«بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ كۆپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مۇھىم بىر تېما بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا مەزكۇر پىلان ھەققىدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى باش سېكرېتار شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر بولۇپ، بۇ تەدبىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتۇر» دېيىلمەكتە.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق دەبدەبىلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلاردا بولماقتا. ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە شتاتىدىكى پامونا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بىزگە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، بۇ خىلدىكى دۆلەت چېگراسى ھالقىغان بۇنداق زور قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇلارنى داخىل قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە دۆلەت تېررىتورىيەسى ئىچىدە ئېلىپ بارغان تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ پەقەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىر قوللۇق بۇيرۇقى بىلەنلا ئىجرا قىلىنغان. ھەممە نەرسە مەركەزگىلا باغلانغان. بۇ قۇرۇلۇشلاردا يەرلىكلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىنمىغان، داخىل قىلىنمىغان. شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان بۇ بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى مىلياردلىغان كىشىگە بېرىپ تاقىشىدۇ. ھازىرقىدەك بۇنداق يەرشارىلاشقان بىر دەۋردە، ئەگەر سەن ئۇلارغا مەنپەئەت بەرمەيدىكەنسەن، ئۇ ھالدا سېنىڭ غەلىبە قىلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلىرىدىمۇ مۇشۇ خىل مەركەزچىلىك ئۇسۇلى بىلەن ئىش قىلىپ، يەرلىكتىكى بۇ خىل قۇرۇلۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا سەل قاراپ كەلگەن. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پەرقى ئۇ چېگرا ھالقىغا بىر قۇرۇلۇش، شۇڭا خىتاي يەنە ئوخشاش ئۇسۇلنى داۋام قىلىمەن دەيدىكەن ئۇ ھالدا ئۇنى غەلىبە ئەمەس بەلكى قارشىلىق ۋە نارازىلىق كۈتۈۋالىدۇ».
خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتىنى ئىشقا ئېشىش-ئاشماسلىقىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆزەتمەكتە. يۇقىرىدىكى كۆز قاراش بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلغانلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق زور بىر قۇرۇلۇشنى باشقا ئېلىپ چىققۇدەك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتە «ئامېرىكا مەنپەئەتى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئىمپېرىيالىستىك كېرىلىشى» دېگەن ماقالىدە ئاپتور دانىيال بلۇمېنتال خىتاينىڭ يېڭى ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى يىپەك يولى پىلانى ئارقىلىق ئىمپېريالىزىم قۇرۇش خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىيالىدا بولۇپ، «جېنىغا چۇشلۇق ئىش قىلمايۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبىتىنىڭ 3-5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ گەرچە قارىماققا باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق زور كۆلەملىك بىر قۇرۇلۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا ئالاھازەل 6 تىرىليون دوللار مەبلەغ سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى خىتاي چىقارمىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كۈچىنى ۋە خىتاي ئىچىدىكى مەۋجۇت ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنداق زور قۇرۇلۇشنى باشقا ئېلىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سېلىنىدىغان ھەربىي مەبلەغ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
تۈركىيەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا مەسىلىنىڭ خەۋپسىزلىككە بېرىپ تاقىلىدىغان قىسمىنى مۇلاھىزە قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى «يېڭى ئىمپېراتور»بولۇش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىپ-ئاشماسلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
درۇ گلەدنېي ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ مۇقىمسىزلىق مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۆز پىلانلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل كۆلەمدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ كەلدى. بۇنداق ۋەقەلەرنىڭمۇ سانى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان ‹ساقچى دۆلىتى› تەدبىرلىرى بولسا خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ قوينىغا ئىتتىرىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەسلىدە دۇنيادا پەقەت بىرلا ئىسلام دۆلىتى بولۇش كېرەك، دەيدىغان ئىدىيەنى ئالغا سۈرىدىغان رادىكال تەشكىلاتلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ياكى نىشانى بىر-بىرىگە ماس كەلمەيتتى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى سىياسەتلىرى مۇشۇ خىل ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تېگىشلىك ھوقۇقلىرىنى بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا مۇقىملىق ياراتقىلى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىلانلارنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».
«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇم» دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھازىر كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ پىلان 1990-يىللارنىڭ بېشىدىلا ئەينى چاغدىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى كېيزو ئوبوچى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان، ئەمما غەلىبە قىلالمىغان بىر پىلان ئىكەن. ماقالە ئاپتورى توم ھوللاند خىتاينىڭمۇ بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ پىلان ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپ چىقىرىلغان پولاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق خىتايدىكى غايەت زور پولات زاۋۇتلىرىغا ئىش يارىتىپ بېرىشنى ۋە شۇنداقلا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇزۇن مۇددەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي پۇلىنى دەسسىتىشنى نىيەت قىلىۋاتقان ئىكەن. بىراق ئۇ، بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتىنىڭمۇ خىتايدىكى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپ چىقىرىلغان پولات مەھسۇلاتلىرىغا بازار تېپىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ پىلان ئىچىگە كىرىدىغان نۇرغۇن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشتا ئىنتايىن ئاجىزلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ رايوندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىلتىز تارتىپ كەتكەن دوللارنىڭ ئورنىغا يۈەننى دەسسىتىشنىڭ مۇمكىن بولماسلىق سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.