خىتاي ھۆكۈمىتى 60 تىن ئوشۇق دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاستىدا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بىر تىرىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى 65 دۆلەتكە، پۈتكۈل يەر شارى نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىگە ۋە پۈتۈن ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ 75 پىرسەنتىگە ۋە دۇنيا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 28 پىرسەنتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇناسىۋەتلىك بارلىق دۆلەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق بېيىيدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردىن قارىغاندا، بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتلەر بىلەن خەلقنىڭ كۆز قارىشى پەرقلىق ئىكەن.
يېقىندا «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» ۋە ئامېرىكىدىكى «برۇكىڭ تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «بىر يول بىر بەلۋاغ» يول قۇرۇلۇشىدا مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان قازاقىستاندا بۇ مەسىلە روشەن ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.
خىتاي 2012-يىلى قورغاستا «خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى» نى قۇرۇپ، ئۇنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى دىكى مۇھىم جايلارنىڭ بىرى، دەپ بېكىتكەن بولۇپ، قازاقىستان بۇ قۇرۇلۇشتىكى ياۋروپاغا ئۆتىدىغان كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىكەن. «برۇكىڭ تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشتىن مەنپەئەت ئېلىشنى كۆزلىمەكتىكەن. چۈنكى قازاقىستان بۇ ئارقىلىق قازاقىستان ئىقتىسادىنى پەقەتلا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشتىن باشقا يەنە تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشلىرىنىمۇ ياخشىلاپ، قاتناش-ترانسپورت ئىشلىرىنىمۇ ياخشىلاشنى كۆزلىمەكتىكەن. ئەگەر بۇ پىلان ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، قازاقىستان ئوتتۇرىچە كىرىملىك دۆلەتتىن يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە ئايلىنالايدىكەن.
ئەمما ماقالە ئاپتورلىرى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ھەم ئامەت ھەم ئاپەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، ئۆزلىرى قورغاسقا قىلغان زىيارىتى داۋامىدا قازاقىستان يولۇقۇۋاتقان بۇ مۈشكۈل ۋەزىيەتنى كۆرگەنلىكىنى، چۈنكى قورغاستىكى باجدىن خالىي سودا مەركەزلىرىنىڭ قازاقىستان قىسمىنىڭ ئاساسەن بوشلۇقىنى، تولۇق بولغان دۇكانلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئەرزان خىتاي مېلى ساتىدىغانلىقىنى، يەنى قورغاسنىڭ ئاساسەن خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالە ئاپتورلىرى مۇلاھىزىسىدە، قازاقىستاننىڭ يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بەزى چوڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قازاقىستان ۋە رايوندا ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت ئېلىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ خەلقئارا ئەركىن تىجارەت قائىدىلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى بىرلىكتە قازاقىستاننىڭ ھەقىقىي باياشاتچىلىققا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئىلگىرى رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىمۇ قورغاسقا قىلغان زىيارىتىدە يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئەھۋالنى خەۋەر قىلغان ئىدى. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، 5 كۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ چېگرا تىجارەت-ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قازاقىستان تەرىپى ئاساسەن بوش بولۇپ، 63 ئىش پىلانىنىڭ ئاران 25 ئىگە مەبلەغ سالغۇچى چىققان. بۇندىن سىرت يەنە، ھازىرغىچە قورغاستا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا-شىركەت سانى 2411 بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپى پەقەتلا بۇ رايوندىكى باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈنلا تىزىملاتقان شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىش ئىمكانى يارىتىشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھېچقاچان خەلقئارا ئۆلچەملەر بىلەن ئىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دىكى مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى مەبلەغلىرىنىڭ كۆپىيىشى قازاقىستان پۇقرالىرى ئارىسىدا جىددىي ئەندىشە قوزغىماقتىكەن. ئۇلار، «قازاقىستان موسكۋادىن قۇتۇلدى بىراق ئەمدى خىتاينىڭ ھەمراھ دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالاي دەۋاتىدۇ» دەپ قارايدىكەن. قازاقلار ئارىسىدا يەنە، «خىتاينىڭ ئايىغى تەگكەن يەرگە قىيامەتمۇ ئەگىشىپ كېلىدۇ» دەيدىغان بىر كونا سۆزمۇ بار ئىكەن. ئۆتكەن يىلى قازاقىستان ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرنىڭ قازاقىستاندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك يەر ئىجارىگە ئېلىشىنى مۇمكىن قىلىدىغان قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلغان. بىراق قازاقىستان خەلقى بۇ لايىھىگە قاتتىق قارشىلىق قىلغان. چۈنكى ئۇلار قانۇن ماقۇللانغان تەقدىردە خىتايلارنىڭ قازاقىستان زېمىنلىرىنى ئىگەللىۋېلىشىدىن قورققان. نەتىجىدە، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف لاھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىمۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسلىدە باشقا خەلقلەرگە نەپ بېرىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئالغان تەدبىرلەرگە قارايدىغان بولساق، بىز بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پۇرسەتلەرنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭ بىرى، تەبىئىي بايلىقلارغا ئېرىشىش، ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىي ئاستىلاشقا باشلىدى. شۇڭا ئۇ تاشقى بازار ئارقىلىق خىتاي ئىچىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مانا بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش نىشانلىرى. بىز بۇ قۇرۇلۇشتىكى مەزمۇنلارغا قارايدىغان بولساق ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلەردىن سۆز ئېچىلىدۇ. ئەمما ئۇ جۇغراپىيەدە ياشايدىغان خەلقلەردىن سۆز ئېچىلمايدۇ. مەنچە ئۇيغۇر ئېلى بۇنىڭ ياخشى مىسالى. ئۇيغۇر ئېلى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ دەرۋازىسى. ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى چىقىش قىلمىغان. مەقسەت پەقەتلا ئۇ زېمىنىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىنى باي قىلىشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا مەن بۇ قۇرۇلۇشنى خىتاينىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارايمەن.»
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دىكى ماقالىدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ تۇرۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتا خەلقنىڭ يۇقىرىدىكى ئەندىشىلىرىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ترامپنىڭ خىتاينى تىزگىنلەش پىلانىنىڭ يېشىمى» ماۋزۇلۇق يەنە بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى پەقەت قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاشلا «خىتايغا بېقىنىپ قېلىش» ئەندىشىسى قوزغىغان. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى مۇھىم شېرىكلىرىمۇ بۇ قۇرۇلۇشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتىكەن. مەسىلەن، ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالماسلىق ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا قول قويۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن.