كۆرۈلۈش قېتىم سانى 7 مىليوندىن ئاشقان قىسقا ۋىدىيو: «بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە. . .»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىنستېگرام، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ «بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە. . .» دېگەن تېمىدىكى قىسقا ۋىدىيوسى ناھايىتى تىز تارقالدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىدىغان مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بۇ ۋىدېيونى ئۆز-ئارا ھەمبەھرلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئېقىمغا ماسلاشتۇرۇپ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن

مەزكۇر ۋىدىيونى گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلاردىن 20 ياشلىق ئەسما مەمتىمىن، 21 ياشلىق ئامىنە تۇرسۇن ۋە 18 ياشلىق مۇقەددەس مەمەت قاتارلىق ئۈچ نەپەر قىز ئىشلەپ، 20-يانۋار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بىرىنچى كۈنىلا ۋىدىيونىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 3 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ۋىدىيو ھازىرغىچە جەمئىي 7 مىليون 613 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.

بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە. . . يېقىندا ئىنستېگرام، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ «بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە. . .» دېگەن تېمىدىكى قىسقا ۋىدىيوسى ناھايىتى تىز تارقالدى.

مەزكۇر ۋىدىيودا ئۈچ نەپەر قىز يولدا ماڭغاچ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۆۋەندىكى قىسقا ۋە يىغىنچاق بايانلارنى دېيىشىدۇ:

ئامىنە: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە بىز دائىم كېچىكىپ قالىمىز.

ئەسما: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ھوقۇقىمۇ يوق.

مۇقەددەس: بىز ئۇيغۇر، بىزنىڭ تامىقىمىز «لەڭمەن»، «سىپاگېتى» ئەمەس.

ئامىنە: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە خىتاي بىزنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىمىزنى ساتىدۇ.

ئەسما: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە بىز تۈركچىنى چۈشىنىمىز.

مۇقەددەس: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە بىز ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى بىلمەيمىز.

ئامىنە: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە ھېچكىم مېنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىمنى بىلەلمەيدۇ.

ئەسما: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە بىز مەكتەپكە بارماي نامايىشقا بارىمىز.

مۇقەددەس: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە ھەممە ئۇيغۇرنى تونۇيمىز.

ئامىنە: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر بالىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ياتاقلىق مەكتەپكە ئېلىپ كېتىلىدۇ.

ئەسما: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە بىز ھەر بىر تاماقىمىزنى تەييارلاشقا تۆت سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىمىز.

مۇقەددەس: بىز ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە بىز 2024-يىلىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمىز.

يۇقىرىقى بايانلار ئاددىي، يۇمۇرىستىك ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئاچچىق رېئاللىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بىز بۇ ئۈچ ئۇيغۇر قىزنىڭ يۇقىرىقى ۋىدىيونى تەييارلاپ چىقىرىشتىكى ئوي-خىياللىرى، مەقسىتى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.