ب د ت جەنۋە دوكلاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.09.02
ب د ت جەنۋە دوكلاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتى. 2022-يىلى 1-سېنتەبىر، جەنۋە.
AFP

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئۇزۇندىن بۇيان ئېلان قىلىنىشى كۆپ توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۈر دوكلات، خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ «خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ناھايىتىمۇ تەسكە توختىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك، دوكلات گەرچە بىر يىل بۇرۇنلا كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىياىتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئېلان قىلىنمىغان. بۇ جەرياندا مىشېل باچېلېتمۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئەمما بۈگۈن بۇ دوكلات ئاخىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈشىگە نېسىپ بولدى.

دوكلاتنىڭ مىشېل باچېلېت خىزمىتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا تۇيۇقسىز ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە مۇھىم سىياسىي ئەربابلار، تەتقىقاتچىلار، كۆزەتكۈچىلەر شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدە قاراشلىرى سوتسىيال ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قاپلىدى.

ئامېىكا ئاق سارايىمۇ 1-سىنتەبىر بايانات بېرىپ، بېرىلىشىگەيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقىنى دەرھال توختىتىپ، چەكلىمىسىز ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى يۆسېف بوررېلمۇ، 1-سېنتەبىر بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار بۆلۈمىمۇ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە خالىغانچە تۇتۇلغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

مىشېل باچېلېتمۇ 1-سېنتەبىر كۈنى ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق دوكلاتنىڭ كېچىكىپ ئېلان قىلىنىشى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. يەنى ئۇنىڭ دېيىشىچە، دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە كۈنلەر ئاۋۋال، مەزكۇر دوكلاتتىن بىر نۇسخىنى تاپشۇرۇپ ئالغان خىتاي، باچېلېتقا دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىق ھەققىدە قاتتىق بېسىم قىلغان. شۇنداقتىمۇ باچېلېت بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن، دوكلاتنى تۈرلۈك بېسىملارغا قارىماي ئېلان قىلغان.

دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتقا، «ئامېرىكا باشلىق ئاز سانلىق غەرب كۈچلىرىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىغان ئويۇنى» دەپ بايانات بەردى.

ئۇ ھالدا بۇ دوكلات نېمە سەۋەبتىن خىتاينىڭ بۇنچە كۈچلۈك قارشىلىقى ۋە ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىدى؟

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرى 5 نۇقتىدا ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇلار: 1) خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش؛ 2) تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قىيناش؛ 3) مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش؛ 4) دىنىي باستۇرۇش؛ 5) مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئىسپاتلار، تەتقىقاتلار ۋە گۇۋاھلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان.

يۇقىرىقى 5 نوقتىدىكى ئەيىبلەشلەر ناھايىتى ئىنچىكە تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، خىتاي قانۇنلىرى بىلەن خەلقئارا قانۇنلار ئارىسىدىكى پەرق ۋە خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈشىدىكى خەلقئارا ئۆلچەمگە خىلاپ قىلمىشلار تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشىدا 2015-يىلى ئېلان قىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە 2017-يىلى ئېلان قىلغان «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نىزامى» نى ئاساس قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ قانۇن ۋە نىزاملارنىڭ خەلقئارا تېرورلۇق ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، خىتاي ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن ئۆلچ ەملەر بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشتا «قانۇنىي ئاساس» قا تايانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش بولىدىغانلىقى دېيىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار، گۇۋاھلىقلار پۈتۈنلەي ئىشەنچلىك دەپ باھالانغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىغا تەۋە، پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل بولغان، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھەل قىلىدىغان ۋە ھەل قىلىش تەكلىپىنى بېرىدىغان خەلقئارا ئورگاندۇر. يەنى، كونكېرتراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر مىللەتنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش دەل مەزكۇر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئورگىنىنىڭ خىزمىتى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر. شۇڭا بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ئۈستىدە بۇنداق بىر دوكلاتنى يېزىپ چىقىشى ۋە بۇ زۇلۇملارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاينىڭ قىلمىشىنى خەلقئارا جىنايەت دەپ ئاتىشى، ئۇيغۇرلار ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەلۋەتتە بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس.

ئەمما بۇ دوكلاتنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، خىتاي بۇ دوكلات سەۋەبلىك خەلقئارادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. تاكى خىتاي ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، مۇستەقىل ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنى باھالىغۇچە، خىتاي ئىزچىل يوسۇندا ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش تەرەپدارى بولغان خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاستا-ئاستا يېتىم قالدۇرۇلىدۇ.

خەلقئارا جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، دەل خىتاينى سەكرىتىۋاتقان، بۇ جىنايەتنى ئىنكار قىلىشقا، ئۇيغۇرلارنى يالغانچى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.

دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆز ئاۋازىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلدى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا مەجبۇرىي ئارتىپ قويغان «تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك» تىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى پەردازلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك جىنايەتلىرى» نى تەشۋىق قىلغاندا، ھېچۋاقىت 1985-ۋە 1988-يىلىدىكى «ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى»، 1990-يىلىدىكى «بارىن ئىنقىلابى»، 1997-يىلىدىكى «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دەك ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى خەلقئارا جامائەتكە تەپسىلىي ئاشكارىلىمىغان. بەلكى مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ، مۇستەملىكە سىياسەتلەرگە بولغان قارشىلىقى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. تاكى 2017-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي چەكلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، كەسپىي تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېر سىستېمىسى ئاشكارىلانغانغا قەدەر، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا چوڭ دىققەت قوزغىمىغان مەسىلىلەر قاتارىدا بولۇپ كەلگەنىدى.

ئەمما 2017-يىلىدىن باشلاپ بۇ ھالەتتە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى. تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىشى، خىتاينىڭ لاگېر سىستېمىسىغا ئائىت بىر قانچە تۈرلۈك مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن ئاشكارىلىنىشى، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك تەتقىقاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىردىنلا خەلقئارا كۈن تەرتىپتىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇنچە تېز خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئالاقىدار بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇش ئېھتىماللىقى، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جازا لاگېرلىرى سىستېمىسىنىڭ قايتا پەيدا بولغانلىق خەۋپى دۇنيانى چۆچۈتكەنىدى. چۈنكى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى ئاخىرلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇنداق فاشىزملىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە خەلقئارا ۋەدە بار ئىدى. ئەپسۇس، بۇ ھادىسىنىڭ تىنچلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىۋاتقان 21-ئەسىردە قايتا پەيدا بولۇشى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە زور تەھدىت پەيدا قىلىدىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى. دەل شۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا سەھنىسىدىكى ھەل قىلىنىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلدى، گۇۋاھلىقلار، لاگېر شاھىتلىرى، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر قاتارلىق بارلىق ئىسپاتلارنى بىردەك ئىنكار قىلىپ كەلدى.

ئەمما ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ دوكلات، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان «لاگېر مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس! ئۇيغۇرلار ئامېرىكانىڭ پېشكىسىغا ئايلاندى! ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ ئويۇنى! . . . . . .» دېگەندەك ئاساسسىز تۆھمەت ۋە ئىنكار قىلىشلارنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

خىتاينىڭ يالغانچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەتقىقاتچىلار، دۆلەتلەر، ئورگانلارنىڭ، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى قوغداپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بارلىق دۇنيا ئەھلىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

دېمەك، بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى شۇكى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن مەزكۇر دوكلات ئارقىلىق بىر تامغا بېسىلدى. بۇ تامغا خىتاينىڭ ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» نىڭ روياپقا چىقىشىغا ئەڭ كۆپ توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدىغان ئامىلدۇر. ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى قوغداش ب د ت غا ئەزا بولغان ۋە «رىم ئەھدىنامىسى»، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياناتنامىسى» قاتارلىق تۈرلۈك خەلقئارا نىزام ۋە قانۇنلارغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيتىدىن ئىبارەت بۇ جىنايەتچىگە تېگىشلىك جازا بېرىش ۋە ئۇ ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، بۇنىڭدىن كېيىن يالغۇز ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىسى بولماستىن، بەلكى خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىگە ئايلاندى دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىگە كۈچ، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئارزۇلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىغا بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.