مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋە دىنىي ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت ئەپەندىلەر بارىن ئىنقىلابىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، ھازىر ياپونىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم شۇ چاغدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلغان بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدىكى سىياسىي تەربىيىۋى ئۆگىنىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
نورۋېگىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى دىنىي ئۇستازلاردىن بىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 92-يىللىق ئوقۇغۇچىسى تۇرغۇنجان ئەمەت بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەردە ئىسلامى دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم شۇ قېتىمقى بارىن ئىنقىلابىنى تەنقىدلەشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ، ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى تونۇشى ۋە مىللىي ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشىغا پايدىلىق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 92- ۋە 93-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىكى بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتى 1996-يىلىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى « 7-نومۇرلۇق ھۆججىتى »دىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.