خىتاينىڭ «2025 شىنجاڭ ھەرىكەت پىلانى» ۋە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2023.02.10
bingtuan-xelqara-yermenke-2.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەمۇرىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئورگان -- شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىتاي خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىدە. 2021-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
AP

31-يانۋار خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دا تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار» نىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا توشۇلۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەرگە كۆرە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا خىتايدىن زور مىقداردىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ماشىناسازلىق مەھسۇلھتلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنغان.

دەرۋەقە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ھەقىقەتەنمۇ خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھالقىلىق رايونغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىنىڭ كەينىگە قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان؟

2015-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «Made in China 2025» پىلانى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر پىلاندا خىتاينىڭ ئىسلاھات دەۋرىدە ئالدىن باي بولۇشقا يول قويۇلغان دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ياردەملىرىدە ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا يۆتكەش تەلەپ قىلىنغانىدى.

2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ يۇقىرىقى پىلان ئاساسىدىكى «2025 شىنجاڭ ھەرىكەت پىلانى» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر پىلاندا كەلگۈسى ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت-خېمىيە، ئېلېكتىر ئېنىرگىيە، پاختا توقۇمۇچىلىق، بىئولوگىيەلىك دورىلار قاتارلىق سەككىز چوڭ ساھە بويىچە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىۋاتقان «خىتايدا ياسالغان» (Made in China) دېگەن ماركا چاپلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا بازىرىدا قانداق كۆپىيىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.

خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش ھەرىكىتى ئەسلىدە 1999-يىلى يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» سىياسىتى بىلەن باشلانغانىدى. بۇ سىياسەت يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى تېخىمۇ ئېغىرلاش بىلەن بىرگە، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىش قەدىمىمۇ تېزلىشىپ باردى. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ما روڭ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان. ما روڭ مەزكۇر دوكلاتىدا ئاساسلىقى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى تەكشۈرۈشىنى مىسال قىلغان بولۇپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە 98 پىرسەنت ئاھالىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، 2005-يىلى قەشقەر كوناشەھەردە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 8-9 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ھەر يىلى مەزكۇر ناھىيەدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 5800 دىن 6000 غىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى تەخمىنەن 15 پىرسەنت ئەتراپىدا ئىكەن. مار وڭنىڭ دوكلاتىدا يەنە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەرنىڭ ئاز بولۇشى، سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ھەر يىلى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىشى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2005-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدا شۇ يىلدىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى سانىنىڭ 1 مىليۇن 800 مىڭغا يەتكەنلىكى، ئەمما ھەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىر مىليۇن ئىشلەمچى ئۇيغۇر ئېلىغا ئېقىپ كىرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يېزىلاردىكى ئەنە شۇ بىر مىليۇن سەككىز يۈز مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان. دەرۋەقە، مەزكۇر ئىسىتاتىستىكا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى 2009-يىلى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى كوللېكتىپ ئۇرۇش-ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، يەنى «شاۋگۇەن ۋەقەسى» يۈز بەردى. ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» مۇ دەل «شاۋگۇەن ۋەقەسى» دىن قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكىتى، تېخىمۇ ئېنىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يوللىنىشىدىن كېلىپ چىققان ۋەقە ئىدى. مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز قىرغىنچىلىقلاردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە «سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، ۋە ئاتالمىش «باي بولۇشقا يېتەكلىشى»، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. چۈنكى ما روڭنىڭ تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش» قا قىزىقمايدىغانلىقى يېزىلغان. ھالبۇكى، 2014-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ «سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش» نىسبىتى توساتتىنلا ئۆرلەپ كەتكەن. تېخىمۇ دىققەتنى تارتىدىغان يېرى شۇكى، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار» نىڭ سانى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكىلارنىڭ سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن.

دەرۋەقە، ما روڭنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، «سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇلغان» ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە كۆپەيگەن. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلغان ئاقتاشلىق كىتابىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ نىسبىتى يىلغا 2 مىليۇن 763 مىڭ بولغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار سانىنىڭ 1 مىليۇن 678 مىڭ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى.

شۇنداق قىلىپ، 2014-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىشسىزلىق» نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازىيىشقا يۈزلەنگەن. ئەمما ئىشسىزلىقنىڭ ئازىيىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئەمەس، بەلكى لاگېرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئاساس سالغان. ئۇ ھالدا بۇ ھادىسە زادى قانداق يۈز بەردى؟

ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى:

2010-يىلى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساسلىق نىشان قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» يولغا قويۇلغانىدى. بۇ پىلان ئالدى بىلەن 90 پېرسەنتتىن كۆپرەك نوپۇسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلق كاتېگورىيەسىگە ئايرىش بىلەن باشلاندى. چۈنكى 2010-يىلى خىتاي ئىسىتاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئوبلاست (خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ) نىڭ نامراتلىق نىسبىتى 75 پىرسەنت بولۇپ، نامراتلار سانى 2 مىليۇن 660 مىڭ دەپ ئىستاتىسكىلانغان. شۇنداقلا بۇ سان پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىق نىسبىتىنىڭ 81 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئېغىر دەرىجىدىكى نامراتلار رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» مۇ ئالدى بىلەن نامراتلارنى ئېنىقلاش، ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش بىلەن باشلانغان. ئاندىن نامراتلار ئارىسىدىن «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى ئايرىپ چىقىش، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىمۇ تۈرگە ئايرىش، ئۇرۇق-جەمەتى، دوست بۇرادەرلىرى، ئىدىيەسى قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش قاتارلىق جەريانلار ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن خىتاي تۇغقانلار» نىڭ باشچىلىقىدا تاماملانغان. بىز «قاراقاش تىزىملىكى» دىن بۇنىڭغا دائىر تولۇق ئىسپاتلارنى كۆرەلەيمىز.

ئارقىدىنلا خىتاي ھككۈمىتى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى «ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە كەسپ ئۆزگەرتىپ، باي بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش»، «خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىپ، ئەسەبىيلىك، خۇراپاتلىق ۋە ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دولقۇنىنى قوزغىغان. كەنت-مەھەللىلەردە «كەنت بەلگىلىمىسى ۋە خەلق ئەھدنامىسى» (村规民约) ئورنىتىپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» لەردىن چەك-چېگرا ئايرىش ۋە ئۇلارنى پاش قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ تۈرتكىسىدە «ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق خەت»، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى مەيدانىنى جاكارلاش» ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى قاتتىق بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە مەھكۇم قىلىنغان. ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن ئۇيغۇر مەھەللىرىنى «خەتەرلىك ئۆيلەر» قاتارىغا چىقىرىپ چېقىپ تاشلاش، «جۇڭخۇا ئۇلۇسى ئورتاق ئېڭى» نى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن «مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراق مەھەللىرىنى بەرپا قىلىش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «كەسپىي تەربىيەلەش» ۋە لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن. 2014-يىلى «شىنخۇا تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2013-يىلى 2 مىليۇن 700 مىڭ ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. دېمەك، ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىىىتىنىڭ پىلانى بويىچە «رەتكە سېلىنىپ، تۈرگە ئايرىلىپ» بولۇنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر نوپۇسىدىن شەكىللەنگەن زور بىر تۈركۈم «ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي، ئەلۋەتتە!

دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، 2014-يىلى مارتتا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «9-نومۇرلۇق ھۆججەت» چىقىرىپ، «يېڭى تىپتىكى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پىلانى» نى ئېلان قىلغان. مەزكۈر پىلاندا مەركەزنىڭ ئەۋزەل سىياسەت ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ، دېڭىز ياقىسى رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى غەربىي رايونلارغا يۆتكەپ كېلىشىگە ياردەم بېرىشى، غەربىي رايونلاردىكى دېھقانلارنى ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەسپ ئۆزگەرتىش، تەربىيىلەش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، غەربىي رايونلارنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلەر بېكىتىلگەن.

2014-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان سەپىرىدە بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت بىڭتۇەن ئاتالمىش «يەرلىك بىلەن يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىش» نامىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا شىددەت بىلەن كېڭىيىشكە باشلىغان. شۇنداقلا دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىلىش، ئورۇنلىشىش خىزمەتلىرىگە ۋاستىچىلىق قىلغان. بۇ ھەقتە «بىڭتۇەن تورى» نىڭ 2017-يىلى 25-يانۋار ئېلان قىلغان «سۇن جىنلوڭ: بىڭتۇەننىڭ ئەقلى ۋە ئەمەلىي كۈچى بىلەن جەنۇبقا كېڭىيىش قەدىمىنى تېزلىتەيلى» ناملىق ماقالىسىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىمىز. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭىيىشى ھەققىدىكى يوليورۇقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزنىي كومىتېتىنىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەشنى تېزلىتىش قارارى ئوخشاش ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان. دەرۋەقە، 2014-يىلى زور نىسبەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ «2025 شىنجاڭ پىلانى» دا «ئەرزان ئادەم كۈچى مەنبەسى» قىلىپ تەييارلانغان. خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىلىرىمۇ دەل بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىشنى تېزلەشتۈرگەن.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللاردا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىزگە بۇ ئىشلارنىڭ ھەرگىزمۇ تەساددىپىيلىق بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. يەنى ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتىن سىقىپ چىقىرىلىپ، نامراتلىق پاتقىقىغا پىلانلىق پاتۇرۇپ قويۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقسىزلىلىقلارغا بولغان قارشىلىقلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە «خەلقئارا تېرورلۇقنىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى خىتاينىڭ بۇ پىلانىدا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن «نامرات، قالاق، رادىكال ۋە تېرورچى» قىلىپ تەشۋىق قىلىنىپ، خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا پۇختا شارائىت ھازىرلانغان.

2014-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى سانائەت بازىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىشى بىلەن بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئورتاق بېيىش» نىقابى ئاستىدا چاندۇرماستىن ئېلىپ بېرىلغان. ھالبۇكى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەتراپلىق پىلان بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پىلان-مەقسەتلىرىنى تاكى يېقىنقى يىللارغىچە ئاڭقىرالمىغان.

ئەلۋەتتە، جاھاندا ئېچىلمايدىغان سىر يوق. خۇددى كۈننى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولمىغىنىدەك، پۈتكۈل بىر مىللەت كوللېكتىپىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەڭگۈ سىر پېتى داۋاملىشىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشنى ئىنسانلىق بۇرجى دەپ بىلگەن ھەر بىر ۋىجدان ئەھلى ئۈچۈن ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ جىنايەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ۋاقىتلار چوقۇم كېلىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇر خەلقى ئىنسانلىقنىڭ شەرىپى ۋە مېھرى-سۆيگۈسىدە قايتىدىن قەددىنى رۇسلايدۇ، ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ، شۇنداقلا بارلىق ھۆر ئىنسانلارغا ئوخشاش دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار كارۋىنىغا قوشۇلىدۇ!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.