خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» 2020-يىلىدىن كېيىن تارىم دەرياسىنىڭ ئاقسۇ تەۋەسىدىكى دەريا-ئېقىنلار قوشۇلغان جايدا «ئارال» (خىتايچە 阿拉尔 ) ناملىق بىر يېڭى شەھەر قۇرۇپ، نوپۇسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تەۋە بولغان خىتايلارنى ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر، ئايلىق تۇرمۇش كاپالەت پۇلى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، رايوننىڭ ئەسلى يەرلىك ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەھەردە ھېچقانداق نىسىۋىسى بولمىغان.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە 2020-يىلىدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە مەۋجۇت بولمىغان بىر شەھەرگە، 2022-يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىن بەس-بەستە خېرىدار چاقىرىشى، شى جىنپىڭنىڭ جىددىي رەۋىشتە يولغا قويىۋاتقان ئىرقىي يوقۇتۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى يورۇتۇپ بەرگەن. فىرانسىيەدىكى «ئاشكارا مەلۇماتلار» گۇرۇپپىسى بۇنى «خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى مۇستەملىكىچىلىككە شېرىك قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ئاتىغان.

فىرانسىيەنىڭ پۈتۈن ياۋروپادا كۆپ خىل تىللاردا تارقىلىدىغان «ئارتە» (ARTE) تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەسىرى» ناملىق پىروگراممىسىدا بايان قىلىشىچە، «ئاشكارا مەلۇماتلار» گۇرۇپپىسى يېقىندا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توساقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلغىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە شېرىك قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يۈرۈش ھەيران قالارلىق قەبىھ سىياسەتلىرى بولغان. بۇ فىلىم قىسقىغىنا 3 كۈن ئىچىدە ياۋروپادا كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.
فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قىسقىچە قىلىپ مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدۇر. ‹ئاشكارا مەلۇماتلار› گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەملىكىچىلىكىگە ھەسسە قېتىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى، ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆلىمىنى زورايتقۇچىلار ۋە شى جىنپىڭنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ كەڭ يايغۇچىلاردىن بولۇپ قالماقتا. ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان ياكى خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي رەھبەرلىرى شەرقتىكى خىتايلارنى شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، خىتاي پۇقرالىرى ئارقىلىق ‹بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹دىنىي ئەسەبىلىك› كە قارشى تۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ يوقىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.»

فىلىمدا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن يېڭى قۇرۇلغان «ئارال» شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھەقسىز تەقسىم قىلىنغان ئازادە ئۆيلىرىنى، تېرىلغۇ يەرلىرىنى، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى بۇ شەھەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا دەۋەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىچكىرى خىتايغا ئىشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلار، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارمۇ يەر ئالغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فىلىمدا ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىسىتىگە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلىقى پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى»نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، ئۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق قانلىق ۋەقەلەرنىڭمۇ ئېغىر جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە يېقىندىن ماسلىشىش بىلەن خەلقئارادا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ كەلمەكتە ئىكەن.
«مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەسىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئالغا سۈرۈلگەن مۇھىم ئىدىيە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ماسلىشىپ ۋە بوي سۇنۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىر رايوندىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ رىسقىغا قول ئۇزىتىش، ھاكىمىيەت داۋاملاشتۇرىۋاتقان زۇلۇملارغا شېرىك بولۇشتىن ئىبارەت بولغان.
خىتاينىڭ «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى 2022-يىلى 9-ئايدا تارىم دەرياسىنىڭ ئاقسۇ تەۋەسىدىكى بىڭتۈەن 1-دىۋىزىيەسى كونترول قىلىۋاتقان ئارال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا بىڭتۈەن 1-دىۋىزىيەسى بىلەن شەھەر ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى «ئارال شەھىرى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي تەستىقلىغان. پۈتكۈل شەھەر 3 ئاساسلىق كوچا، 15 بازار ۋە 1 يېزىدىن تەشكىل تاپقان. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا «ئارال» شەھىرى خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تولدۇرۇلۇپ، نوپۇسى 460 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ شەھەرگە ئايلانغان. پۈتكۈل شەھەر نوپۇسىنىڭ 400 مىڭدىن كۆپرەكىنى خىتايلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، قالغان 60 مىڭ ئاھالە «ئاز سانلىق مىللەت» دېيىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئارال شەھىرىدىن باشقا يەنە بىڭتۈەنگە قاراشلىق باشئەگىم (铁门关)، تۇمشۇق (图木舒克)، قاشقوۋۇق (昆玉)،كۆكدالا (可克达拉)، شىنشىڭ(新星) قاتارلىق يېڭى شەھەرلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەن خىتايلار بىلەن تولدۇرۇلغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۈەنگە قاراشلىق ھەرقايسىي دىۋىزىيەلەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىڭتۈەن شەھەرلىرى زور مەبلەغ بىلەن جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ئەسلىدىكى يەرلىك شەھەرلەرگە قارىغاندا مەيلى سىياسەت جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىقتىساد جەھەتتە بولسۇن، تۈرلۈك ئېتىبارلارغا ۋە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەن.