ب د ت نىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىن كېيىنكى قەدەملەر قانداق بولۇشى كېرەك؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.09.12
sofiy-richardson-Sophie-Richardson كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى سوفىي(Sophie Richardson) رىچاردسون خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 14-يانۋار، نيۇ-يورك.
AFP

8-ئاينىڭ 31-كۈنى يېرىم كېچىدە تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بىر نەچچە مىنۇت ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئاخىرى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى باستۇرۇپ قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، قېيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىشتەك كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەر بىرمۇ-بىر ئىسپاتلىرى بىلەن يېزىپ چىقىلغان ۋە ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى يەكۈنلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك مۇمكىنچىلىكنىڭ مۇستەقىل ۋە ھۆكۈمەتسىز بىر ئورگاننىڭ مۇتەخەسسسىلىرى تەرىپىدىن دېىيىلىشى خەلقئارادىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇنداقتا ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنداق بىر ۋەھشىيلىككە قارشى قانداق تەدبىر ئالىدۇ؟ مانا بۇ سوئاللار يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى مۇنازىرە قىلىۋاتقان مۇھىم تېمىغا ئايلاندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى، دوكتور سوفېي رېچاردسون 8-سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر كۆز قاراش ماقالىسى ئېلان قىلىپ ئېـتىلىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنى بىرمۇ-بىر شەرھلەپ چىققان. ئۇ ب د ت نى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:

«ب د ت 'نىڭ دوكلاتىنىڭ كېچىكىپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىنى ئۇزارتىۋەتتى. ئەمدى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ب د ت ئورگانلىرى بۇ دوكلاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن ھەرىكەتلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋاز چىقىرىپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنى قوغدىشى كېرەك. ئالدى بىلەن بېيجىڭنىڭ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تەنقىدىي ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار بار بولغان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەر تەدبىر قوللىنىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، بۇ خىل تەھدىتلەرنى دەرھال تەكشۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.»

سوفېي رېچاردسون ماقالىسىدە يەنە، دوكلاتتىكى ئەڭ زور دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك نوقتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئائىلىلەرنى پارچىلاش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى يەنى چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ئائىلىلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇڭا ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتۈرۈشى، بېيجىڭغا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سوفېي خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە خىتاي ئىچىدىكىلەرنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈشىنى رەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن، ئەمما مۇقىم ۋە داۋاملىق قىلىنغان دىپلوماتىك بېسىم ئارقىلىق بۇنداق رەددىيەلەرنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

«ھۆكۈمەتلەر تېزدىن ھەرىكەتلىنىپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن تۇغقانلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىشى، ھەمدە بۇ كىشىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.»

سوفېي خانىم ماقالىسىدە يەنە ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق بۇ دوكلاتقا ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرىدىغان تەجرىبىلىك تەكشۈرگۈچىلەرنى ئىشقا سېلىشىنى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئارگېنتىنا سوتىغا ئەرز قىلغاندەك، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتمىلىقى بولغان جازا تەدبىرلىرىنى قويۇش ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن بۇ دوكلاتنىڭ چوقۇم ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېچىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېچىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەسمىي يوسۇندا تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەك. ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشى ئۈچۈن يىغىندا ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە مۇنازىرە بولۇشى كېرەك.»

مايا ۋاڭ يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئارقىلىق بىر تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

«كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان مېخانىزملارنى يەنى خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتى (International Commissions of Inquiry) كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى (Commissions on Human Rights) ۋە پاكىت تېپىش ۋەزىپىسى (Fact-Finding missions) قاتارلىق مېخانىزملارنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بۇلار تەكشۈرۈشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ»

سوفېي رېچاردسون خانىممۇ ماقالىسىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 12-سېنتەبىر جەنۋەدىكى يىغىنى ئېچىلغاندا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم بۇ دوكلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مەركىزى مەسىلە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ دوكلات ھەققىدە مەخسۇس بىر قارار ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى ۋە خىتاي توغرىسىدا مەخسۇس بىر يىغىن تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«دوكلاتنى كېڭەشنىڭ كۈن تەرتىپىگە رەسمىي قويۇش رەسمىي تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ب د ت يېقىندا بىرمىدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا شۇنداق ھەرىكەت قىلدى».

مايا ۋاڭ بولسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاش ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەزكۇر دوكلات نېمە قىلدى دېگەندە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس سالدى. ئەمدى بىز ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يورۇقلۇققا چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز، كۆرۈشىمىز كېرەك. ھەممىزگە مەلۇم بولغاندەك خىتاي بۈگۈنگىچە قۇدرىتىنى ئىشقا سېلىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قۇتۇلۇپ كەلگەن».

سوفېي رېچاردسون خانىممۇ ماقالىسىدە بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە «نۆل-كوۋىد» سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۈمىد بولغىلى، ب د ت دا خىتاينىڭ ئەمەس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنىڭ ئۆتىدىغانلىقى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.