پىروفېسسور جەيمىس مىللۋارد: «‹ئولپان تۈزۈمى› ۋە ‹خىتاي سۇلالىسى› قاتارلىق ئۇقۇملار خىتاينىڭ مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.01.24
تارىخ بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا: خىتاينىڭ مىڭ يىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى (2) جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد (James Millward) ئەپەندى خۇنسون ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى 4-ماي.
hudson.org

جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى (The Georgetown University) نىڭ پىروفېسسورى، چىڭ سۇلالىسى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى جەيمىس مىللۋارد (James A. Millward) خىتاينىڭ ئولپان تۈزۈمى (Tribute system) ھەققىدە ئىلمى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئولپان تۈزۈمى ھەققىدە ھازىرغىچە توغرا بىلىنگەن خاتالىقلارنى تەنقىد قىلغان ۋە تۈزەتكەن.

جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى كەمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (The Cambridge University) تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تارىخ ژۇرنىلى» (The History Journal) دا تارىخچىلارنىڭ بېيجىڭنىڭ خىتاي ئەمەس گۇرۇپپىلارنىڭ «خىتاي» غا تەۋە «تارىخى» توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرغانلىقى ھەققىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «2019-يىلى خارۋارد نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چىڭ سۇلالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخ دەرسلىكىدە شىنجاڭ، موڭغۇلىيە ۋە تىبەتنىڭ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ‹بىرلىككە كەلتۈرۈلگەنلىكى› بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ياقتۇرىدىغان يېقىشلىق باھانىسى تەرجىمە قىلىنغان».

قىتان خانلىقى ئەلچىلىرى سۇڭ سۇلالىسى مەھكىمىسىنى زىيارەت قىلىپ ئولپان تاپشۇرماقتا.
قىتان خانلىقى ئەلچىلىرى سۇڭ سۇلالىسى مەھكىمىسىنى زىيارەت قىلىپ ئولپان تاپشۇرماقتا.
theme.npm.edu.tw

مەزكۇر ماقالىدە پروفېسسور جەيمىس مىللۋارد يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇزۇن يىللار خىتاينىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈشتە قوللىنىلغان ئولپان تۈزۈمى، خىتايلاشتۇرۇش ۋە خىتاي سۇلالىسى قاتارلىق ئۇقۇملار خىتايدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەسىنى ۋە مەجبۇرىي كۈچكە زورلاشنى ئوچۇق-ئاشكارا تونۇشتا چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ».

خىتاينىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈشتە قوللىنىلغان ئولپان تۈزۈمى، خىتايلاشتۇرۇش ۋە خىتاي سۇلالىسى قاتارلىق ئۇقۇملار ھەققىدە پىروفېسسور جەيمس مىللۋارد بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ئولپان تۈزۈمى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

جەيمىس مىللۋارد: ئولپان تۈزۈمى 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا داڭ چىقارغان بىر پىكىردۇر. بۇ، خىتاينىڭ 2000 يىلدىن بۇيان باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى مۇناسىۋەتكە قارىتا بىر خىل ئوخشاش ئۇسۇلنى ئىزچىل قوللانغانلىقى پىكىرىدۇر. يەنى بۇ پىكىر بويىچە باشقا كىشىلەرنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنى خىتايغا كېلىپ ئىمپېراتورغا تەزىم قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاندىن بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ يەردە ئىپادە قىلىنغان بىرىنچى ئىدىيە شۇكى، خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن سىزدىن ئۆزىڭىزنى تۆۋەنرەك قىياپەتتە كۆرسىتىپ، ئىمپېراتورغا باش ئېگىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئىدىيە شەرقتە بولغان بىر ئىدىيە ئىدى. بۇ، 19-ئەسىردە چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ قانداق قىلىپ تاشقى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇلار سودا قىلماقچى بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن مەسىلە كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە بار. ئەمما بۇ ئۇقۇمنىڭ ئارقىسىدىكى ئىدىيە خىتايدا تاشقى مۇناسىۋەتتە ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى پىكرىنىڭ بارلىقى، يەنى يەرشارىلىشىش ئىدىيەسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن ئۇلاردىكى بۇ پىكىر ۋە ئىدىيە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەپيۈن ئۇرۇشى بىلەن يوق بولغانىدى.

ئىمپېراتور چىيەنلۇڭ تاتارلاردىن ئولپان سۈپىتىدە ئات تاپشۇرۋالماقتا.
ئىمپېراتور چىيەنلۇڭ تاتارلاردىن ئولپان سۈپىتىدە ئات تاپشۇرۋالماقتا.
en.wikipedia.org

مۇخبىر: سىياسەتشۇناس ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان «ئولپان تۈزۈمى نەزەرىيەسى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

جەيمىس مىللۋارد: بۇ ئىدىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر قىسمى بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ ئاتالمىش ئولپان تۈزۈمى سەۋەبىدىن شەرقىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە دەرىجە (مەرتىۋە) ئاساسىدا تەشكىللەنگەن دۆلەت تەشكىلاتى بولغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ ئۈستىدە (يۇقىرىدا) ناھايىتى كۈچلۈك بىر كىشى بار، ئاندىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال ھالدا ئۇنىڭغا بويسۇندى. خىتاي ئەنە شۇ مەركەزدە بولۇپ، خىتاينىڭ ئورنى ئۈستۈن بولغان، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ناھايىتى ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى، شەرقىي ئاسىيا رايونى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇسى ۋە كۇڭزىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان. بۇ، دەيۋىد كارپ ئىسىملىك بىر سىياسەتشۇناس تەرىپىدىن يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيە. نۇرغۇن سىياسەتشۇناس ئالىملار بۇنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋى تاشقى مۇناسىۋەت باشقا جايلاردىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بۇ مۇناسىۋەت بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان بىر تۈركۈم دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس. ئۇ، خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان سىستېما ئىدى. ھەمدە ئادەمنىڭ بويسۇنۇشى كېرەك بولغان دەرىجە (مەرتىۋە) تۈزۈمى بار ئىدى دېگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. تالاش-تارتىش يەنە مۇنداق مەزمۇنلاردا داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ، ياۋروپانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى مۇناسىۋەتلىرىدىن تېخىمۇ تىنچ ئىدى. بۇ پىكىرگە ئاساسلانغاندا، غەرب ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاسىيادا تىنچ بولغان دەرىجە (مەرتىۋە) تۈزۈمى مەۋجۇت بولغان. شۇنداق قىلىپ كونا پىكىرنىڭ يېڭى نۇسخىسى قوبۇل قىلىندى. بۇ پىكىرنى سىياسەتشۇناسلار ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە بۇ پىكىردە خاتالىق بار، بۇ، ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس. نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ خاتا. بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كەتتى. بۇنى باشتىن ئاخىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈن سائەتلەپ ۋاقىت كېتىدۇ. بىز تارىخىي ئەمەلىيەتكە قارىغىنىمىزدا يۇقىرىقى قاراشلار خاتا. شۇڭا، مەن ئولپان تۈزۈمى ھەققىدە توختالغاندا يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى تەكىتلەۋاتىمەن.

مۇخبىر: سىز ماقالىڭىزدە «ئولپان تۈزۈمى» نىڭ ئادالەتسىز بىر تۈزۈم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

جەيمىس مىللۋارد: مەن ئېيتقىنىمدەك، كۆپچىلىك خىتاينىڭ بۇ تەڭسىز سىستېمىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان ئۈستۈن دۆلەت ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا باش ئەگكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر بۇ ئىدى. خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەممە ئادەم خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئېنىقكى بۇ نەزەرىيە بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. بەزى تەرەپلەردە بۇنىڭ بېشارەتلىرىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەزى ئىدىيەۋى ئەسەرلىرىدىن كۆرەلەيسىز. «بىر بەلباغ ۋە بىر يول» قاتارلىق تۈرلەردە ئۇنىڭ ئولپان تۈزۈمىنىڭ ئىپادىلىرى بار. ئەمما مۇھىمى، ئۇ تارىخنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نەزەرىيە بولۇپ، بۇ، ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى، يەنى تارىختا يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدىكى ھەقىقىي تەسۋىر ئەمەس.

مۇخبىر: خىتاي تارىخشۇناسلىقى ۋە مەنبەلىرىدە خىتاي سۇلالىسى باشقا قەبىلە ۋە مىللەتلەر قانداق بايان قىلىنغان؟

جەيمىس مىللۋارد: يەنە بىر مۇھىم ئىش، ئەگەر سىز پەقەت شەرقىي ئاسىيانىڭ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تارىخنىلا بايان قىلسىڭىز، ئەگەر سىز بۇلارنى پەقەت بىر يۈرۈش خىتاي سۇلالىسى دەپ ئىپادە قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنى ۋە دۆلەتلەرنى سىرتتا تاشلاپ قۇيغان بولىسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ سىز تارىخنى بۇ شەكىلدە بايان قىلسىڭىز قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىرتتا قويۇپ قويغان بولىسىز. بۇ شەكىلدە تارىخنى خاتىرىلەش ۋە بايان قىلىش خىتاي تارىخشۇناسلىقى ۋە خىتاي مەنبەلىرىدە كۆرۈلىدۇ. ئەمما خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر ھەمىشە ئىككىنچى سىنىپ دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار ھەمىشە ئاساسلىق ھېكايىنىڭ سىرتىدا قالغان. خىتاي سۇلالىسى بولمىغان باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، مەسىلەن، تاڭغۇت ياكى غەربىي شيا. بۈگۈنكى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى دالادا ئوخشاشلا مۇھىم دۆلەتلەر بولغان. ئۇلار سۇلالە بولمىسىمۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولغان ناھايىتى مۇھىم دۆلەتلەر. ئەگەر بىز بۇ ھېكايىنى پەقەت خىتاي سۇلالىسىنىڭ ھېكايىسى سۈپىتىدە سۆزلىسەك ئۇلار ھەمىشە ھېكايىنى قوللايدىغان ياردەمچى ئامىللار بولۇپ قالىدۇ.

مۇخبىر: رەھمەت سىزگە.

جەيمىس مىللۋارد: رەھمەت سىزگە. ئىشلىرىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.