بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاشكارا قوللىغانلار ۋە قارشى تۇرغانلار
2022.01.25
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا دەل 10 كۈن ۋاقىت قالغاندا، ئۇنى قوللىغۇچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كۆرەشلىرى ھىلىھەم داۋام قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئولىمپىك تارىخىدىكى قارا داغ» ياكى «ئولىمپىكنىڭ تارىخىي خاتالىقى» دەپ قارىلىۋاتقان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كۈچلۈك زىددىيەتلەر ئارىسىدا تارىختىكى ھېچقانداق بىر مۇسابىقىغا ئوخشىمايدىغان ناچار تەسىر ئاستىدا ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەتلەرنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرۇشى 3 خىل ئۇسۇلدا داۋام قىلماقتىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئاشكارا دېپلوماتىك بايقۇت. ئىككىنچىسى، كورونا ۋاباسىنى سەۋەب قىلىش. ئۈچىنچىسى، ھەرخىل باھانىلار بىلەن رەت قىلىش. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دۆلەتلەرنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، لېكىن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ھەممىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
BBC نىڭ 25-يانۋار ئېلان قىلغان «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشماقچى بولغان دۆلەتلەر قايسىلار؟» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ياكى يېپىلىش مۇراسىملىرىغا ئەينى زاماندىكى ئامېرىكا پرىزدېنتى جورجې بۇش، فرانسىيە پرىزدېنتى نىكولاس ساركوزىي، ئاۋىسترالىيە باش مىنىستېرى كەۋىن رۇد، ياپونىيە باش مىنىستېرى ياسۇئو فۇكۇدا، ئەنگىلىيە باش مىنىستېرى گوردون بروۋىن قاتارلىقلار قاتناشقان. بىراق بۇ قېتىم يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ياكى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىكەن.
2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاشكارا دېپلوماتىك بايقۇت قىلغان دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، دانىيە ۋە لىتۋا بولغان. لىتۋا پرىزدېنتى گىتاناس نائۇسەدا 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇنجى بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكانىڭ ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى دۆلەت نامىدىن رەسمىي دېپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلغان.
كورۇنا ۋاباسىنى سەۋەب قىلىپ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئاۋسترىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، يېڭى زىلاندىيە، لاتۋىيە ۋە شىۋېتسىيە بولغان. باشقا سەۋەبلەر بىلەن قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئىسلاندىيە ۋە ياپونىيە بولغان.
ئۇ ھالدا، ھازىرغا قەدەر 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاشكارا قوللىغانلار كىملەر؟
بۇلار ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، پولشا پرىزدېنتى ئاندىرزېج دۇدا، ئارگېنتىنا پرىزدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز، قازاقىستان پرىزدېنتى قاسىم توقايېف، پاكىستان باش مىنىستېرى ئىمران خان، چېخىيە پرىزدېنتى مىلوس زېمان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان.
چېخىيە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى» ئېتىراپ قىلغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما پرىزدېنت مىلوس زېمان «ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى» شەخس بولغاچ، بۇ مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىمالىي كورىيەمۇ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ئۇ «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن» مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولغاچ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاشكارا بايقۇت قىلىشقا پېتىنالمايۋاتقان بولۇپ، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ بېيجىڭغا بېرىش قارارىنى ئېلىشىمۇ، خىتاينىڭ ب د ت غا بېرىۋاتقان ياردەم پۇلى سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نورۋېگىيەدىكى لاگېر مۇتەخەسسىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان-قاتناشمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن. مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بارمايدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە باش مىنىستېرنىڭ ئېنىق بىر ئىپادىسى يوقكەن. فرانسىيەدىمۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەۋەتمەسلىك تەشەببۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق پرىزدېنت ماكرون «دېپلوماتىك بايقۇتنىڭ ئەمەلىي بىر ئۈنۈمى يوق» دېگەن قاراشتىكەن. يەنە كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتىكەن.
«بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشماقچى بولغان دۆلەتلەر قايسىلار؟» ناملىق خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىشىچە، مەيلى دېپلوماتىك بايقۇت قىلغانلار، كورونا ۋاباسىنى باھانە قىلغانلار ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ رەت قىلغانلار بولسۇن، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى نەزەردە تۇتقان ۋە خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنى دىققەتكە ئالغان دۆلەتلەر ئىكەن.