15-ماي يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 12-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدە قانۇنچىلىقنى تەكىتلەش»، «قانۇنچىلىق ئارقىلىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش» قاتارلىق بىر يۈرۈش پىلانلارنى ئالغا سىلجىتىش تەكىتلەنگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-ماي كۈنىدىكى ئۇيغۇرچە خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ‹بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش» تا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.»

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا تەكىتلىگەن نۇقتىلانىڭ ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يىغىندا «قانۇن بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدا خىتايلاشتۇرۇشنى ئشقا ئاشۇرۇش، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش» دېگەندەك نۇقتىلارنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنىڭ بىر سىگنالى ئىكەن.
ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان يوقىرى ئۈچ نۇقتا ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «بىڭتۇەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش» شوئارى، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىي ئورنىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق ئورگانغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئەكەن.
خۇپىڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىڭتۇەن باشقا بىر سىستېما ئىدى. يەنى ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئايرىم ئورگان ئىدى. خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدىن ئايرىم ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، مەركەز تەرىپىدىن بىۋاسىتە ۋە يېرىم ھەربىي ھالەتتە باشقۇرۇلاتتى. ھازىر بۇ يەردە ئېنىق قىلىپ، ‹بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش› دەيدىغان يېڭىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى تەكىتلەنمەكتە. بۇ دېگىنى ئەلۋەتتە بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىگە كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ھەربىي باشقۇرۇش ھالىتىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايلارنىڭ رايوندىكى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ شوئارنىڭ ئاخىرىقى مەقسىتى ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى يەنىمۇ چەكلەپ، ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلىتىشنى نىشان قىلىدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا «قانۇن بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ دېگەنلىك رايوندا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ داۋاملىشىۋاتقان «تېرورلۇققا زەربە بېرىش»، «مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش» نامىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى بۇندىن كېيىن يەنىمۇ داۋاملىشىدىكەن، شۇنداقلا رايوندا يۈرگۈزۈلىدىغان دائىملىق نورمال باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئايلىنىدىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ما شىڭرۈيگە ئوخشاش ئەمەلدارلار، ئەمەلىيەتتە پەقەتلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلار ئىكەن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئەگەر خىتاي ھوقۇق مەركىزىدە بىرەر ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تۈسىنى ئالغان باستۇرۇش سىياسىتىدە نىسبەتەن يۇمشاش ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى باشقىچە قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىدا مەۋجۇتلا بولىدىكەن، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان مۇستەملىكىچىلىك ۋە باستۇرۇش سىياسىتى يەنىلا داۋام قىلىدىكەن.