خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا باقمىچىلىق رايونلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىش، كالا ۋە قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
5-مارت كۈنى بېيجىڭدا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىنى» باشلانغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» مەخسۇس باش ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە يوليورۇقىغا ئاساسەن «شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش» تېمىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قويچىلىقى ۋە قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا؛ كالاچىلىقى ۋە كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى خىتاي بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھالبۇكى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈن خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ بازىغا ئايلاندۇرۇش نىشانىنى رەسمىي يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، باقمىچىلىقنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش، كالا-قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇيغۇر رايونىغا تېڭىلغان ئاشلىق ۋە گۆش ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئادەتتىن تاشقىرى ۋەزىپىلەر، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى، يەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تاشقىي تەھدىت قورقۇنچى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى تۈپەيلى، بۇ رايونغا خاتىرجەم ھالدا مەبلەغ سالالمىغان. ھالبۇكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا شەكىللەنگەن كۈچ ۋە تەسىر دائىرە بوشلۇقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق زور ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ غەربكە كېڭىيىش قارا نىيىتى بارغانسېرى كۈچەيگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىشقا، بايلىقلىرىنى جىددىي رەۋىشتە يۆتكەپ كېتىشكە، رايونغا بولغان مۇتلەق كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشكە، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنى ئۆزىنىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا ياكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەندە ئاشلىق، گۆش ۋە باشقا زۆرۈر يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نى يولغا قويغانىدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاختا-توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان باغلىنىشى سەۋەبلىك خەلقئارادا جازا زەربىسىگە ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ نۆۋەتتە نىشاننى ئاشلىق ۋە باقمىچىلىققا قاراتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چۆكۈشىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق، گۆش ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشتەك ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويماقتا ئىكەن:
«مېنىڭچە، بۇ يەردە يەنە بىر مۇھىم ئامىل بار. مەلۇمكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغانلىقى ئۈچۈن، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش ئىشىدا خىتاي خەلقئارادا بازاردا جازا ۋە ئىمبارگولارغا دۇچ كەلدى. بۇ كىرىزىس خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە، يەنى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان دەپ قارايمەن. چۈنكى، نۇرغۇن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ شىركەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشى، خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە دۇنيا بازىرىدا ئىلگىرىكىدەك ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىر دۆلەت ئەگەر ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ياكى ئوزۇقلۇق بايلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىسىلا، تاشقىي دۇنيانىڭ بېسىمى ۋە تەسىرىگە ئانچە پىسەنت قىلمايدۇ. شۇڭىمۇ خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى، يەنى باقمىچىلىق ۋە گۆش ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرماقتا. بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ يەنە بىر چىقىش يولىدۇر.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى رەسمىي بېكىتكەندىن بۇيان، رايوننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشنى بارغانسېرى كۈچەيتكەنلىكى، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «ئۇيغۇر رايونىدا تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى دېھقان-چارۋىچىلارغا ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كەلمەكتە» دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان تىلغا ئېلىپ باقمىدى.
ئىلگىرى ياپونىيەدە يەر شارى مۇھىتى كەسپى بويىچە ئوقۇغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور پەيزۇللا زەيدىن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن ئىبارەت قۇرغاق رايونلاردا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زور مىقداردا قېزىلىشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. دوكتور پەيزۇللا زەيدىن، خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقان زامانىۋىلاشقان باقمىچىلىقنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇنىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان پاسسىپ تەسىرلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.
دوكتور پەيزۇللا زەيدىن يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ھەسسىلەپ كېڭەيتىلىۋاتقان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا غايەت زور بۇلغىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۈگۈن، يەنى 5-مارت بېيجىڭدا باشلانغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىنى» دىمۇ ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاينى گۆش-ماي، مېۋە-چېۋە ۋە باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇش شوئارى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بەرگۈسى جىددىي ئەھۋاللارغا ئالدىن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.