بارىن ئىنقىلابى-ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ يۈرگۈزگەن ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك نامراتلاشتۇرۇلۇشى، بىڭتۇەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدە كېڭىيىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى قاتارلىق تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر زور، تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر قېتىملىق قوراللىق ئىنقىلابىدۇر. شۇڭا بۇ ئىنقىلاب ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى زامان سىياسىي تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئىنقىلاب ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ، بارىن ئىنقىلابىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ. بارىن ئىنقىلابى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق، يامان غەرەزلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئېچىپ بەرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن، جاھالەتكە باش ئەگمەس ئۇيغۇر روھىغا كۈچ قوشقان ئىنقىلابتۇر. بارىن ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرەش روھىنى قانداق ئويغاتقانلىقى، قانداق ئۇيۇشتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان كۈرەشتە قانداق شېھىت بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ئۇيغۇرلار قىزىقىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنداقتا، بارىن ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار زادى نېمە؟
بارىن ئىنقىلابى يۈر بەرگەن مەزگىل دەل خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بىلەن بىر قاتاردا «ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونلار» قاتارىغا كىرگەن، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن كۈچلىنىۋاتقان بىر دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ دەۋر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نى ئەڭ قەبىھ شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر رايونىغا شىددەت بىلەن ئېقىپ كىرىۋاتقان، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» تارىم دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى چوڭ-كىچىك پۈتكۈل دەريا-ئېقىنلارنى ئىگىلىۋالغان، 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك نوپۇسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىشىغا ئېغىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.
80-يىللار خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولۇپ، 60-يىللاردا تاقالغان قورغاس قاتارلىق چېگرالارنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ، ئۇزۇن ئايرىلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن قايتا كۆرۈشىۋاتقان دەۋر ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ 1960-يىلىدىن تاكى پارچىلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن بولغان گىئو-سىياسەتتە قوللىنىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى چېگرا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، تېزدىن گۈللەنگەن چېگرا ھالقىغان خەلقئارالىق سودا ۋە ئالاقىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ سەۋەب 80-يىللاردىن تاكى بارىن ئىنقىلابى پارتىلىغانغا قەدەر بولغان قىسقىغىنە بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت-سەنئەت، مائارىپ، سودا قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە غايەت زور يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشتى. 1985-يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى دەل بۇ خىل مىللىي ئويغىنىشنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولاتتى.
بۇ دەۋر يەنە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدا كۈچلۈك دىنىي ئويغىنىش باشلانغان دەۋر بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىمۇ ئوخشاشلا دىنىي ئېتىقاد تۇيغۇسى كۈچلەنگەن، ئون يىللىق مالىمانچىلىق ۋە ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى قاباھەتلىك يىللاردا چېقىپ تاشلانغان مەسچىدلەر تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، دىنىي تەلىم-تەربىيەگە بولغان ئېھتىياج ئاشقان دەۋر ئىدى.
بۇ ھەقتە شان روبېرست «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان: «دېڭ شـىيـاۋپـىڭنىڭ ئـىسـلاھاتـى نەتـىجـىسـىدە، خـىتـاي خەلـق جۇمھۇرىيـىتـىنـىڭ ئـىقـتىسـادىنـىڭ ئېشىشـى، ئۇيغۇرلارغـا يېڭى پۇرسەتـلەرنـى ئېلىپ كەلـگەن ئىدى. نۇرغۇن كـىشـىلەر ئـىگـىلـىك تـىكـلەش، ھەتـتا چەت ئەلـگه چـىقـىپ سـودا قـىلـىش پۇرسـىتـىدىن پـايـدىلانـغان ئىدى. شۇنـىڭ بـىلەن بـىر ۋاقـىتـتا، ئۇيغۇر نەشـرىيـاتـچىلـىقـى ۋە مۇزىكـا سـاھەسـى تەكشۈرگۈچـىلەرنـىڭ بـارغـانسېرى قـاتـتىق تەشۈرۈشـىگه ئۇچـراپ، دىنـىي ئەركـىنـلىكـكه قـاتـتىق چەكـلىمه قـويۇلـغانـلىقـتىن، سـىيـاسـىي بـوشـلۇق تـارايـغان ئىدى. كـىشـىلـىك ئەركـىنـلىكـنىڭ قـايـتىدىن بـوغۇلۇشـىغـا سـوۋېت ئـىتـتىپـاقـىنـىڭ پـارچـىلـىنـىشـى ۋە ئـوتتۇرا ئـاسـىيـادا مۇسـتەقـىل (تۈركـىي) دۆلەتـلەرنـىڭ قۇرۇلۇشـىدىن پەيـدا بـولـغان ئۈمـىد قـوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنـىڭ 1990-يـىلـلاردىكـى ئۆز تەقـدىرىنـى ئۆزى بەلـگىلەش تەلىـىپـىنـى كۈچەيـتىۋەتـكەن ئىدى.»
بۇ ۋاقىت يەنە «ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شاۋشيا «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «90-يىللارغا كەلگەندە شىنجاڭ خىتاينىڭ ئېنىرگىيە ئىسىتراتېگىيەسى ئۈچۈن مەخسۇس رايون قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. شىنجاڭنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بايلىق ئارتۇقچىلىقى بولغان ئېغىر سانائەتكە يەنى، نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتال قاتارلىق سانائەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە يۈزلەندى. ئەمما بۇ خىلدىكى كارىخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەركەزنىڭ كارىخانىلىرى بولۇپ، يەرلىكتىن ئىشچى قوبۇل قىلىشى چەكلىك ئىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدىكى زور بىر تۈركۈم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ-كىچىك كارىخانىلار تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش ياكى ۋەيران بولۇش بىلەن تەڭ، غايەت زور مىقداردىكى ئىشچىلار ئىش ئورنىدىن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى».
دېمەك، خىتاي 1949-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم قىلىمىز» دېگەن يالغانچىلىقى بىلەن ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پۈتكۈل سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە قۇرۇپ چىققان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ-كىچىك كارىخانىلار، 1990-يىلىغا كەلگەندە تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش ياكى ۋەيران قىلىنىش باھانىسىدە يوقتىلغان ئىدى. ئەينى دەۋردە جەنۇبتىن شىمالغا، يېزىدىن شەھەرگە كۆچۈرۈلۈپ، بۇ كارىخانىلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىنغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلغان غايەت زور ئىشسىزلار قوشۇنى شەكىللەنگەن ئىدى. لى شاۋشيانىڭ بۇ تەتقىقات ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش-بىڭتۇەنى» قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 70-يىللارغىچە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەلىرىگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆچمەن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1973-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ، ھەر يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئىشچىلارنىڭ سانى 30 پىرېسەنتتىن 50 پىرېسەنتكىچە بولۇشى بەلگىلەنگەن. 1977-يىلىغا كەلگەندە بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىر تۇتاش ئىشچى قوبۇل قىلىش پىلانى تۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان ئىشچىلار سانىنىڭ 50 پىرېسەنتىدىن كەم بولماسلىقىنى بېكىتكەن. ھەتتا 1975-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئىشچىلارنىڭ سانى 50 پىرسەنتتىنمۇ ئېشىپ، 1980-يىللارغا كەلگەندە 73 پىرسەنتكىچە يەتكەن. دېمەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان زور كۆلەمدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارىخانىلاردا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن. ئاتالمىش «ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش» باشلانغاندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا ئىش ئورنىدىن قالىدىغان يەنىلا ئۇيغۇرلار بولغان ئىدى.
تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، بارىن ئىنقىلابى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل ياشاش شارائىتلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىۋاتقان مەرگىلدە مەيدانغا چىققان. بۇ خىل مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتتا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئىنقىلاب، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ۋە دىنىي ئويغىنىشنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىكى، قانۇنسىز باستۇرۇشى ۋە ئېزىشلىرىگە قايتۇرغان ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسى بولغانىدى.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بارىن ئىنقىلابىنى ئاتالمىش «خەلقئارا تېرورلۇق»، «جىھاد ھەرىكەتلىرى» بىلەن باغلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ھالبۇكى، پولاتتەك پاكىتلار ۋە مەڭگۈ ئۆچمەس تارىخلار، ئۇيغۇرلارنىڭ جاھالەتكە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئادالەت كۈرەشلىرى، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ئويغىتىش، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تارىخنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، ئادالەتكە ئېرىشىش يولىدا ھەرگىز چېكىنمەسلىككە كۈچ ۋە جاسارەت ئاتا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.