ئامېرىكا پرېزىدېنت ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قاتتىق قوللۇق سىياسەت جاكارلىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 29-ماي جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس خىتاي ھەققىدە بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بۈگۈنكى يىغىنغا مەركەزلەشتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دىن ئاشقاندا مۇخبىرلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ئامېرىكا ۋە دۇنيا بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى پوزىتىسىيەسىنى، تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى يوشۇرۇپ، دۇنيادا مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندا قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىدى. ئۇ خىتايدىن بۇلارنىڭ ھېسابى سورىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا تۆۋەندىكى مۇھىم 3 نۇقتىنى جاكارلىدى.

بىرىنچىدىن ئۇ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا قالغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئۇنىڭغا بېرىپ كېلىۋاتقان فوندنى باشقا سەھىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا پەن-تېخنىكىسىنى قوغداش ئۈچۈن بەلگىلىك خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ ئوقۇشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ئۈچىنچىدىن، خوڭكوڭنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» لۈك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، خوڭكوڭغا تونۇغان سودا ئەۋزەللىكلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇنداقتا، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۈگۈنكى سۆزلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇنى قانداق باھالاش كېرەك؟

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاغزىدىن چىققان يۇقىرىدىكى ئۈچ نوقتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «مەنچە پرېزىدېنت ترامپ بۈگۈن خىتايغا قارشى ناھايىتى كەسكىن ھەرىكەت قىلدى. ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ئۈچ قارارى بۇ جەھەتتە بېسىلغان ناھايىتى مۇھىم قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار شۇنداقلا زۆرۈر بولغان قەدەملەردۇر. مەن بۈگۈن خىتاينى ئىنتايىن بىئارام بولدى، دەپ قارايمەن» دېدى.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سودا ئىختىلاپى، تاجسىمان ۋىرۇس ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تۈپەيلىدىن تارىختىكى ئەڭ يىرىك مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانىدى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ خىتايدىن «ئايرىلىش» باسقۇچىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى ئاللىقاچان باشلاندى، دېدى. ئۇ «مەنچە ئامېرىكا خىتايدىن ئايرىلىشنى باشلىغىلى خېلى بولدى. بۈگۈن ترامپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنى قوغداش يولىدا ئەمدى بېيجىڭ بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى باياناتى ئاھاڭ جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇھىم ئىدى. مەنچە بېيجىڭ بۈگۈن ئامېرىكانىڭ ئۆزلىرىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندى. ئەمدى خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يوق، خىتاي كومپارتىيەسىگە ياردەم قىلىش يوق. خىتاي ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئاياغلاشتى».

گوردون چاڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھازىرقى بۇ ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئەگەر خىتاي تەرەپ سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئىجابىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئىنتايىن تۆۋەن، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ئامېرىكادا بىز خىتايغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، دەيدىغان چۈشەنچە ئۆزگەردى، خىتاي ھازىر ئىلگىرى دۇچ كېلىپ باقمىغان بىر ئامېرىكا پرېزىدېنتىگە يولۇقتى» دېدى.

تېخى ئىككى كۈن ئالدىدا، يەنى 27-ماي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى 1 گە 413 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بۇ قانۇن لايىھەسى ئاخىرقى قەدەمدە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ياقىلىغۇچى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى تېزرەك ئىمزالىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانىدى. گەرچە بۈگۈنكى يىغىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق گوردون چاڭ ئەپەندى پرېزىدېنت ترامپنى بۇنىڭغا «چوقۇم قول قويىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «مەن پرېزىدېنت ترامپنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىغا چوقۇم قول قويىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى شۇنداق ئىپادىلەر بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قانۇن 1 گە قارشى 413 بىلەن ماقۇللانغانلىقى ئۈچۈن پرېزىدېنتنىڭ ئىمزاسى بولماي تۇرۇپمۇ، قانۇن بولۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇسلۇبى بۇنداق ئەمەس، شۇڭا مەن ئۇنى بۇ قانۇننى ئۆزى بىۋاسىتە ئىمزالايدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.