خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆزگەرمەس پىلانى: «بىڭتۇەننى كېڭەيتىش ۋە يەرلىكنى بىڭتۇەنگە قوشۇۋېتىش» (2)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2022-يىللىق ئىسلاھات پىلانىدا، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك جايلارنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىڭتۇەن 1954-يىل ئىشغالچى خىتاي گېنرالى ۋاڭ جېننىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دەپ ئاتالغان. 1975-يىل بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، 1981-يىل ۋاڭ جېننىڭ قايتا-قايتا ئىلتىماس سۇنۇشى بىلەن دېڭ شياۋپىڭ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىڭتۇەن بۇرۇنقى بازىلىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت جايلارنى بىر-بىرلەپ يۇتىۋېلىشقا باشلىغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە يېزا-ئىگىلىك بىلەن سانائەت بىرلەشكەن غايەت زور ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي گەۋدىگە ئايلانغان.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ بىڭتۇەن تۈزۈمى تارىخىنىڭ خىتايغا كۆرە ئېيتقاندا 2000 يىلغا سوزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىزچىل مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، 2010-يىل 5-ئايدا ئېچىلغان «1-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىڭتۇەننىڭ «بوز يەر ئېچىپ، چېگرا رايوننى قوغداش» رولىنىڭ مۇھىملىقىنى، «شىنجاڭدا بۈيۈك ئارمىيە قۇرۇپ، پولاك ئىستىھكام بەرپا قىلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن؛ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىل 5-ئايدا ئېچىلغان «2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ كېڭىيىشى ۋە يەرلىك جايلارغا قوشۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەمدە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتا كېڭىيىشىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىڭتۇەننىڭ 90-يىللاردىن باشلاپ ئىككى قېتىم تەڭشەش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭغا 90-يىل 5-ئايدا يۈز بەرگەن «بارىن ئىنقىلابى» بىلەن 97-يىل 2-ئايدا يۈز بەرگەن «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبتا كېڭىيىۋاتقان بىڭتۇەننىڭ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«بىڭتۇەن گېزىتى» خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىل 7-ئايدا بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ بىڭتۇەننىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بىڭتۇەندىكى كونا ئەسكەرلەرنىڭ «شىنجاڭنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى ئىنقىلابىي روھى» غا ۋارىسلىق قىلىش، «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرۇش» ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەنىدى.

رادىيومىزنىڭ خەۋەر بەرگىنىدەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىل 3-ئايدا بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىق بىر نەچچە ئەمەلدارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى ئۈچۈن جازالىغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن ئۆتكەن يىل 22-مارت كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ۋاڭ جۈنجېڭنى قەبىھ زوراۋانلىق پىلانىنى تۈزگۈچى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن مىڭگونى بولسا ئىجرا قىلغۇچى دەپ كۆرسەتكەنىدى.

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى توغرىلۇق ئېلان قىلغان 2022-يىللىق ئىسلاھات پىلانىنىڭ ئاساسەن «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» گە قارىتىلغانلىقىنى، ساقچى دۆلىتىنى مۇستەھكەملەشنى، دۆلەت تەرەققىياتىنى ۋە مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بىزگە بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا خىتاينىڭ بىڭتۇەن ئىسلاھاتىدا 2014-يىلدىن بۇيان چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قىسقىغىنە ھۆججەتتە چوڭ تەرەققىيات پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىلەن ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرى بېرىلمىگەن، شۇڭا بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئەلۋەتتە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك جايلارنىڭ قوشۇلۇشى تېزلىشىۋاتىدۇ، 7-نومۇرلۇق ھۆججەتتىمۇ شۇنداق بېكىتىلگەن.»

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بىڭتۇەن دۆلەت بايلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ دۆلەت بايلىقى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك «14-بەش يىللىق پىلان» تۈزۈپ، دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى تەڭشەش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان.

جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، سىياسىي تارىخ تەتقىقاتچىسى جەيمېس مىلۋارد (James A Millward) ئەپەندى خىتاينىڭ 2022-يىللىق ئىسلاھات پىلانى ھەققىدە بىزگە بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا بىڭتۇن ئىسلاھاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىسلاھات دوكلاتىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك جايلارنىڭ قوشۇلۇشى تەكىتلىنىپتۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ، بىڭتۇەندە بولسا خەنزۇلار 80 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، بۇلار قوشۇۋېتىلسە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ساختا ئاپتونومىيە ھوقۇقى تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ دېگەن گەپ. بىڭتۇەن ھەققىدىكى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىمۇ بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە ئورنى، بۇ يەردىكى چوڭ خەنزۇچىلىق مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىڭتۇەندىكى خەنزۇلار 2000-يىل بىلەن 2010-يىل ئارىسىدا شىنجاڭدىكى مىللىي تەڭسىزلىك ۋە مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەن».

ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئىنسانشۇناس دەررېن بايلېر (Darren Byler) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئىسلاھات پىلانى، جۈملىدىن بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىدە مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇرۇن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى دېڭىز بويىدىكى گۈللەنگەن رايونلار بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلاتتى. ھازىرمۇ ئۇلار 8 ئۆلكىنى شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان قىلىپ بېكىتتى. بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ئۇلار بىڭتۇەننى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان مۇھىم ئورۇنغا چىقارماقچى. كېيىنچە بۇ تەرەققىيات قانداق بولىدۇ، تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئۇلار مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ».

كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە مەيلى قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىڭتۇەننى ساقلاپ قالغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. بىڭتۇەن بۇ سۈرئەتتە تەرەققىي قىلسا كەلگۈسىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنى قورچاق ئورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى، بايلىقنىڭ ھەممىسى بىڭتۇەن تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنىشى ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ۋىلايەت، ناھىيەلەرمۇ بىڭتۇەن تەرىپىدىن يۇتىۋېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىڭتۇەننىڭ ماھىيىىتىنى دۇنياغا تونۇتۇپ، ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان ئاپەتنى ئازايتىشنىڭ ئامالىنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.