بەرباپتىن پىپاغىچە: خىتاي سۇلالىلىرى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى قانداق ئۆزلەشتۈرىۋالغان؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا سەنئىتى ئۇزۇن تارىخقا ۋە شانلىق مىراسلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە بارلىققا كەلگەن مەركىزى ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ بولۇپمۇ، كۈسەن مۇزىكىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتىگە بىباھا تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن 12 مۇقام ۋە ئۇيغۇر مەشرەپ - نەغمىلىرى بىزگە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن تارىخىي ئىزچىللىققا، شۇنداقلا زەنجىرسىمان ئۇلانغان تارىخىي قاتلاملارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلاردىن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە تارقالغان بىر قىسىم چالغۇ ئەسۋابلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ خىل سازلاردىن بەرباپ (خىتايچە پىپا دەپ ئاتالغان) ، قۇمۇل غېجىكى (خىتايچە «ئەرخۇ» دەپ ئاتالغان) نەي، سۇناي، بۇرغا، بالىمان ۋە داپ قاتارلىقلار بار.

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تور سەھىپىلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە، كۈسەن دىيارىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان چالغۇ ئەسۋابلار تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چالغۇ ئەسۋابلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق سازلىرى»غا قاراپ تەرەققىي قىلغان دەيدىغان ياكى ھەقىقەتنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ، بۇ سازلار «خىتايلاردىن ئۇيغۇر دىيارىغا تارقالغان» دەپ قارايدىغان تەشۋىقاتلار ئىگىلىمەكتە.

ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىمۇ بەرباپ قاتارلىق سازلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر سەنئىتىدە ئىستېمالدىن قالغانلىقى، قومۇل غىجىكىنىڭ پەقەتلا قومۇل تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك سەنئىتىدە قوللىنىش ئەھۋالىغا قاراپ، بۇ سازلارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتايلارغا تارقالغان سازلار ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇلارنى «خىتاي چالغۇ ئەسۋابلىرى» دەپ قارايدىغان ئەھۋاللارمۇ ھەم مەۋجۇت. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار تەرىپىدىن خىتاي مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىبىي قىسمى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە قاراشلارنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققەت-نەزەرىگە سۇندۇق.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى» ناملىق كىتابىدا، «كىتاب كالامى»، «يى نەسىھەتلىرى» ۋە «موزىنىڭ نەغمىنى رەت قىلىشى» قاتارلىق قەدىمكى خىتاي يازما مەنبەلىرىگە ئاساسەن، ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە تارقالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بەرگەن. خىتايلار «غەربىي دىيار مۇزىكىسى» دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر مۇزىكىسى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەتلا ئاسما-سوقما مىس قوڭغۇراق ئەسۋابلىرى قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. خەن سۇلالىسى ئوردىسىدا «يۈتىيەن نەغمىسى» يەنى «ئۇدۇن چوڭ نەغمىسى» ئوينالغانلىقى «غەربىي پايتەخت خاتىرىلىرى» ناملىق يازما خاتىرىگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ.

خەن سۇلالىسى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، خوتەن مۇزىكىلىرى خەن سۇلالىسى ئوردىسىدا ئوينىلىدىغان بولۇشى تەساددىپىي ئەمەس. فولكلورشۇناس ئابدۇكېرىم راخمان، ئۇيغۇر مۇزىكىسى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدىكى مۇزىكا ئالاقىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق مەلۇماتلارنى بەرگەن: «‹جىننامە-مۇزىكا شەجەرىسى› ناملىق كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ئەسۋابلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ كىتابتا ‹جاڭ چيەن ئەينى زاماندا غەربىي دىياردىن داپ، بۇرغا ھەمدە ئۇنى چېلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تونۇشتۇرغان› دەپ يېزىلغان. ياپونىيە تارىخچىسى گاۋسىماڭ شونجى ‹جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخى› ناملىق كىتابىدا، ‹جاڭ چيەن غەربتىن قايتقاندىن كېيىن، خۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئىككى مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ چېلىنىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەلگەن› دەپ كۆرسىتىلگەن.»

خوتەن يوتقان خارابىسىدىن تېپىلغان، يىل دەۋرى 1-3-ئەسىرلەرگە تەۋە ساپالدىن ياسالغان سازەندە مايمۇن ھەيكىلى، ھازىر بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيى ئۋرېل ستەيىن يىغمىسىدا ساقلانماقتا. مەنبە: © The Trustees of the British Museum
خوتەن يوتقان خارابىسىدىن تېپىلغان، يىل دەۋرى 1-3-ئەسىرلەرگە تەۋە ساپالدىن ياسالغان سازەندە مايمۇن ھەيكىلى، ھازىر بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيى ئۋرېل ستەيىن يىغمىسىدا ساقلانماقتا. مەنبە: © The Trustees of the British Museum

يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسسۇلى، مۇزىكىلىرى، تىياتىر، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، نىقابلىق ئۇسسۇل تىياتىرى، سېرىك، قىزىقچىلىق قاتارلىقلار سەنئەت تۈرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقالغانلىقى مەلۇم. خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، غەربىي دىيار مۇزىكىلىرى شۇ ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ پايتەخت شەھەرلىرىدە ھەيۋەتلىك ھەربىي ئوركېستىر ۋە ساراي نەغمىلىرىنىڭ ئاساسى قىلىنغان. ئۇيغۇر چالغۇلىرىغا مەستانە بولغان پادىشاھ ۋە سەركەردىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن بۇرغا، بالىمان، داپ، دۇمباق قاتارلىقلارنى ھەربىي يۈرۈشتە ئىشلىتىلىپ، قوشۇنلىرىغا ھەيۋەت ۋە سۈر ئاتا قىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە قوللانغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە تارقالغان قەدىمكى ئۇيغۇر نەغمىلىرىدىن كۈسەن، ئىدىقۇت، ئېۋىرغول، سۇلى ۋە ئۇدۇن نەغمىلىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈسەن نەغمىلىرى «ساماۋى نەغمە» دەپ تەرىپلىنىپ، سۈي ۋە تاڭ، سۇلالىسى دەۋرلىرىدە خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان نەغمىلەرگە ئايلانغان ھەمدە چاڭئەن، لوياڭ، لىياڭجۇ قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەردە، ھەتتا چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا يۇقىرى قىممەتكە ئېرىشكەن.

كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدىمۇ غەربىي دىيار مۇزىكا-ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى شىمالىي-جەنۇبىي سۇلالىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇقام تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا، كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ مەلىكىسى ئاسىنا، كۈسەن دىيارىدىن كەلگەن مۇزىكا ئۇستىسى سۇجۇپ قاتارلىق سازەندە ۋە مۇزىكا ئۇستىلىرىنى چاڭئەنگە بىللە ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن، شۇنداقلا مۇزىكا ئۇستىسى سۇجۇپنىڭ تۆھپىلىرى ئۈستىدە توختالغان. سۇجۇپ 6-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن كۇچارلىق مۇزىكا نەزەرىيەچىسى بولۇپ، ئۇ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە مۇزىكا ئىلمى نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. قەدىمكى ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ جەۋھىرى بولغان «12 رېتىمىلىق كۈي قانۇنىيىتى» خىتاي مۇزىكا سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، خىتاي مۇزىكا تارىخىغا مىسلىسىز يېڭىلىق كەيپىياتى ئېلىپ كەلگەن.

يۇقىرىقى بايانلاردىن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ يىراق تارىخىي دەۋرلەردىن باشلاپلا خىتاي مۇزىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

بەرباپ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچىدە چەكمە چالغۇلار تۈرىگە كىرىدىغان ساز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى دەۋرلەردىن باشلاپ، ئۇيغۇر سەنئىتىدە كۆپ قوللىنىلمىغان. بەرباپ خىتايچىدە «پىپا» دەپ ئاتالغان ۋە خىتاي ئەنئەنىۋىي ناخشا-مۇزىكىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تىلغا ئېلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بەرباپ ياكى باربۇد دەپ ئاتالغان بۇ سازنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى پارسلارنىڭ ئىجادىيىتى دېسە، بەزىلەر «باربۇد» سۆزى سانسىكرىت تىلىدىكى bharbu دىن كېلىپ چىققان، شۇڭا ھىندىلارنىڭ كەشپىياتى دەپ قارايدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كۆرسىتىشىچە، مىلادىيە 3-ئەسىردە ياشىغان تىلشۇناس لىيۇ شىنىڭ «ئاتالغۇلار ئىزاھاتى» ناملىق كىتابىدا، بەرباپنىڭ ئەسلى ۋەتىنى خۇرلار ۋەتىنى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئات ئۈستىدە كېتىۋېتىپ چالىدىغان ساز ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، خىتاي مەنبەلىرىدە «خۇرلار» ياكى «خۇلار» دەپ خاتىرىلەنگەن خەلقلەر دەل بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن قەبىلىۋىي تەركىبلەردىن بىرىدۇر.

ئاتالمىش خىتاي مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى بەرباپنى «خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىن غەربىي دىيارغا كىرگەن» ياكى «بەرباب ئەزەلدىنلا خىتاي سەنئىتىگە مەنسۇپ چالغۇ ئەسۋابى» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان قەدىمىي ئىزلار بەرباپنىڭ تەۋەلىكىنى يورۇتۇپ بېرىشتە كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن قارىغاندا، بەرباپنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەكىللىرىدىن ئۈچ تارىلىق، تۆت تارىلىق ۋە بەش تارىلىق شەكىللىرى بولغان. بەرباپقا ئائىت يازمىلار، رەسىم، ساپال ھەيكەللەر، تاشكېمىر رەسىملىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن قېزىۋېلىنغان ماددىي بۇيۇملار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. 2006-يىلى خوتەن چىرا ناھىيەسىنىڭ داماكۇ يېزىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئۈچ تارىلىق ئەگرى دەستىلىك بەرباپ ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى ساقلانغان، يىل تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بەرباپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ بەرباپنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيە 7-8-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ مىسال ئۈچ تارىلىق بەربابنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارغا خاس چالغۇ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پاكىتتۇر.

خوتەن داماكۇدىن تېپىلغان بەرباپ، مەنبە: Baidu image
خوتەن داماكۇدىن تېپىلغان بەرباپ، مەنبە: Baidu image

ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا بەرباپنىڭ چېلىش ئۇسۇلى ۋە شەكلىمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەسلىدىكى يانتۇ چېلىش ھالىتىدىن تىك تۇتۇپ چېلىش ھالىتىگە، ئەگرى ساپلىق شەكىلدىن تىك ساپلىق شەكىلگە، زەخمەك بىلەن ئۇرۇپ چېلىشتىن بارماق بىلەن چېلىشقا ئۆزگەرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە مۇۋەپپەقىيەت ياراتقانلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان قەدىمكى يادىكارلىقلاردا كۆپ تەرەپلىمە ئىسپاتلانغان تارىخىي پاكىتلار بولۇپ، بەرباپ ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر. يازما يادىكارلىقلار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا بەرباپتىن باشقا يەنە بۇرغا، غوڭقا، غېجەك ۋە قوبۇز قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ئىختىراچىلىرى ئىكەنلىكىنى، تارىخىي ئەمەلىيەت جەريانىدا بىر يۈرۈش كۈيشۇناسلىق نەزەرىيەلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئاھاڭنى خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يىپەك يولىنى بويلاپ، خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى، ھىندىستان، پېرسىيە ۋە ھەتتا يىراق ئەرەب ئەللىرىگە قەدەر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرى ۋە مۇزىكىلىرىغا بولغان ھەۋىسى ئالاھىدە كۈچەيمەكتىكەن. ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلى خىتايلار تەرىپىدىن سەھنىلەردە ئوينىلىشتىن باشقا، ھەتتا خىتاي ئائىلىلىرىگىچە كىرىپ، ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل ئەھۋال، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى ئىلىم ئادەملىرىنىڭمۇ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

تارىخچى جەيمىس مىلۋارد ئىلگىرى بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن ئىدى: «خىتاي تەتقىقاتچىلىرى دائىم تاڭ سۇلالىسى مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى تەكىتلەيدۇ، ھەتتا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خەن سۇلالىسىگە باغلايدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايلار بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىچە مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيىتى، دەپ قارايدۇ». جەيمىس مىلۋارد يەنە ھەتتا خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېتىدىمۇ «ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مۇزىكىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە» دېگەندەك سەپسەتىلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

***

بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.