ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 28-فېۋرالدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئىلگىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، يەنى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن «5+1» شەكلىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا ئا ق ش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە شىرىكلىك مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. لېكىن مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئېنىق كۈنتەرتىبى ئېلان قىلىنمىغانلىقى ۋە مۇخبىرلارغا ئوچۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى نامەلۇمكەن.
قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانتونى بىلىنكېن قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلېۋبېردى ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە تېرىتورىيە پۈتۈنلىكى مەسىلىلەردە قازاقىستاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆز نۆۋىتىدە قاسىم-جومارت توقايېف ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ياخشى ۋە ئىشەنچلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ سەپىرى قازاقىستانغا قىلغان تۇنجى رەسمىي سەپىرى بولۇپ، بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى باشلىغاندىن بۇيان رۇسىيەگە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تېرىتورىيە پۈتۈنلىكى مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ھەقتە بەس-مۇنازىرىلەر داۋام قىلىپ كەلمەكتە. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تۇتقان پوزىتسىيەسى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەتتا رۇسىيەنىڭ بۇ رايونغا خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
قازاقىستاننىڭ «نۇر» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى: بىز رۇسىيە تەرەپتىن خەۋپنى كۆرمەيۋاتىمىز» دەپ ئاتالغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ «قازاقىستان رۇسىيە تەرەپتىن خەۋپنى سېزىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بىز ھازىر رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ھېچ قانداق بىر خەۋپلەرنى كۆرمەيۋاتىمىز ھەم سەزمەيۋاتىمىز. قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى، كوللېكتىپ بخەۋپسىزلىك شەتنامىسى تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئەزاسى. رۇسىيە بىلەن چېگرىداش ياكى مۇشۇ رايوندىكى باشقىمۇ دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا بىز رۇسىيە بىلەن بولغان ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر تەرەپلىمىلىك تەشكىلاتلار دائىرىسىدىكى ئىتتىپاق دەپ قارايمىز». ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ دۇنيانىڭ بارلىق مەملىكەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە كۆپ تارماقلىق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇف ئەپەندى ئاستانادا بولغان ئۇچرىشىش يېپىق شارائىتتا ئۆتكەنلىكتىن كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر ئېيتىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئانتونى بىلىنكېننىڭ سەپىرىدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ تاشقىي سىياسىتىدە رۇسىيەگە نىسبەتەن ھازىرچە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندىكى پوزىتسىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇ يەردىكى رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتىمۇ يېتەرلىك. رۇسىيە شۇلار ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا تەرەققىيات جەھەتتىن ئۇكرائىنادىن كېيىن تۇرۇۋاتقان قازاقىستاننى پايدىلىنىشقا ئىنتىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان بولسا، ئۆزىنى رۇسىيە بىلەن ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەرتلىرىگە كۆنۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى لىدېر دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان قازاقىستان ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقىتتا ئا ق ش ۋە غەربكە يېقىنلىشىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. ئا ق ش قازاقىستاننىڭ رۇسىيەنى قوللىشىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئېمبارگو قويۇشنى خالىمايدۇ. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قازاقىستاننىڭ بېتەرەپ پوزىتسىيە ئىگىلەش ئارقىلىق ھەم رۇسىيە، ھەم ئا ق ش ۋە غەرب، ھەم خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق، دەپ ئويلايمەن. بلىنكېننىڭ قازاقىستانغا قىلغان سەپىرى خىتاينىڭمۇ تاشقىي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. خىتاي ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق قوللاشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇ رۇسىيەگە قويۇلۇۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئۆزىگىمۇ قويۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ يەردە خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە قارىماي، ئا ق ش ۋە ياۋروپا بىلەن ئوچۇق سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى مۇمكىن.»
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس نىكىتا شاتالوفنىڭ «بايگېنيۇس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبىتىدە ئېيتىلىشىچە، بىلىنكېن قازاقىستاننىڭ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتكەنلىكىنى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە لىدېرلاردىن بىردىن-بىر توقايېفنىڭ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن ئالاقىدە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ۋاشىنگتوننىڭ قازاقىستانغا نىسبەتەن ھېچ قانداق ئېمبارگو يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئا ق ش نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ۋە بۇ رايوننىڭ رۇسىيەگە بېقىندا ئىكەنلىكىنى ھەققانىي تۈردە باھالىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بلىنكېن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولاردىن تارتقان زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولتۇرۇشقا ۋە ئا ق ش تەرىپىدىن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان چەكلىنىپ كەلگەن مەبلەغ سېلىشنىڭ قايتىدىن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى ئانتونى بىلىنكېننىڭ سەپىرىدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ كۆپ تارماقلىق تاشقىي سىياسىتىنى يەنىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ھەقىقەتەنمۇ كۆپ تارماقلىق تاشقىي سىياسەت يۈرگۈزۈشكە ماسلاشقان مەملىكەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشمۇ ناھايىتى قىيىن. ھەتتا ئۇنىڭ بۇ تاشقىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدىغانلار قازاقىستانغا ياخشى ئىمكانىيەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن. ئەمدى ئا ق ش بۇ يەردە ھازىرچە تېخى بىرەر ئېنىق ھەرىكەت قىلمىدى. ئامېرىكا پەقەت قازاقىستانغا رۇسىيەدىن يىراق بولۇشنى، ھازىر رۇسىيەنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، كېلەچەكتە يەنىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ. قازاقىستان كۆپ تارماقلىق تاشقىي سىياسەت يۈرگۈزۈشتىن باش تارتالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خام ئەشىياسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ياۋروپاغا چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇكرائىناغا قارىغاندا، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىغا، ئۇنىڭ مەبلەغلىرىگە كۆپىرەك باغلانغان. قازاقىستان ئېكىسپورتىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رۇسىيە يوللىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا چىقىدۇ. بۇ يەردە ھېچ كىم بۇنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى رۇسىيەنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئەزەربەيجان، گرۇزىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېكىسپورت قىلىش قازاقىستان ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتكە توختايدۇ. مۇبادا ئا ق ش رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقىنى ئۈچۈن قازاقىستانغا ئېمبارگو قويسا، ئۇ ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى چوڭ چىقىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تارماقلىق تاشقىي سىياسەت يۈرگۈزۈش قازاقىستان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۆزىنىڭ ئاقئوردادىكى سۆھبەت بېرىش يىغىنىدا قازاقىستاننىڭ تاشقىي سىياسەتتە بىتەرەپ پوزىتسىيە ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىق، خىتاي ۋە ئا ق ش بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە بىلەن ھەرتەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى، ئاسىيا بولسۇن، يېقىن شەرق بولسۇن، دۇنيانىڭ بارلىق مەملىكەتلىرى بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىق ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندى.