«بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىش» نىڭ ئىچ يۈزى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.02.13
bingtuan-ussul-xitay-doppa-uyghur-1024 بىڭتۈەن شەھەر مەمۇرىيىتى قاتناش گۇرۇھى ئېلىپ بارغان سەنئەت پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 24-ئىيۇن
btwmw.net

11-فېۋرال خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» دا «ئوخشاش شىنجاڭ، ئوخشاش مەسىلە-بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىش يىغىنى ئارقىسىدىكى چوڭقۇر مەنىلەر» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى، ئۆتكەن 70 يىل جەريانىدا بىڭتۈەن ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك كۈچكە ئايلانغانلىقى»؛ «مەركەزنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئورنى ھەققىدىكى قارىشى ئېنىق بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۈەننى كۈچەيتىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى» كۆرسىتىلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى خىتاينىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» بويىچە ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ۋە بۇ زېمىندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خىزمەت بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىڭتۈەننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىڭتۈەننىڭ قۇرۇلۇشى قانداقتۇر چەت ئەللىك دۈشمەنلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دەل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولغانلىقى تەبىئىي! يەنى بىڭتۈەننىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىمۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن بىر قاراشتۇر. بۇ ۋەجىدىن نۆۋەتتە يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «بىڭتۈەننى يەرلىككە قوشۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» نى بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان سىياسەت دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ئاتالمىش «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويدى. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قويۇق ھەمكارلىقى ئارقىلىق رايوننىڭ بىر گەۋدىلىشىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى «ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى» ھەققىدە جار سالدى. سىرتتىن قارىماققا، بۇ خىل سىياسەت ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندەك تەسىر بېرەتتى. ماھىيەتتە بولسا، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقىنى پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، ئۇلارنى زېمىن ۋە بايلىق مەنبەلىرى، شۇنداقلا ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىنى تارتىۋېلىش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇنىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئىشقا ئېشىشى ۋە جارى قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، بىڭتۈەن بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئايرىم ھالەتتىكى مۇستەقىل سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم بايلىق مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەمۇرىي باشقۇرۇش، يەرلەرنى تەقسىم قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە بىر گەۋدىدۇر. بىڭتۈەنگە بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۈەن بارا-بارا ئەسلىدە ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى ئىگىسىگە ئايلانماقتا.

بىڭتۈەن بىۋاسىتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقلىرى تەبىئىي ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان. بۇ ۋەجىدىن يەرلىك ھۆكۈمەت ئاستا-ئاستا ئۆز رولىنى يوقىتىپ، «نامدا بار، ئەمەلدە يوق قۇرۇق ئاپتونومىيە» گە ئايلىنىپ قالغان. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايون نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر قۇرۇق گەۋدىگە ئايلىنىپ قالغان.

زېمىن ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى تارتىۋېلىش

بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زېمىنى ۋە بايلىق مەنبەلىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ، «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىياسىتى بولسا، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان زېمىن ۋە بايلىقلارنى ئىگىلىۋېلىشتەك جىنايىتىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. چۈنكى بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئاستا-ئاستا تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، ئۆز زېمىنغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى يوقىتىشقا باشلىدى. بىڭتۈەن ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يېزا-ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىم تېرىلغۇ يەرلىرى بىلەن سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋالدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، بىڭتۈەنگە ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېچىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

نېفىت، تەبىئىي گاز، پاختا، ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلۈك بايلىق مەنبەلىرىمۇ بىڭتۈەن ۋە باشقا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ مونوپوللۇقىغا ئۆتۈپ، بۇ بايلىق مەنبەلىرى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئۇيغۇرلار ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈلمىدى. بىڭتۈەننىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى تەقسىم قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقا كەسىپلەرگە ئائىت سىياسەتلەردە يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشى، ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە چەتكە قېقىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مىللەتلەر سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى

ئاتالمىش «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىياسىتى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە ئىنسانلىق ھەقلىرىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى. خىتاي ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، مەدەنىيىتىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ خىل سىياسەتلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭغا قوشۇپ بىڭتۈەن يەنە مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشكە قويۇلدى. تېخىمۇ مۇھىمى، بىڭتۈەننىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ توختىماستىن، زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنى ئەسلىدىكى كۆپ سانلىقتىن، ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈشكە باشلىدى.

ئاتاقتا «قوشۇلۇش»، ئەمەلىيەتتە ئورنىنى ئېلىش

«بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىش» سىياسىتى قارىماققا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بىر گەۋدىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھەقلىرىنى تارتىۋېلىش، بولۇپمۇ ئۇلارنى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە مىللەت كىملىكىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا. ئۇيغۇرلار پەقەت زېمىن ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى يوقىتىپ قالماستىن، نۆۋەتتە يەنە ئۆز كىملىكىنىمۇ يوقىتىش ۋە خىتايغا سىڭدۈرۈلۈۋېتىش خەۋپىگە دۇچار بولماقتا. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا بىڭتۈەن بىۋاسىتە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلىماقتا.

مۇشۇنداق بىر رېئاللىق ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا تېخىمۇ كۈچلۈك دىققەت قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتلەرنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرىدىغان تەسىرىگە كۆڭۈل بولۇشى كېرەككى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدا كۆرۈنگەن يۈزەكى كۆرۈنۈشلەرنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلق سۈپىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى تارتىپ ئېلىشىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىشى زۆرۈر. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەك.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.