ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جەنۋەدە مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى قانچىلىك مۇھىم؟

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكەن ئايدا «ئۇيغۇر دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا باشلىق بىر قانچىلىغان غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دەرھال ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مەخسۇس مۇزاكىرىگە قويۇلۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. نۆۋەتتە جەنۋەدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەر جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە مۇزاكىرىگە قويۇش ھەققىدە بىر تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغان ئىدى. مەزكۈر تەكلىپ لايىھەسى بۇ قېتىملىق جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 7-ئۆكتەبىر مەزكۇر يىغىن ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بۇ تەكلىپنىڭ قوبۇل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەممىمىزگە ئېنىق بولىدىكەن.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، مەزكۈر لايىھە بۇ قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئاۋازدىن ئۆتسە، ئۇيغۇر مەسىلىسى، 2023-يىلى 2-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەسمىي يوسۇندا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىكەن. ئۇ ھالدا بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئالاھىدە مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى بولۇپ قالىدىكەن.

ئۇنداقتا، نۆۋەتتە جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق رېئال ئەھمىيىتى بار؟

مەلۇمكى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەزەلدىن تەن ئالغىنى يوق. ئەكسىچە، خىتاي خەلقئارادا ئىزچىل يوسۇندا ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ قېتىمقى جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەمەلدارلار ۋە قىزىل ئاكتىپلاردىن بىر ئۆمەك ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايىتىنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىللىرى» نىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. خىتاي تەرەپ مەزكۇر يىغىندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «سىياسىي مەقسەت» لىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللىنىپ، يالغان ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، شۇنداقلا قەستەن خىتاينى «قارىلىغان» لىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى «سىياسىيلاشتۇرۇشى ۋە قورال قىلىۋېلىشى» نى ئەيىبلىگەن.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىلا مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە خىتاينى يەنىلا قاتتىق بىئارام قىلغان. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇشقا ئۇرۇنىشىمۇ، دەل بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. دېمەك، خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەھمىيىتى بار.

ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئېغىر زۇلۇم چېكىۋاتقان ۋە بۇ زۇلۇملارغا قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلگەن بىر خەلقتۇر. شۇنداق بولسىمۇ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقلىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىق» تۆھمىتى ئاستىدا خەلقئارا جامائەتنىڭ نەزەرىدىن ساقىت قىلىنىپ كەلگەنىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسى ب د ت نىڭ جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بۈگۈنكىدەك قىزىق تېما بولمىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا كىرەلمەي كەلگەنىدى. بولۇپمۇ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن تاكى 2016-يىلى باشلانغان «ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى» غا قەدەر ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ بۆھتانلىرى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا بەكمۇ قىينالغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە خىتاي ھاكىمىيىتى دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادتا كۈچىيىپ، ب د ت ئىچىدىكى تۈرلۈك خەلقئارا ئورگانلاردا ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىگەن، تەسىر دائىرىسىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈچەيتكەن، قىسقىسى پۇل تاپقان، يول تاپقان ۋە يۈز-ئابروي تاپقانىدى. خىتاينىڭ ئامىتى كەلگەن بۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئاساسەن ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلاردىن ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلىنىشىغا سەلبىي قارايدىغان بولغانىدى. ھالبۇكى، ئويلىمىغان يەردىن ئەۋجىگە چىققان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ماجراسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ تارىخىي پۇرسەتلىرىنى ياراتتى. بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى 30 يىللىق پىلانىنى دۇنياغا جاكارلىدى. مەزكۇر پىلاندا خىتاينىڭ 2050-يىلىغا كەلگەندە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندى. 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ خەلقئارادا ھەيۋىسى كۈنسېرى ئېشىپ، «دېموكراتىيەنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى» ۋە يېقىن كەلگۈسىدە «غەرب چۆكۈپ، شەرق قەد كۆتۈرىدىغانلىق» سەپسەتىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى. تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەندە بولسا، دۇنيانىڭ يېقىنقى «يۈز يىلدا كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئۆزگىرىش» ىدە، ئاتالمىش «خىتاي مودېلى» نىڭ يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىنى بېكىتىشكە ئۆرنەك بولىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى.

دېمەك، خىتاينىڭ مەزكۈر 30 يىللىق پىلانى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىش بولۇپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇرغۇزۇلغان يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپى «سوغۇق ئۇرۇش» تىن كېيىن، يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەنىدى. يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1945-يىلى قۇرۇلۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش-ب د ت نىڭ پرىنسىپى قىلىنغان ئىدى. بۇ پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى بىلەن روياپقا چىقىدىغانلىقىدا ب د ت دا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان ئىدى. 1948-يىلى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە قوغداشنىڭ قەدىمى ئېلىنغانىدى. دېمەك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئاساسىي دەپ تونىغان ئىدى. ئەمما «سوغۇق ئۇرۇش» تا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ بۇ قىممەت قاراشلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاقىۋەتتە مەغلۇبىيەت بىلەن يەر يۈزىدىن مەڭگۈلۈك يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەھدىت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزباسارى بولغان خىتايدىن كېلىشكە باشلىدى. ناۋادا بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ ئورنىنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «خىتاي مودېلى» دىن ئىبارەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق مودېلى ئالسا، ئۇ ھالدا ب د ت نىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بۈگۈنكى مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىشى ھەرگىزمۇ تەساددىپىي يۈز بەرگەن ئەمەس، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش-بولماسلىقى بۈگۈن بىۋاستە ھالدا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە «ئورتاق قىممەت قاراشلار» نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى. كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىك ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىش دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىۋاسىتە ھالدا دېموكراتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ تاقلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.

دېمەك، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەسمىي مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچى بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يول ئېچىش ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 47 دۆلەت ئىچىدە خىتاينى ئەيىبلەشتە ئىختىلاپ يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى بۇ ئىختىلاپلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئاساس بولىدۇ. بۇ ھەقتە گېرمانىيە كونراد ئادېنائور فوندى (Konrad-Adenauer-Stiftung) نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ئولاف ۋىنتزېك (Dr. Olaf Wientzek) مۇ ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى قوبۇل قىلىنسا، بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىغا ئايلىنىدۇ».

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتايغا قارشى تۇرۇشنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. «مۇھاپىزىتچى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، 27-سېنتەبىر خىتايمۇ جەنۋەدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۆز ئالدىغا «جەنۋە ئۇيغۇر دوكلاتى» نى ئېلان قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ نارازىلىق باياناتى ب د ت دىكى 30 دەك دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما خىتاينى قوللىغان بۇ 30 دۆلەتنىڭ ئاران سەككىزىلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىملىق ئۇيغۇرلارغا دائىر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى 47 دۆلەت ئىچىدە، 15 تىن 18 گىچە بولغان دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكىگە قارىتا ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى، يەنى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ چېگرا رايونلاردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئېچىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغان، دېيىلگەن.

دېمەك، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ قېتىم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى 51-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يغىىنىدا سۇنۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئاۋازدىن ئۆتۈشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم خىتاي ئۈچۈن كەلگۈسى 30 يىللىق پىلانى بويىچە ئاتالمىش «خىتاي مودېلى» نى دۇنيانىڭ يېڭى كۈنتەرتىپىگە ئۆرنەك قىلىش ئارزۇسىنى سۇغا چىلاشتۇرىدىغان «تەكلىپ» تۇر. ئۇ ھالدا خىتاي تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىدىيەسى دېموكراتىك قىممەت قاراش بىلەن بولغان رىقابەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.

شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى مۇنداق ئۈچ نوقتىدىن شەرھىيىلىگەن بولۇپ، 1) شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش-شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك ئىپادىلىنىشى؛ 2) شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىالىزىم قۇرۇش-بۈيۈك سىياسىي نەزەرىيەنىڭ مەھسۇلى؛ 3) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئىدېئولوگىيىسىنىڭ شىنجاڭدا ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى ۋەھاكازالار. دېمەك خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنىچىلىق ئۇسلۇبى دەل «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى» نىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسىدۇر.

قىسقىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدەك خەلقئارا جامائەت سورۇنىدا ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىنىشى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان سەھنەدۇر. خىتاينى قورقۇتىدىغىنى دەل بۇ نوقتا بولۇپ، ناۋادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەسمىي يوسۇندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتلسە، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «خىتاي مودېلى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مودېلى ئىكەنلىكىدەك رېئاللىق ئاشكارىلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىنىڭ زاۋاللىقى تېخىمۇ يېقىنلايدۇ.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.