بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى خىتاي-سۈرىيە مۇناسىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟

0:00 / 0:00

مۇتەخەسسىسلەر، سۈرىيەدىكى دىراماتىك ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى گېئو-سىياسىي پىلانىنى قايتا ئويلىشىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كەسكىن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

سۈرىيەدىكى «شام ئازادلىق تەشكىلاتى» ھەيئەت تەھرىرى - ئەل شام (HTS) باشچىلىقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى، خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە قانداق يول تۇتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇنداقتا، دەمەشقتە يېڭى ھاكىمىيەت تىكلەنگەندىن كېيىن، خىتاي ۋە سۈرىيەنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

خىتاي ۋە سۈرىيە ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

«ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلدى، ئەمما خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئالماشقان دۆلەتلەردە يېڭى ھۆكۈمەتلەرنى تېزدىن قوللايدىغان ئادىتىمۇ بار. مېنىڭچە، خىتاي يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن، خىتاي ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقان سۈرىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇنى كۆرۈش ۋە كۆزىتىش ھەقىقەتەن قىزىقارلىق».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ھەر جەھەتتىن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە ھەمكارلىق يولىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربكە قارشى ئىتتىپاق قۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ تېخى ئۆتكەن يىلى بەشەر ئەسەد بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 5-دېكابىر كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنى 9-دېكابىر كۈنى خىتاي ئۆز پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ: «سۈرىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى سۈرىيە خەلقى بەلگىلەيدۇ. خىتاينىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان دوستلۇقى سۈرىيە خەلقى ئۈچۈندۇر» دېگەن.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، سۈرىيەدىكى ھەيئەت تەھرىرى - ئەل شام (HTS) باشچىلىقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى، خىتاي ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى: «گەرچە ھازىر سۈرىيەنى باشقۇرۇۋاتقان كۈچلەر ئۆزلىرىنى ئىسلامى ھەرىكەت دېسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ قېلىش خەتىرى بار. مەن بۇنىڭدىن بەك ئەندىشە قىلىمەن».

«ئاتلانتىك كېڭىشى» (Atlantic Council) نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە خىتاي ۋە ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى جوناسېن فۇلتون (Jonathan Fulton) «ئاتلانتىك كېڭىشى» تورىدا 18-دېكابىردا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ۋە سۈرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«يېقىندا، سۈرىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى مۇھىم ھەمراھىدىن ئايرىلىپ قالدى دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەھمىيەتلىك ئارىلىشىش ئاز بولدى. ئەمەلىيەت شۇكى، سۈرىيەدىكى دىراماتىك ۋەقەلەر خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش ئاز بولۇشى مۇمكىن، يەنى چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ».