مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنىڭ تۇنجى قۇربانلىرى

0:00 / 0:00

بېرلىندا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنىڭ پايدىسىز تەسىرى» ناملىق يىغىندا پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلارنى بۇ پىلاننىڭ تۇنجى قۇربانلىرى، دەپ ئاتىغان.

بېرلىندا 8-ئاينىڭ 11-كۈنى چاقىرىلغان «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنىڭ پايدىسىز تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان. د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىشتىراك قىلىپ، «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات تەقدىم قىلغان.

11-ئاۋغۇست بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆز-ئارا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

بۈگۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا تەقدىم قىلغان دوكلاتىدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، «بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى» ئارقىلىق دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە، قوشنا ئەللەرگە مەنپەئەت بېرىش ئەمەس، ئەكسىچە زىيانكەشلىك قىلىش سىياسىتى بولۇۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ئافغانىستانلىق مۇتەخەسسىس ئېھسان ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش باھانىسىدە كىرگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە كۆچمەن كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىس باسسال ئەپەندى بولسا ئۆز نۇتقىدا، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيىسىنىڭ ھېچبىر مىللەتكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، خىتايلار بىر زېمىننى بېسىۋالسا، ئۇزۇن ئۆتمەي «بۇ زېمىن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىدى» دەپ تۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېرىدىن ھەزەر ئەيلەش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ھازىرقى خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان رايونلارنى مىسالغا كەلتۈرگەن.

ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس سۇنجىكى ئەپەندى سۆزىدە «ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرنى خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› سىياسىتىنىڭ تۇنجى قۇربانلىرى» دەپ ئاتاپ، دۇنيا خەلقىنى كېلەچەكتە بۇ مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا كېلىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

مەزكۇر يىغىننى بالۇچىلارنىڭ مەركىزى لوندوندا بولغان «بالۇچى مىللىي ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان. بالۇچىلار پاكىستاندىكى 4 ئۆلكە ئارىسىدا ئەڭ چوڭ ئۆلكە ھېسابلانغان بالۇچىستاندىكى ئاساسلىق يەرلىك ئاھالە بولۇپ، نوپۇسى 13 مىليوندىن ئارتۇق. بالۇچىستان 1948-يىلى پاكىستاننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. بالۇچىلار بولۇپمۇ، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ھەم پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى ۋە ئەسكىرىي بېسىملىرىغا، ھەم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سۈمۈرگىسىگە ئۇچراپ كەلگەن. بالۇچى مىللەتچىلىرى بۇ سەۋەبتىن دۆلەت ئىچىدە رادىكال قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، دۆلەت سىرتىدا دېموكراتىك قارشىلىقلار بىلەن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە 6 نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى بالۇچىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

مەلۇمكى، خىتاينىڭ قەشقەردىن باشلانغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇش لىنىيىسى گۋادار پورتىغا يېتىپ بارغۇچە بالۇچىستان ۋە سىندھ تۇپراقلىرىدىن ئۆتىدۇ. يالغۇز بالۇچىلارلا ئەمەس، پاكىستاندىكى 56 مىليون نومۇسقا ئىگە سىندھلارمۇ خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىغا قارشى. دۇنيا سىندھ قۇرۇلتىيى بۇ يىل 3-ئايدا ب د ت ئالدىدا بالۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش قىلغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىمۇ تەكلىپ قىلغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، بالۇچىلار ۋە سىندھلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سىندھلار تەرىپىدىن شۇ 3-ئايدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغىمۇ قاتناشقان ئىدى.