شىۋېتسارىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «ب د ت دىكى مۈشكۈل خىزمەت» ناملىق پروگراممىسىدا بايان قىلىنىشىچە، مىشېل باچېلېت 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئالىي كومىسسار تەيىنلەش خىزمىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن كرودىيەلىك ئىۋان سىمونوۋىچ، ئاۋسترىيەلىك ۋولكېر تۇرك، سېنىگاللىق ئاداما دىڭ قاتارلىقلار كۈچلۈك شەخسلەر بولسىمۇ، خەلقئاراغا تونۇلمىغان كىشىلەر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كىملەرنىڭ بۇ ئورۇنغا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن. نامزاتلار ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئالىي كومىسسار بولالايدىكەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئالىي كومىسسار بولغان كىشى ب د ت نىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈۋرىكىگە مەھكەم يۆلەنگەن، كىشىلىك ھوقۇقنى ئەتراپلىق چۈشىنىدىغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بېسىملىرىغا تىز پۈكمەيدىغان، ب د ت نىڭ قىممەت قارىشىغا سادىق بولالايدىغان جاسارەت ھەم ئەخلاققا ئىگە بولىشى لازىمكەن. بىراق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ تەشكىلاتنى ئىدارە قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش ئۇنداق ئاسان ۋەزىپە ئەمەسكەن. بىر تەرەپتىن ب د ت دا رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئېلىشىشقا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرگە ئىگە چىقىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ھالبۇكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سەرپ قىلىنىۋاتقان مەبلەغ ب د ت ئومۇمىي خامچوتىنىڭ ئاران 3 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئورگان يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئادەم ئامىلىغا ھەمدە مەبلەغقە ئېھتىياجلىق ئىكەن.
پروگراممىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىغا ئۇنىڭ ب د ت تەرىپىدىن ھازىرلانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلمىغانلىقى ۋە بۇ تۈپەيلى خەلقئارادا پەيدا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقلار، بېسىملار سەۋەب بولغان. مىشېل باچېلېت مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كېلىپلا قالماي، خەلقئارادىكى يۈزلەرچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كەلگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭمۇ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان. ب د ت نىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تارىختىكى ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
بىراق ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىمنىڭ ئالىي كومىسسار بولۇپ تەيىنلىنىشى ئەمەس، بەلكى مىشېل باچېلېت خىزمىتىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئىچكىي قىسىمدا «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىگە چاپان يېپىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن توسالغۇ بولماقتا ئىكەن.
ئۇ ھالدا، ھەم خەلقئارانىڭ بېسىمى، ھەم خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا «پەرىشانچىلىق ئىچىدە قالغان» مىشېل باچېلېت 31-ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بىر تەرەپتىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋە غەرب قىممەت قارىشىغا ساھىب بولغان ئىنسانلارنىڭ بېسىمىغا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كەبى دېكتاتور دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مىشېل باچېلېتنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدە ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىۋەتمەي ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسا، ئۆزىنىڭ ھەم ب د ت نىڭ يۈزىگە سۈرتكەن قارا داغنى تازىلىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، قوش بېسىم ئاستىدا قالغان مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ يىل 9-ئايدا چاقىرىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«ب د ت دىكى مۈشكۈل خىزمەت» ناملىق پروگراممىدا ئەسكەرتىشىچە، «ئەڭ باتۇر كىشى» دەپ قارالغان ئىئوردانىيەلىك شاھزادە زەيىد ئەل ھۈسەيىنمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارلىقىغا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن بولۇپ، رىقابەت جەريانىدا ئۇ نامزاتلىقتىن ۋاز كەچكەن. نۆۋەتتە نامزاتلار ئىچىدىن ئالىي كومىسسارنى تاللاش ئىشى ب د ت دا جىددىي تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرماقتا ئىكەن.