خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى بەزى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن كونكىرېت قەدەملەر ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق يەنە بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەندۈرۈشتە يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا ئورگانلاردا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشتا ۋە ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلىشتا، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك تەسىرىنى كەڭ جارى قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى تونۇغان غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئاۋسترالىيەنىڭمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى؛ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشىنى چەكلىشىنى؛ شۇنداقلا «ماگنىتىسكىي قانۇنى» بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي رەھبەرلەرنى جازالىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئوبۇل زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە سىلىشتۇرغاندا، نىسبەتەن پاسسىپ ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ ئاۋستىرالىيەنىڭ ئىچكىي سىياسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەسكىن تەدبىرلەر ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئىتىپاقداش دۆلەتلىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بەزى كونكىرېت قەدەملەرنى ئېلىشقا باشلىماقتا.
ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز ئىتىپاقداشلىرىنى خىتايغا قارشى تېخىمۇ كونكىرېت قەدەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامىرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 21-ئىيۇن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىشتىن خالىي قىلىشقا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىلىككە قارشى تۇرۇشقا، شۇنداقلا ئامىرىكاغا قوشۇلۇپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ۋە يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلاش كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.
ئاۋىستىرالىيەلىك تونۇلغان ژۇرنالىسىت توم سېنېتتى (Tom cenetty) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىلىق قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئەمەلىي ھەركەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «يەر شارىلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقايسىي دۆلەتلەر زامانىۋى قۇللۇققا، بولۇپمۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئېنىق ئەكس-ئەتتۈرىدىغان ئىچكىي قانۇنلارغا كۆپرەك تايىنىشى كېرەك. نۆۋەتتە، ئاۋستىرالىيە زامانىۋى قۇللۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن تۈزۈشكە ھازىرلىنىۋاتىدۇ. ھەممىمىز ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشنى كۈتىۋاتىمىز.»
ئۇ ئاۋستىرالىيەنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە بۇ قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسىگە قارىتا ئاۋستىرالىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىگە باھا بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ چەكلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاۋستىرالىيە ئامېرىكانىڭ بۇ ساھەدىكى قانۇنىدىن ئۆرنەك ئېلىشى مۇمكىن، بۇ قانۇن ماھىيەتتە ئامېرىكا تاموژناسىغا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بەردى. بۇ قانۇن بىلەن زامانىۋى قۇللۇق خەۋىپى يۇقىرى بولغان رايونلاردىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ئۈنۈملۈك چەكلىگىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارىسلان ھىدايەتمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئاۋستىرالىيەدىكى مۇرەككەپ ئىچكىي سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئاۋستىرالىيەنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلالايدىغان مۇمكىنچىلىكلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، ئاۋسترلىيەدىكى سىياسەتچىلەردىن بۇ ھەقتە كونكىرېت قەدەم ئېلىشنى تەلەپ قىلىش بوتيىچە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئوبۇل ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كونكىرېت قەدەم ئېلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.