ئاۋسترالىيەدە «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن بولۇش سەۋەبلىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2015.05.18
16-ماي ئاۋسترالىيەنىڭ سيدىنې شەھىرىدىكى چاناققەلئە تۈرك مەسچىتىنىڭ يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، كۆچمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن تەشكىللەنگەن «ئىزدەنگۈچىلەر»گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.
مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن مېھمانلارغا ئۇيغۇرچە تائاملار تارتىلغان ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان.
يىغىندا ئاساسلىقى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دىنىي ئالىم ئابدۇسالام ئالىم، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى شۇنداقلا جامائەت ئەربابى بەختىيار ئەپەندىلەر سۆز قىلغان.
دىنىي ئالىم ئابدۇسالام ئالىمنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدىكى، يېقىندا تايلاندتا ۋاپات بولغان كىچىك مۇساپىر ئابدۇللانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى كەينىدىكى جەريانلار شۇنداقلا ئابدۇسالامنىڭ ئابدۇللانى ئۆز قولى بىلەن يەرلىكىگە قويۇشىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەلىك ۋەقە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى يىغلىتىۋەتكەن.
يىغىنغا ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.
دوكلات سۆزلەش يىغىنى كەچ سائەت يەتتىدە باشلىنىپ توققۇز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىنغا يۈزگە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى، جامائەت ئەربابى بەختىيار ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بەختىيار ئەپەندى، سيدىنېدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
بەختىيار: ۋەلەيكۇم ئەسسالام. بۈگۈن سيدىنېدىكى تۈركلەرنىڭ ئەڭ كاتتا جامىسى بولغان چاناققەلئە جامىسى دېگەن مەسچىتنىڭ يېنىدىكى چوڭ بىر يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، كۆچمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇنىڭغا ئادىلايت شەھىرىدىن ئابدۇسالام ئالىم، نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى كېلىپ قاتناشتى. ئۇلار مۇشۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئاساسىي جەھەتتىن سۆھبەت قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى قىزىل خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، خىتايلارنىڭ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق، مىللىي كەمسىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى، تىلىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشتەك جىنايەتلىرىنى ئەمەلىي ئىسپاتلار ۋە رەسىملەر، ۋېدىئولار بىلەن جانلىق قىلىپ كۆرسەتتى.
مۇخبىر: بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالغاندا ئاساسلىق نېمە مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلدى؟
بەختىيار: بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا مەسىلەن، نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش، مىللىي قىرغىنچىلىق قىلىش، خەلقلەرنىڭ،مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، دىنغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكى، مىللەتلەرنىڭ، خەلقلەرنىڭ يۇرتتىن-يۇرتقا كۆچۈش، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى، ئەركىن ھالدا ئۆز تىلىنى سۆزلەش،ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەمەليلەشتۈرۈش، داۋاملاشتۇرۇش دېگەندەك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارنى بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ ئۆتتى. مەسىلەن، 1946-يىلى مۇنۇ-مۇنۇ قانۇنلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ قوبۇل قىلىنغان. مۇشۇ قانۇن بويىچە ئېيتقاندا، خىتايلارنىڭ مەسىلەن، ئادەملەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىدا ئىنسانلارنى مەجبۇرىي بىر يەردىن بىر يەرگە كۆچۈرۈش مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي يوقىتىش ئېلىپ بېرىش دەپ قارىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ خەلقئارالىق قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسابلىنىدۇ دېگەن قاراش بويىچە، مەسىلەن، بىزنىڭ 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان قىزلىرىمىزدىن بىر مىليونغا يېقىن قىزلىرىمىزنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى دېگەن نام بىلەن ئۆز ۋەتىنىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «مانا بۇ جىنايىتى ئۈچۈن خىتاي خەلقئارالىق قانۇن بويىچە سوتقا تارتىلىشى كېرەك» دېدى. ئىككىنچى، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغدى. مەسىلەن، مانا مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا خىتايلار مۇنداق بەش تۈرلۈك ئادەملەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت يوق دەپ ئېلان قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇشۇ قانۇنى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دىكتاتورلىرى قانۇن بويىچە سوتقا تارتىلىشى كېرەك دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى شۇنداقلا خىتاي ئۆزى ئېلان چىقارغان، خىتايلار ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان، خىتايلار ئۆزلىرى مەجبۇرىي ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى قىرغىنچىلىق، دىنىي كەمسىتىش قاتارلىق مەلۇماتلارنى، خىتاي ئۆزى ئىسپاتلىغان خىتاينىڭ خەۋەرلىرى، تەشۋىقاتلىرى، ھۆججەتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى.
مۇخبىر: سىز ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى يېقىندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەنى تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ باردىڭلار. مۇشۇ پائالىيەت ھەققىدىمۇ مۇشۇ يىغىندا قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتۈڭلارمۇ؟
بەختىيار: ئەلۋەتتە، ئۆتكەن يىلى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىمام ئابدۇسالام ئالىم ۋە نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى قاتارلىقلار مۇشۇ يەردىكى، ئادىلايتدىكى، سىدىنېيدىكى جامائەتكە ۋەكىللىك قىلىپ ئۇ يەرگە بەش-ئالتە قېتىمدىن بېرىپ،ئۇ يەردىكى مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنى، تۈرمىدىكى مۇساپىرلارنى يوقلىغان ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇلارنى رەسىملەرگە تارتىپ كەلگەن شۇ ئەھۋاللارنى ئەلۋەتتە دېدى. مەن يېقىندا ئۆزۈم تايلاندقا بېرىپ، تۈرمىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنى ۋېدىئوغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇشۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ خەير-ساخاۋىتىنى قوللىرىغا يەتكۈزۈپ، رەسىملەرگە ئېلىپ كەلگەن. شۇ جەرياندىكى ئۆزىمىزنىڭ ئابدۇسالام قارىم، نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ۋە مەن ئاشۇ يەردە ئىگىلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى رەسىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋېدىئولىرى بىلەن كىشىلەرگە چۈشەندۈردۇق شۇنداقلا ئابدۇسالام قارىم شۇ تۈرمىدە يېتىپ كېيىن كېسەل سەۋەبىدىن بالنېستتا يېتىپ 50 كۈندىن كېيىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىچىك مۇساپىر ئابدۇللانىڭ جىنازە نامىزىغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئاشۇ يەردە ئۆز قولى بىلەن يەرلىككە قويۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى شۇ تراگېدىيەلىك جەريانلارنى ئۆزلەپ كىشىلەرنى مەيۈسلەندۈردى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئەپسۇسلانغان ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
مۇخبىر: بۈگۈنكى يىغىندا سىلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەرگەندىن كېيىن، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇندىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تەشكىلاتلىرى قانداق قاراشتا بولدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتلىرىنى قانداق ئىپادىلەپ ئۆتتى؟
بەختىيار: مەسىلەن،بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار چوڭ تەشكىلاتلاردىن تۈرك-ئىسلام تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئابدۇراخمان دېگەن كىشى سەھنىگە چىقىپ ناھايىتىمۇ ياخشى مۇھىم گەپلەرنى قىلدى. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، بىزنىڭ قېنىمىز بىر، بىزنىڭ تارىخىمىز بىر، بىز شۇ يەردىن كەلگەن، سىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. بىز سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. سىلەرنى تاشلىۋەتمىدۇق. سىلەرنى ئەسلەپ تۇردۇق. سىلەر ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇردۇق ھەم دۇئا قىلىپ تۇردۇق. ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى مۇشۇ بۈگۈنكى سىلەرنىڭ دوكلاتىڭلاردىن ئۇققاندىن كېيىن شۇنى بىلدۇقكى، مۇشۇ دەرىجىدە، ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان، دىكتاتور ئاستىدا مۇشۇ كۈنگە قالغانلىقىڭلاردىن بىز خەۋەرسىز قاپتۇق. مىڭ ئەپسۇس، بۈگۈندىن باشلاپ مەن ۋە مېنىڭ جەمئىيىتىم، جەمئىيىتىمىزدىكى بارلىق ئەزالار سىلەر ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياردەمدە بولۇشقا تەييار بىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە، بۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ كونفېرانسلاردا يېقىندىن ياردەم قىلىمىز، بىللە قىلىمىز، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ تەشۋىقاتلارنى قىلىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ تېزرەك شۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە چىقىشىنى ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىمىز. ئاللاھتىن تىلەيمىز، دېگەندەك ياخشى گەپلەرنى قىلدى ھەمدە شۇ چاناققەلئە جامىسىنىڭ ئىمامى يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سىيدىنېيدىكى يەتتە تۈرك مەسچىتىنىڭ بىز ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ھەر قېتىملىق جۈمە نامىزىدا، قۇتبە نامىزىدا بىزگە دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.