كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى سەتچىلىكلەرنىڭ ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت(Michelle Bachelet) نىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى بىلەن تۈگەيدىغان-تۈگىمەيدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن. ئەمما ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن جاراھەتلەر، ئۇ پەيدا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئۇ كەتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقئارادا بەلگىلىك غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن.
گېرمانىيەدە جىددىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان «خەۋەرلەر» قانىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى «ۋاقىت ب د ت نىڭ ئۆز ھەقسىزلىقلىرىنى تۈزىتىدىغان ۋاقىتتۇر» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنى ئاۋسترالىيەلىك يازغۇچى جوش فېلدمان يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ سىياسىي لىدېرلىرىنىڭ ھازىرغىچە ھەل بولمىغان ب د ت غا مۇناسىۋەتلىك بىر ئادالەتسىزلىكنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى لازىملىقى ۋە بۇ لىدېرلارنىڭ ھەقسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلارنى ئاقلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىنىڭ باش پىرسۇناژى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشتىن بوشۇتۇلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېمما رېيلىي خانىم ۋە ئېمما رېيلىي مەسىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا مەسئۇل بولغان ب د ت ئىچكىي ئىختىلاپلار كوللېگىيەسىنىڭ رەئىسى روۋان دوۋنىڭ ئەپەندى بولغان. روۋان دوۋنىڭمۇ ھەقتە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشۇتۇلغان.
ماقالىدا تەسۋىرلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېمما رېيلىي خانىم 2013-يىلىدىن بۇيان ئۆز باشلىقىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتناشماقچى بولغان ئۆكتىچى ئۇيغۇرلارغا دائىر مەلۇماتلار بىلەن خىتاينى تەمىنلەپ تۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ب د ت نىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا مەلۇم قىلغان. ئۇ ئۆز شىكايەتلىرىدە، ئۇچۇرلىرى تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتايدا خەتەرگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ مەسىلىگە بولۇپمۇ ب د ت باش كاتىباتلىقىنىڭ جىددىي قارىشى لازىملىقىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىنكاس قىلغان.
ماقالىدە يېزىلىشىچە، خىتايغا ھەر قېتىم بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تىزىملىكنىڭ بېشىدىن د ئۇ ق نىڭ ھازىرقى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئورۇن ئالغان. بىراق، ب د ت دا ئېمما رېيلىي خانىمنىڭ شىكايەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولمىغان. ئېمما رېيلىي خانىم ئۆز ئاۋازىنى ھېچكىمگە ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە مەلۇم قىلغان. گوللاندىيەنىڭ 2019-يىلىدىكى بىر جاۋاب خېتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭ خەتلىرىگە جاۋاب بەرمىگەن. بۇخىل ھەقسىز سۈكۈتكە چىدىمىغان ئېمما رېيلىي خانىم ۋەقەنى 2021-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىۋەتكەن ھەمدە ب د ت نى «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولدى» دەپ ئەيىبلىگەن. غەربتىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئەنگىلىيەنىڭ BBC، ئامېرىكانىڭ Politico، فرانسىيەنىڭ Le Monde قاتارلىق كۆپلىگەن گېزىتلار بۇ ۋەقەنى قىزىق تېما سۈپىتىدە تارقاتقان.
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى ۋەقەنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ب د ت دا خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان سەتچىلىكنىڭ 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە 6 قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئېمما رېيلىي خانىم بۇنىڭ بىلەن 2021-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە ئۆز خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان. ب د ت دائىرىلىرى يەنە شىۋېتسارىيە ساقچىلىرىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ، ئېمما رېيلىيغا «ئاشكارا سورۇنلاردا شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلىمەسلىك» نى ئاگاھلاندۇرغان.
ئېمما رېيلىي خانىمنىڭ «ب د ت نىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكى» ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ۋەزىپىسىگە ب د ت ئىچكىي ئىختىلاپلار كوللېگىيەسىنىڭ رەئىسى روۋان دوۋنىڭ ئەپەندى مەسئۇل قىلىنغان. بۇ سوتچى ئەپەندى ئېمما رېيلىي خانىمنى ئەيىبلەشنىڭ ھەقسىزلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ تەكشۈرۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قىزىقارلىقى، ئۇ ئېمما رېيلىي خانىمنى توغرىغا چىقىرىدىغان ئاخىرىقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىشتىن 10 كۈن بۇرۇن توساتتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىشتىن ھەيدەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ب د ت دا ھەقتە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئىككىگە يەتكەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ب د ت دا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار بولغان بۇ ئادالەتسىز ۋەقە خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» خەلقئاراغا تېخى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئاشكارا بولمىغان بىر چاغدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى يېتەرلىك دەرىجىدىكى دەلىللەر بىلەن ئاشكارىلانغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەزكۇر ۋەقەنىڭ ھازىرغا قەدەر خۇلاسىسى چىقمىغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ھازىرغا قەدەر سەلبىي بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، مىشېل باچېلېت ئالىي كومىسسار بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى، بۇ ئورۇننى ئىسلاھ قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ، ب د ت نى ئىسلاھ قىلىشنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارالىق بىر پىكىر ئېقىمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ۋاقىت ب د ت نىڭ ئۆز ھەقسىزلىقلىرىنى تۈزىتىدىغان ۋاقىتتۇر» ناملىق ماقالىدە بۇ ۋەقەنىڭ جەريانلىرى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالە مۇنداق جۈملە بىلەن ئاخىرلاشقان: «مىشېل باچېلېتنىڭ ب د ت دىكى ئالىي كومىسارلىق ۋەزىپىسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بېيجىڭنى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەن ئىشخانىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ بۇ ئىشتا ئىنتايىن ئېغىر مەسئۇلىيىتى بار. ئەپسۇسلىنارلىقى، يېتەرلىك دەرىجىدىكى خەلقئارالىق بېسىمنىڭ تۈرتكىسىدە تاشقىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ ۋارىسىنىڭ (مىشېل باچېلېتتىن كېيىن تەيىنلىنىدىغان ئالىي كومىسسارنىڭ) ب د ت نىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشلىرىنى قوللىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئاساسىمىز يوق. ئەگەر بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي لىدېرلىرىگە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ھەقتە چىڭ تۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدىغان بىر ۋاقىت نىسىپ بولىدىغان بولسا، بۇ دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدۇر. بەلكى بۇ ۋاقىت ئالىقاچان كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى.»