ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: خىتاينىڭ بىر تور بەتنى توختىتىپ قويۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى تۇنجۇقتۇرالمايدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي ئۆلكىلىرىدە چىرىكلىككە، پارىخورلۇققا قارىشى تۇرۇش، ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشىغا خاتىمە بېرىش، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە كۈچەيتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، بۈگۈنگىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى.

بۇ دولقۇننىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تور بەتلەر ۋە مىكروبلوگ قاتارلىق ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ساقلىنىۋاتقان قانۇنسىز قىلمىشلار، ناھەقچىلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش دولقۇنى قوزغالغانىدى.

مانا مۇشۇ پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەش تور بەتكە چارە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ تور بەتلەر ئىچىدە «باغداش» تورىنى ئۈچ ئاي توختىتىپ قويدى. «باغداش» تور بېتىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىغا قارىتا ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچەيمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردە، چارە كۆرۈلگەن بەش تور بەتتىن، تۆت تور بەتنىڭ تاقىلىش سەۋەبى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، لېكىن «باغداش» تور بېتىنىڭ توختىتىلىش سەۋەبى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، باغداش تور بېتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار كۆپلەپ يوللانغان تور بەت بولۇپ، بۇلارنى تۆۋەندىكىچە تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن:

  1. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بەگلىك قۇرۇپ، ئاساسى قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى، ئەمگەك قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنى كۆزگە ئىلماي، ئۆز ئالدىغا بەلگىلىمە چىقىرىپ، يېزا-كەنتلەردە بىچارە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بوزەك قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، قانۇنسىز پۇل يېغىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇل نەگە كەتتى؟ شايار، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى ھاكىملىرىغا يېزىلغان ئوچۇق خەتلەر...
  2. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك مەسىلىسىگە بولغان نارازىلىق؛ ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە تىل-يېزىق كومىتېتىنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىش. مەسىلەن: بۇ ئىشلارغا كىم ئىگە بولىدۇ؟ يېڭىسار ناھىيىسىدە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە يوللارغا ئېسىلغان خىتاي تىلىدىكى ۋىۋىسكىلار...
  3. مەغلۇپ بولغانلىقى مەلۇم بولغان، ئىلمىيلىقى يىراق ئاتالمىش قوش تىل (ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈش) سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىق ئىپادىسى بولغان ۋە كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەسىلىسى. مەسىلەن: ئانا تىل يەسلىسى...
  4. ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى قوغداش، ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە قىلىنغان تۆھمەت، ھۆرمەتسىزلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نەپرىتىنى ئىپادىلەش. مەسىلەن: ئانارخان فىلىم، ئابدۇكېرىم ئابلىزغا ئوچۇق خەت...

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «باغداش» تور بېتى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەش، دەردىنى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئارزۇلارنىڭ ھېچبىرى خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپ ئەمەس. ئويغانغان ئۇيغۇر ئاممىسى مەزكۇر تور بەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر خەلقىگە قانۇنلاردا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ۋەلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «باغداش» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بەزى تېمىلار ئەمەلدارلارنى قورقۇتقان ۋە چۈچۈتۈۋەتكەن. شۇڭا ئۇلار كونا پەدە بويىچە تور بەتنى تاقاپ قويۇش ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولغان. خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت ۋە ئامما مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش ئەنئەنىسى يوق. ئەگەر تور بەتلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، دەلىل ئىسپاتلىرى ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قۇربى يېتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلەرنى تاقاپ قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىنى ئېزەلمەيدۇ، ھۆرلۈككە ئىنتىلىشىنى توسالمايدۇ. بىرىنى تاقىسا؛ مىڭ تور بەت ئېچىلىدۇ.

«باغداش» تور بېتى توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، باشقا تور بەتلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلاردىن تورداشلار تور بېتى قۇرغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنى 10 ئاي ئۈزۈۋېتىپ، «دىيارىم»، «شەبنەم»، «سەلكىن» قاتارلىق داڭلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقىغان ۋە ئۇلارنىڭ ساھىبلىرىنى، بىر قىسىم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنى قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ئىدى.