رامىزان كىرىش ھارپىسىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ھۆكۈمەت تور بېتىدە رامىزانلىق تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئايىنى مۇبارەكلىدى. پرېزىدېنت بۇ باياناتىدا بۈگۈنكى كۈندە زۇلۇمغا ئۇچراپ، ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشتىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە خەلقئارا جامائەتنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن رامىزانلىق تەبرىكنامىسىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئايىنى مۇبارەكلەيمەن! ئامېرىكالىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەتە روزا تۇتۇشنى باشلىغاندا بۇ يىلنىڭ نەقەدەر تەستە ئۆتىدىغانلىقى ئېسىمىزگە كېلىدۇ. ۋابا تۈپەيلىدىن دوستلار، قېرىنداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ رامىزاننى تەبرىكلىيەلمەيدۇ. ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەر غېرىبلىق ئىچىدە ئىپتارلىق قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان جامائەتلىرىمىز بۇ ئاينى يېڭى ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، پەرۋەردىگارىغا بولغان ئېتىقادىنى كۈچەيتىدۇ ھەم باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ساۋاب قازىنىشنى ئىستەيدۇ. ئۇلار يەنە ئۆزلىرى ئېرىشكەن نېمەتكە، سالامەتلىك ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان رەھمىتىنى ئىپادىلەيدۇ».
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى جوۋ بايدېننىڭ بۇ رامىزانلىق تەبرىكنامىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنىڭ ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن يەنە بۇ تەبرىكنامىسىدە ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان، ۋابا مەزگىلىدە داۋالاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە پىداكارلىق بىلەن ئىشلىگەن مۇسۇلمانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرگەن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشكە ۋە ئېزىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن پرېزىدېنت بولغان تۇنجى كۈندىن باشلاپلا مۇسۇلمانلارغا قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلدىم. مەن يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق قوغدايمەن».
ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەمەل قىلىپ كەلگەن تۈپ پرىنسىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ تۇنجى قېتىملىق رامىزانلىق تەبرىكنامىسىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر جەھەتتىن ئۆتكەن نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە دىنىي زۇلۇمغا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ تەبرىكنامىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارغا بولغان ئالىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆتكەن يىلدىكى رامىزاندىن بۇيان كېتىپ قالغان يېقىنلىرىمىزنى ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدىكى ياخشى كۈنلەرنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋالىمىز. قۇرئان كەرىم بىزگە ‹ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر› دەيدۇ ۋە ئۇ ئاللاھ بىزنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىدۇ. بىز كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئاينى ئائىلە بويىچە خۇشال-خورام ۋە بەرىكەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن سەپ بويىچە ئاتلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بېرىلگەن سىگنالدۇر. خىتاي ھۆكۈمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىلا ئەمەس، خىتايدىكى بارلىق يات دىن مەنسۇپلىرىنى ئاشكارە چەكلىشى، كىشىلەرنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ خىتاي كومپارتىيەسى بېكىتىپ بەرگەن ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا ياشاشقا مەجبۇرلىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئۆزىنىڭ «دىن ئىشلىرى نىزامى» دا بەلگىلەنگەن «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى» گە تۈپتىن خىلاپ بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بۇنى «دىنلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى» گە ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ ھاكىمىيەت ماركىسىزم نىقابى ئاستىدىكى مىللەتچىلىك ۋە كېڭەيمچىلىكنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، باشقا ھەر قانداق ئىدىيە ۋە ئېتىقادنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويماي كەلدى.
مۇبارەك رامىزان ئايىدەك مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەردە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما «مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەر يەنىلا سۈكۈتتە. ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىقتىساد جەھەتتە خىتايغا بېقىنىپ قالدى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ تۈزۈلمىسىمۇ مۇستەبىتلىك خاراكتېرىنى ئالغان. گەرچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلسىمۇ، ھاكىمىيەت يەنىلا خىتاي تەرەپتە. بىز بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئەپسۇسلىنىمىز ۋە ئېچنىمىز».
رامىزان ئايى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ۋە كۆپلىگەن خەيرلىك ئىشلارغا تۈرتكە بولىدىغان مۇبارەك ئاي بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ئايدا مەزلۇم ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە خىتاينىڭ ئەشەددىي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش ساداسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن رامىزان ھارپىسىدا ۋىدىيو نۇتۇقى سۆزلىگەن. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىمۇ بۇ مۇبارەك ئايدا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇبارەك ئايدا ۋەتەندە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ۋە بىزگە ياردەم قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن كۆپلەپ دۇئا قىلىشىمىز، شۇنداقلا ھېچ بوشىشىپ قالماستىن دەۋا ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ ئايدا ئۇنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ».