە نامىدا «جۇڭخۇا» دېگەن بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جۇڭخۇا مىنگو ئەمەس. ئەمما جۇڭخۇا مىنگو تاكى بۈگۈنگىچە تەيۋەندە ئۆزىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا «بىر خىتاي كېلىشىمى» بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى تەيۋەن تاسادىپىي بۇ كېلىشىمدىن ۋاز كېچىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، ئۇ ھالدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر قانۇنسىز ھاكىمىيەتكە ئايلىنىدۇ. ئۇ ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى قانۇنىي ئاساسىي پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە خىتاي ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بىر ئاقىۋەت. ئەمما تەيۋەننى بېسىۋېلىش خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ياقتىن ھاكىمىيەتنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكاغا بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرگۈدەك كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. چۈنكى تەيۋەن، ياپونىيەدىن تارتىپ، فىلىپپىن، مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاراللار زەنجىرىگە جايلاشقان. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ تىنچ ئوكيانغا ئەركىن ھالدا كىرىشىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر خىتاي تەيۋەننى بېسىۋالسا، ئۇ ھالدا تىنچ ئوكياندىكى بۇ ئارال زەنجىرى ۋەيران بولىدۇ ۋە خىتاي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلالايدۇ.

دېمەك، تەيۋەننى ئىشغال قىلىش، خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. بولۇپمۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشلىرى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنى ئېغىر مۈشكۈلاتلارغا سېلىۋاتقان بۇ جىددىي ۋەزىيەت، خىتاي ئۈچۈن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلىلا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنى ھەر ۋاقىت ئۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغانىدى. بۇ يىل يانۋاردا بىر قانچە كۈن ئاۋۋال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ تەيۋەننى چوقۇم بىرلىككە كەلتۈرىدىغانلىقىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدى.

دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتىكى ئارقا سەپكە ئايلاندۇرۇش، خىتاي ئۈچۈن يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر تەييارلىق دەپ قاراش ئەقىلگە خېلى ئۇيغۇن قاراش ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «يېزا-ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» نامىدىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن. قارىماققا بۇ سىياسەتلەر دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يۈرگۈزۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىش ۋە ئۇلارنى يەرسىز ياللانما ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىدى. بۇ ۋەجىدىن بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا، دېھقانلارنى سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش قەدىمى كۈچەيگەن. خىتاينىڭ 2020-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە دائىر ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بېرىلگەن. مەزكۇر ئاقتاشلىق كىتابتا 2019-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى 2 مىليون 590 مىڭ 300 كىشى دېيىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 1 مىليون 654 مىڭ 100 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 63.86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاتالمىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى شەكسىز. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەننى بويسۇندۇرۇش ئارزۇسى بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقى تەبىئىي. چۈنكى خىتاي ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىكى مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ، تاشقىي جەھەتتە ئۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىمۇ، خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتە خەۋپنى يوقىتىش مەقسىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، خىتايغا تەھدىت بولۇش خەۋپى ئاساسەن چوڭ ئەمەس.

بۈگۈنكىدەك ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئارىسى ئېچىلىپ، يېتىم قالدۇرۇلۇۋاتقان خىتاي ئۈچۈن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» نى روياپقا چىقىرىشتىكى بىردىنبىر يول ۋە ئاخىرقى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئەلۋەتتە ئاشلىق تەمىنلەشتىكى مۇتلەق بىخەتەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياج تۇيىدۇ. دەرۋەقە، خىتاينىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرۇش چاقىرىقلىرى دەل شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىق.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.