شى جىنپىڭنى ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغان ئاتالمىش «بەختلىك ئۇيغۇرلار» ھەققىدىكى خەۋەرلەر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر رايونىدا قىلغان زىيارىتى، خىتاي ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقى تەرىپىدىن ناخشا-ئۇسسۇللار بىلەن قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقى، ۋە ئۇ تەكىتلىگەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش» يوليورۇقىنى ئۆگىنىش ھەم ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلار كەڭ يەر ئالماقتا.

17-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق يىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» سەرلەۋھىلىك سىنتلىق خەۋىرى ئېلان قىلىندى. خەۋەردە شى جىنپىڭ 13-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا زىيارەتتە بولغىنىدا، مەزكۇر ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئاممىنىڭ «پارتيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ياخشى» دېگەن ئۇسسۇللۇق ناخشا ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

مەزكۇر سىنتلىق خەۋەردە شى جىنپىڭ زىيارەتتە بولغان ئاھالە كومىتېت خادىملىرى ۋە ئۇيغۇرلار تىلىدىن، ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ياشاۋاتقان نۆۋەتتىكى بەختىيار، باياشات تۇرمۇشىدىن رازىمەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا نامايان بولغان بۇ كۆرۈنۈشلەر ۋە بىلدۈرۈلگەن ئىپادىلەر چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنگلىيەدىكى رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ قارىشىچە، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، خىتاي كومپارتىيە تارىخىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخى ئەنئەنە ئىكەن.

رەھىمە مەخمۇت خانىم يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتالمىش خەلق ئاممىسى سېپىدە ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولۇشى، ئۆزىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى نەگە كەتتى؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھىمە خانىم، قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، پەرزەنتلىرى، ھەتتا ئەرلىرى ياكى ئاياللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شى جىنپىڭغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشىنى، گىتلېر گېرمانىيەسى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى تەشۋىقات فىلىملىرى ۋە دىكتاتور ھۆكۈمدار ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئاچارچىلىق ۋە قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان خىتاي خەلقىنىڭ ماۋ زېدوڭنى مەدھىيەلەش ئەھۋاللىرىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىگە بولغان «مىننەتدارلىق» تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن خەۋەر ۋە كۆرۈنۈشلەر، يەنە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئارقىلىق بېرىلگەن.

تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىق تورلاردا ئۆزىنىڭ تور چولپىنى بولۇپ تونۇلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بىر ئۇيغۇر ئايال، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغلىنىڭ شى جىنپىڭنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىدا ھاياجاندىن يىغلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رەھىمە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، دىكتاتورلارنىڭ، جۈملىدىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ ئېزىشى، باستۇرۇشى ھەتتا قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنى «سۈنئىي ھالدىكى خۇشاللىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلاش» تەك بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتى ئۇلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشتا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ۋاسىتىلىرى ئىكەن

ئامېرىكادىكى خىتاي سىياسىتى ئانالىزچىلىرىدىن ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەھۋال ئەمەس.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدىكى «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ما جۈ ئەپەندى بۇ نۇقتىلارنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تۇيۇقسىز باردى دەپ قاراشماقتا. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. نۆۋەتتە 20-قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا. ھالبۇكى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي يېتەكچىلىك ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەپلەردە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە قايىللىق ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى قوزغىيالمىدى، قوللاشقىمۇ ئېرىشەلمىدى. ئەمما شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە چېگرا رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە زور كۆپچىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭغا بارىدۇ؟ بۇنىڭدىكى مەركىزى نۇقتا مەن بايا دېگىنىمدەك چېگرا سىياسىتىنى تەكشۈرۈش. بۇ قېتىم شىنجاڭغا بارغان پەقەت ئۇلا ئەمەس. سىياسىي بيۇرونىڭ باشقا دائىمىي ھەيئەتلىرىمۇ چىڭخەي، تىبەت قاتارلىق كونترول قىلىش تەس بولغان چېگرا رايونلارغا باردى. مانا بۇ 20-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە كېلەر يىلى 3-ئايدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىقى ئۈچۈن، مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەممىنى بىر گەۋدە قىلغان تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش دېيىشكە بولىدۇ. مانا بۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ يادرولۇق مەقسىتى.»

ما جۈ ئەپەندى خىتاي خەۋەرلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىگە ئوقۇلغان مەدھىيە خەۋەرلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار سېپىدە، ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بولماسلىقىدا، ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنىڭ داھىيلىق ئوبرازىنى نامايان قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەمما ما جۈ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش سېپىدە ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كۆپ بولماسلىقى، 2017-يىلدىن كېيىن ئەۋجىگە چىققان ئۇيغۇرلارنى «لاگېرلارغا قاماش»، «ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش» تەك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق رېئاللىقنىمۇ ئاشكارىلاپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى، ئۇنىڭ 2014-يىلىدىكى زىيارىتىدىن 8 يىل ئۆتكەندە، يەنى ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «ئىرقىي قىرغىنلىق» قا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان.

ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان 1-قېتىملىق زىيارىتىدىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار، شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدا يولغا قويغان «خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىدىكى نىشانلىق يوقىتىلىدىغان مىللەت دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىدە بولسا، ئۇيغۇرلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقان مىللەتكە ئايلانغان.

ما جۈ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ رايوندا بەرگەن يوليورۇق-كۆرسەتمىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم غەربىي رايوندا قىلغان سۆزلىرىگە نىسبەتەن مەن شۇنداق قارايمەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق سەرخىللىرىنى، زىيالىيلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇلار ئۈچۈن سەزگۈر دەپ قارالغان بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاشنى كۆزلەۋاتىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقان ‹سۈپۈرۈپ تاشلاش› دېگىنىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلغان. ھالبۇكى بۇ يوقىتىش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. بۇ خىتاي تارىخىدا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئەمەلىيىتىگە ئوخشايدۇ. ھازىر شى جىنپىڭ دەل يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى، ساقچىلار ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىش، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن كونترول قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋە ئەڭ رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بارلىق توسالغۇلارنى يوقىتىپ ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان.»

ما جۈنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ كەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ما شىڭرۈي باشلىق كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» يوليورۇقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىش دولقۇنى قوزغىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە خىتاي مىللىتىدىن پەرقسىز ھالغا كەلتۈرۈپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېز ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن.