خىتاينىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» يىغىنى 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىنغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تالىبان ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئىسرائىلىيە-خاماس ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز دوستلىرىنى ئەتراپىغا توپلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى «خىتاينىڭ ئۆزىگە ئىتتىپاق توپلاپ، خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى» دەپ قارىماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىغىنغا ئاز دېگەندە 130 دۆلەت ۋە 30 خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن. شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدىكەن.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ يىغىنغا 130 دۆلەت قاتنىشىدۇ دەپ تەشۋىق قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كېلىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى ناھايىتى ئاز ئىكەن. شى جىنپىڭ بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرماقچى ھەم خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ھىندىستاندىن ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە تۇتىشىدىغان سودا يولى ۋە سودا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يولى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭغا كۆرە، ‹بىر بەلباغ بىر يول› نىڭ پايدىسى تېخى كۆرۈلمىدى، خىتاي ئىقتىسادىغىمۇ ھېچقانداق جانلىنىش، ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلەلمىدى. بەلكى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە مۇھىم ئىقتىسادىي دۆلەتلەر ‹بىر بەلباغ بىر يول› دىن چېكىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتايدا ئىقتىساد ئەمەس، سىياسەت ھەممىدىن ئۈستۈن، خىتاي رەھبىرىنىڭ يۈز-ئابرۇيى دۆلەتنىڭ يۈز ئابرۇيىدۇر. شۇڭا ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى پەردازلاۋاتىدۇ».
2013-يىل شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى مۇھىم ئىقتىسادىي تۈگۈن قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا، جەنۇبىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلغان غايەت زور «مەبلەغ سېلىش» پىلانى بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئۇنى «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» دەپ ئاتاپ كەلگەنىدى.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك «‹بىر بەلباغ بىر يول› مۇھاكىمە مۇنبىرى» 2019-يىل ئېچىلغانىدى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ ‹بۈيۈك پىلانى› خىتاي ئۈچۈن بىر يۈك بولۇپ قالدى. ئاز دېگەندە، ئۈچتىن بىر قىسىم قۇرۇلۇش تۈرىدە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ياكى مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. شۇڭا 2018-يىلدىن بۇيان بۇ قۇرۇلۇش ئاستىلاپ قالدى. خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنى سىجىل سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، شۇڭا شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ‹مۇنبەر› دە سۆزلىگەندە، كىچىك كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىلا ئېلان قىلالايدۇ. بۇ يىغىن پەقەت زاۋاللىققا پاتقان ‹بىر بەلباغ بىر يول› نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈنلا ئېچىلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتى ئىقتىساد ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولۇش ئەمەس، شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى ھەممىنى ئۆزىگە باغلىۋېلىش، شۇندىلا بۇ قۇرۇلۇش ھەممىنى يۇتۇۋالالايدىغان ‹قارا ئۆڭكۈر› گە ئايلىنالايدۇ».
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى «‹بىر بەلباغ بىر يول› مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىغىنىغا سودا-سانائەت مىنىستىرى ھاجى نۇرىدىن ئەزىزنى ئەۋەتكەن. بۇ مىنىستىر خىتايغا كېلىپ، چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئافغانىستانغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاخان كارىدورىدا بىر يول ياساش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. ۋاخان كارىدورى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغ جىلغىسى بولۇپ، خىتايغا تۇتىشىدىكەن.
بۇ يىل 5-ئايدىن بېرى خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ئافغانىستاننىمۇ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نى ئافغانىستانغىچە ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئافغانىستان گەرچە نامرات دۆلەت بولسىمۇ، مول كان بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، 2010-يىلدىكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە 1 تىرىللىيون دوللاردىن 3 تىرىللىيون دوللارغىچە قىممەتكە ئىگە ئالتۇن، مىس، لىتىي كان بايلىقى بار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى چوڭ مىس كانىنى ئېچىش توغرىسىدا تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ئىزچىل سۆھبەتلىشىپ كەلگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى بۇ يىغىنغا قاتناشتۇرۇشىدىكى سەۋەبنى تەھلىل قىلىپ، «بىرىنچىدىن، خىتاي تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئالماقچى، ئىككىنچىدىن، بايلىق قازانماقچى؛ ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكىغا قارشى ئالدىنقى سەپ ھازىرلىماقچى» دېدى.
ما جۈ ئەپەندى: «تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى ئىككى رەزىل كۈچنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق» دېدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەمما ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيە، رۇسىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر ئافغانىستاندىن قازالمىغان بايلىقنى خىتاينىڭ قېزىپ ئېلىپ كېتەلىشى ناتايىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «تالىبان ھاكىمىيىتى قەبىلە باشلىقى تۈزۈمىدىكى بىر ھاكىمىيەت. يەر ئاستى بايلىقى شۇ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ قولىدا. ئۆتمۈشتە ئەنگلىيە ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە ئافغانىستاندىكى بايلىقلارغا كۆز تىككەن بولسىمۇ ئالالمىغان، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىلى بەك ئېغىر. خىتاي تالىبان ۋە خاماسقا ئوخشاش كۈچلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇلاردىن قورقىدۇ. تالىباننىڭ خىتايدىكى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى پەقەت بىرلا مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ھالاكەتكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نەقەدەر رەزىل ۋە كىشىنى چۈچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىدۇر».
ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ «قەرز تۇزىقى» دەپ قارالغان بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدە «تەرەققىيات پۇرسىتى» دەپ قارالغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى «بىر بەلباغ بىر يول» نى خىتايدىن پارا ئېلىش ۋە پۇل يۇيۇش ۋاسىتىسى قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹بىر بەلباغ بىر يول› ئەمەلىيەتتە پارىخورلۇق يولىدۇر. دۆلەت باشلىقلىرى بولسۇن، ھوقۇق-بايلىق سەركىلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ مەقسىتى دۆلەتكە، خەلققە قانچىلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ چۆنتىكىنى توملاش. ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نىڭ مۇستەبىت دۆلەتلەردە راۋاج تېپىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ».
رۇسىيەگە كەلسەك، نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىتتىپاقلىقى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك ھالەت شەكىللەنگەن. «موسكۋا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر يېرىم يىلدىن بۇيان خەلقئارادا يەكلىنىپ، چەت ئەلگە چىقىشى تەسلىشىپ كەتكەن پۇتىننىڭ خىتايغا كېلىشى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ دۆلەتلەرگە قەدەم بېسىشى ھېسابلىنىدىكەن.
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ، ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ دوستلۇقى كۈچىيىپ بارغان بولۇپ، خىتاي رۇسىيەنىڭ نېفىتىنى سېتىۋېلىپ، ئارقا سەپتىن قۇتقۇزۇش رولىنى ئوينىغان. خىتاينىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلدا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن قىلغان سودىسى 190 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەنى دىپلوماتىيە، پۇل-مۇئامىلە ۋە ھەربىي ئەسلىھە جەھەتتە قوللاپ كەلگەن.
گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: « پۇتىن ھازىر بېيجىڭدا ‹بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى› يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇ پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 41-قېتىملىق ئۇچرىشىشى. بۇ ئىككى مۇستەبىتنىڭ شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، دۇنيا ھازىر ئەركىن دۇنياغا قارشى خىتاي بىلەن رۇسىيەنى مەركەز قىلغان زوراۋانلار ئىتتىپاقىغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلار ئۇكرائىناغا ئۇرۇشىنى قوزغىدى، شىمالىي ئافرىقانى مالىمان قىلىشقا باشلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران بىلەن خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرمەكتە. ھەممىمىزنىڭ بىلگىنىدەك، ئۇلار دۇنيادا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان كۈچلەر. پۇتىن بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئاغدۇرۇلمىغىچە، دۇنيا تىنچ بولمايدۇ».
ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا پۇتىننىڭ خىتايدىن ئالاھىدە ياردەم ۋەدىسى ئېلىشى ناتايىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي-رۇسىيە ئارىسىدىكى تۈپ مەنپەئەت، ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەبىتلىك مەنپەئەتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئاپەت بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. غەرب ئەللىرىمۇ خىتايغا ئىشەنمەيدۇ. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭنى باستۇرۇشى، ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلىشى قاتارلىقلار دۇنيانى ئاللىقاچان سەگەكلەشتۈردى. شۇڭا مەنچە خىتاي پايدىلىنىدىغان كۈچلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلانسىمۇ، رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپاغا قارشى تۇرىدىغان كۈچنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، ئۇنداق كۈچى ئەسلىدىمۇ يوق ئىدى، ھازىر ئۇنىڭغا جاسارىتىمۇ قالمىدى».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىم خىتايغا كېلىشتىكى مەقسىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولماسلىق ئۈچۈن خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە ئېرىشىش ھەمدە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ياۋروپانىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتىپ، ئۇلارنى ئۇكرائىنانى قوغداشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئىكەن. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ ھەر ئىككىسى ھازىر بىر كېمىگە چىققان «جان دوستلار» بولۇپ، شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشى ياكى ھاكىمىيىتىدىن غۇلاپ چۈشۈشىنى خالىمايدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم «بىر بەلباغ بىر يول مۇھاكىمە مۇنبىرى» ئارقىلىق ئۆزىگە تەرەپدار توپلاۋاتقان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا شەكىللەنگەن «رەزىل كۈچلەر ئىتتىپاقى» دەك بىر بىرلىك مەيدانغا كېلىپ، ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە دېموكراتىيەگە قارشى سەپ تۈزمەكتە ئىكەن.