رېژىسسور مۇھەممەد ئومران ئومەيد: «‹قاداق باسقان قانلىق يول› مۇسۇلمانلارنى ئويغاتقۇسى»

0:00 / 0:00

كانادادا ياشايدىغان بىلال مالىك ئۇيغۇر 2021-يىلى 7-ئايدا كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تورونتودىن ئوتتاۋاغا 15 كۈنلۈك «ئەركىنلىك مارشى» ناملىق پىيادە سەپىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بىلال ئۇيغۇرنىڭ بۇ يۈرۈشى كانادادىكى ئاخىرە سىتۇدىيەسى (Akhirah Studios) نىڭ رېژىسسورى مۇھەممەد ئومران ئومەيد (Mohammed Omran Omaid)نىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن، بىلالنىڭ سەپىرىنىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەر قىلغان.

مۇھەممەد ئومران ئومەيدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىلال بىلە بىللە سەپەر قىلىش جەريانىدا بىلالنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بېسىملارنى قانداق يېڭىپ يولىنى داۋام قىلغانلىقىغا شاھىت بولغان. 15 كۈن پىيادە مېڭىش جەريانىدا بىلالنىڭ پۇتىنى قاداق بېسىپ، قاناپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يولىنى ئىزچىل داۋام قىلغان. ئۇ بىلالنىڭ جاسارىتى ۋە ئىرادىسىگە قايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمغا «قاداق باسقان قانلىق يول» (Blistered Bloodlines) دەپ نام قويۇشنى قارار قىلغان.

رېژىسسور مۇھەممەد ئومران ئومەيد بىلەن 2021-يىلى 7-ئايدا كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تورونتودىن ئوتتاۋاغا 15 كۈنلۈك «ئەركىنلىك مارشى» ناملىق پىيادە سەپەر قىلغان بىلال مالىك ئۇيغۇر فىلىم ئىشلەش جەريانىدا.
رېژىسسور مۇھەممەد ئومران ئومەيد بىلەن 2021-يىلى 7-ئايدا كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تورونتودىن ئوتتاۋاغا 15 كۈنلۈك «ئەركىنلىك مارشى» ناملىق پىيادە سەپەر قىلغان بىلال مالىك ئۇيغۇر فىلىم ئىشلەش جەريانىدا. (Bilal Uyghur teminlidi)

مەزكۇر فىلىم 2022-يىلى 7-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كانادادىكى تورونتو مۇستەقىل فىلىم فېستىۋالى (Toronto Independent Film Festival) ۋە مونترىيال مۇستەقىل فىلىم فېستىۋالى (Montreal Independent Film Festival)قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ-كىچىك فېستىۋاللاردا قويۇلغان. مونترىيال مۇستەقىل فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. بۇ فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما باھالىغۇچىلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر فىلىم يەنە بۇ يىل مايدا ۋىندسور خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى (Windsor International Film Festival)دا قويۇلغان بولۇپ، بۇ فېستىۋالدىمۇ ناھايىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن فىلىم رېژىسسورى مۇھەممەد ئومران ئومەيد ئەپەندىنى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.