خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 4-يانۋار كۈنى يەنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا بىر ئاي قالغاندا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مەيدانىنى زىيارەت قىلغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇنيا ۋەزىيىتىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات ئەۋجىگە چىققان پەۋقۇلئاددە بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ شەخسەن ئۆزى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىزمەتچىلەرگە مەدەت بېرىشىگىمۇ كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پېڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويدى.
خۇپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئەلۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىكىدا بۇنداق مەسىلە يوق ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلغىنىدا، سابىق پرېزىدېنت جورج بوش تەكلىپكە بىنائەن بارغانىدى. ئەلۋەتتە ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ كۈچلۈك بولغانىدى. ئەمما 2008-يىلدىكى بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىم دەپ بىلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئابرۇي قازانغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشلار بىرقەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانىدى».
خۇ پېڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغان دۆلەتلەرنى ئاتاپ ئۆتتى.
خۇ پىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بۇنچە كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىشىشى، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى نۆۋەتتە يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان قاتتىق ئەيىبلەش ۋەزىيىتى ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلاردىن كىچىك ئىشلارغىچە ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان، داھىيلىق نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنىدىغان دىكتاتورلۇق ماھىيىتى ۋە خىتايدا بارغانچە ئەۋجىگە چىققان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ نامايان قىلىنىشى ئىكەن.
ئاسىيە خانىم يەنە شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «غەرب چۆكۈۋاتىدۇ، شەرق كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېگەن قاراشنىڭمۇ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەۋجىگە چىققان خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىش، خىتاينىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئەۋج ئالماقتىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ 4-يانۋار كۈنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدانىنى شەخسەن كۆزدىن كەچۈرۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، 2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن شارائىتنىڭ 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن شارائىت بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى بىلەن خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتايغا بولغان خەلقئارالىق ئەيىبلەشنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، خىتايغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن 4-يانۋار كۈنىنىڭ ئۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ئەپەندى تۋىتتېر تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ھازىردىن ھېسابلىغاندا قىشلىق ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىغا يەنە بىر ئاي بار. ھازىر توغرا دەپ بىلگەن ئىشلارنى قىلىشىمىزغا ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا كېچىكمىگەن بولىمىز» دېگەن.
4-يانۋار كۈنى يەنە ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى تولۇق بايقۇت قىلىش نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مايىك پومپىيونىڭ 4-يانۋار تۋىتتېردا ئېلان قىلغان «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى» ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختالدى.
ئىلشات ھەسەننىڭ تەكىتلىشىچە، كەلگۈسى بىر ئاي ئىچىدە پۈتكۈل دۇنيا بويىچە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى تولۇق بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى ۋە ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بايقۇت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدىكەن.