بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەنلا بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولامدۇ؟ (2)
2015.12.08
ئۇيغۇر ئاتا، ئانىلارنىڭ «بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش» چاقىرىقى تورلاردا مۇنازىرە قوزغاشتىن بۇرۇنلا بۇ خىل پىكىر تەكلىپى خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان قىزىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە، ئەمما خىتايدىكى بىر قىسىم قانۇن ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى «بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش» ئىجابىي رول ئوينىيالمايدۇ دەپ كۆرسىتىپ بۇنىڭغا قارشى كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم جازاسىنىڭ چەكلەش ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، ئەكسىچە بالا ئوغرىلىرى قەبىھلىشىپ، بالىلار تېخىمۇ خەتەر ئىچىدە قالىدىكەن. يەنە بەزى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، «ئادەم سېتىۋالغۇچىلارغا بېرىلگەن جازا بەك يەڭگىل بولۇپ قالغان بۇ، بالا ئالداپ سېتىش دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالماقتا، ئادەم سېتىۋالغۇچىلارغا بولغان جازالاشنى ۋە ئۆسمۈرلەرنى خورلىغۇچىلارغا بولغان جازالاشنى ئېغىرلىتىش لازىم.»
نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە قانۇنشۇناس تېڭ بياۋ «بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش» ئىجابىي رول ئوينىيالمايدۇ دېگەن پىكىر تەرەپدارى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى سەۋەبىنى ئايرىپ چۈشەندۈرىدۇ. تېڭ بياۋنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتايدا بالىلارنى ئوغرىلاپ ئالداپ سېتىش قىلمىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى خىتايدا ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان يالغۇز پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئورگان سودىسى قاتارلىق كۆپ لىنىيەلەشكەن جىنايەت يوللىرى ۋە قانۇندىكى بۇ خىل جىنايەتچىلەرنى جازالاش سالمىقىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئىزدەش مۇمكىن، چۈنكى سەبىي، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمىغان بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايى قىلمىشلار ئىچىدە ئىنسانلىققا قارشى ئەڭ قەبىھ قىلمىش، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار جەمئىيەتتىكى بالىلارنى قوغداشتا مۇكەممەل بولمىغان سىستېما ۋە قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلانماقتا ۋە قېچىپ قۇتۇلماقتا. ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئېغىر، لېكىن خىتايدا جىنايەتكە قارىتا جازا ھۆكۈم قىلىش سىمۋول خاراكتېرىگە ئىگە بىر چارە، ئۆلۈم جازاسىنىڭ قانۇن تەرتىپلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىشى چەكلىمىلىككە ئىگە شۇنداقلا بۇ ئىنسانىي ئەخلاقتىن ئايرىلغان كىشىلەرنى بۇ قەبىھ جىنايىتىدىن توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ خىل جىنايەتلەرنى توسۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلارنى قوغداشنى ئاساس قىلغان سىستېما ۋە پۇقرالىرىنى خاتىرجەم قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
تېڭ بياۋ يەنە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ بولسا يۇقىرىقىدەك خىتاينىڭ سىستېمىسى، قانۇندىكى بوشلۇق ۋە جەمئىيەت ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي بىر مەسىلە بولغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلار خىتايدىكى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئەڭ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىنىڭ سىياسىي تەرىپى بار دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە تېپىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر تەرەپ، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ مەسىلىنى بىر جىنايى ئىشلار قانۇنى بىلەن ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغان مەسىلە ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ ھەر تەرەپتىن دەپسەندە قىلىنىشى خىتاي مىللىتى ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىكلەردىن ئېغىر. بۇ ئومۇمىي جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر مۇرەككەپ مەسىلە.
ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ ئۆزىنى قانۇن دۆلىتى دېيىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقى ۋە بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدە مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر بولغىنى دەل خىتاي ھاكىمىيىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە «دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىشەنچسىز، قانۇن كاپالەتكە ئىگە بولمىغان، كىشىلىك ھوقۇق خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىدىغان خىتايدا، بولۇپمۇ كۆچمەنلەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرى كۆپىيىۋاتقان ۋە كەڭرى ئېچىلىۋاتقان بۇنداق مۇرەككەپ بىر شارائىتتا بالىلارنى قوغداشتا ھازىرچە ئاتا، ئانىلارنىڭ پەقەت ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن پىكىر توپلاپ بىرلىكتە ئەمەلىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر قوللىنىش ئارقىلىق، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد ئىزدەپ ئامال بار بالىلارنىڭ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشىدىن ساقلىنىشتىن باشقا چارىسى يوق» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.