خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا نېمە يۈز بېرىۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 2013-يىلى خىتاي «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لايىھىسىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان بۇ خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. ئارىدىن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي بۇنىڭغا مىلياردلىغان دوللار سەرپ قىلىپ، دۇنيا مەملىكەتلىرىگە ئۆزىنىڭ سودا تەشەببۇسلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكەنىدى. ئۇنىڭ بۇ مەنپەئەتلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىمۇ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ ھەقتە ماقالىلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

يېقىندا رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىرى «سېنتىر ئاسىيا» دە ئېلان قىلىنغان «بىر بەلۋاغ-بىر يۆلە» بىلەن بىر يولدا ئەمەسمۇ؟ خ خ ج نىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى لايىھەلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا نېمە يۈز بېرىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدا كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان-خىتاي چېگراسىدا نېمە يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لايىھەسىنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ يېۋگېنىي پرىماكوف نامىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى سابىق سوۋېت تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يېلېنا كۇزمىنا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر لايىھە ئەتراپىدا پەيدا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر بىرىنچى نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۇتقان سىياسىتىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنى كۆزلەپ، بۇ مەملىكەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇدرىتىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن. يېلېنا كۇزمىنانىڭ پىكرىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى يەر ئۈستى قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇش بويىچە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاپ بولغان بولسىمۇ، ھازىر ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت تۈپەيلى بۇ ئىشلىرىدا بەزى قىيىنچىلىقلار سادىر بولماقتىكەن. يېلېنا كۇزمىنا خىتاينىڭ بۇ لايىھەدە بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ تاشقى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن باغلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا نېمە يۈز بېرىۋاتىدۇ؟

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى بۇ لايىھىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قېلىپلىشىپ، دۇنياغا تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتايغا شەرتلىك تۈردە قۇرۇقلۇق بىلەن بىرگە دېڭىز يوللىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. سەۋەبى دېڭىز يوللىرى ئەڭ ئاساسىي يول بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئىران ئارقىلىق رۇسىيە ۋە كاۋكازغا تۆمۈر ۋە ئاپتوموبىل يوللىرىنى ياخشى يولغا قويۇۋالدى. قازاقىستان-خىتاي چېگراسىدىكى ۋەزىيەتكە كېلىدىغان بولساق، خىتاي بۇ رايوندا دائىم ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ھەم كۆزلەيدۇ. خىتاي قازاقىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەردىن ئۆزىگە لازىم بولغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى چېگرادىن قويۇپ بەرسىمۇ، ئۆزىدىن سىرتقا چىقىدىغان تاۋارلارغا ئۇنچىلىك ئەھمىيەت بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ۋابانى باھانە قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداپ كەلمەكتە.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك چارىلىرىنى كۆرۈشىنىڭ، بۇ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ مەزكۇر لايىھەگە قانچىلىك ئالاقىسى بار؟

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، شىنجاڭدا مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇنى يېتەرلىك دەرىجىدە كونترول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلىرىگە نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتىنى بەزىلىرى تەنقىدلەۋاتسا، بەزىلىرى ماختاۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، خىتاي ئۆز يولىدىن قايتمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ چېگراداش رايونلىرىدىمۇ ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئافغانىستان خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ يەر بىلەن ئاسماندەك پەرقى بار. ئەمما خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى پوزىتسىيەسىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ ۋە بۇ قارشىلىق يەنىمۇ داۋام قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

«سىنوپسىس» مەركىزىي ئاسىيا ۋە خىتاينى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، سىياسەتشۇناس رۇسلان ئىزىموف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ بىز بۈگۈن بۇ لايىھەلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادا ئەمەلگە ئېشىش سۈرىتىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بايقاۋاتىمىز. بۇ بىرىنچى نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى بىلەن باغلىق. ھازىر بىز ئادەملەرنىڭ، تېخنولوگىيەلەرنىڭ، مەبلەغلەرنىڭ جانلىنىشىنى كۆرمەيۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن، خىتاي ئۆزىدە بۇ لايىھەلەرگە نىسبەتەن چۈشكۈنلۈك پەيدا بولماقتا. كۆپلىگەن ئەللەردە، ئاساسەن جەنۇبىي-شەرقىي ئاسىيادا خىتاي قەرزلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە نارازىلىقلار پەيدا بولۇۋاتىدۇ. يەنى خىتاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بۇ لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئابرۇي قازانماقچى بولغان بولسا، ئەمدى ئەكسىچە ئەھۋال يۈز بەرمەكتە. خىتايغا بولغان قارشىلىق كۈچەيمەكتە. ئەمدى قازاقىستانغا كەلسەك، 2013-يىلدىن بۇيان كۆزدە تۇتۇلغان 52 لايىھە ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئېشىپ بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، بەزىلىرى ئەمەلگە ئاشماي، تۇرۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، مېنىڭ ئويۇمچە، بۇ يەردە قازاقىستان ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىجابىيلىق كۆپرەك ئورۇن ئالدى».

رۇسلان ئىزىموف ۋابا ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىر ۋەزىيەتنىڭ سەلبىي تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسلان ئىزىموۋ خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتچىلىك ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتچىلىك مەركىزىي ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ئانچە بايقالمايدۇ. سەۋەبى ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيا ئۈچۈن ئانچىمۇ ئەھمىيەتلىك شېرىك ئەمەس. ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرى خېلى چەكلەنگەن. بۇ كۆپرەك، مەسىلەن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن باغلىق. خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ-بىر يول لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ۋابا ۋەزىيىتى قاتتىق تەسىر قىلدى. سەۋەبى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، مالىيەۋىي، ترانسپورت ۋە باشقىمۇ مۇمكىنچىلىكلىرى چەكلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋابا مەسىلىسى ھەل بولمىغۇچە خىتاينىڭ بۇ لايىھەسىدە يېڭىچە بىر ھەرىكەت دولقۇنىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن گۇمانلىنىمەن».

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاننىڭ «كاپىتال» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لايىھەسىگە قاتناشقان ئەللەرنىڭ مەخپىي قەرزلىرى 385 مىليارد دوللارغا يەتتى» ناملىق ماقالىغا قارىغاندا، مۇشۇ يىلنىڭ كۈز ئېيىغىچە بولغان ۋاقىتقا قەدەر مەزكۇر لايىھە دائىرىسىدە 165 مەملىكەت خىتاي بىلەن 13 مىڭدىن ئوشۇق لايىھىلەرنى قۇرغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 843 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، 40 تىن ئوشۇق مەملىكەت خىتايغا قەرز بولۇپ قالغان.