2-دۇنيا ئۇرۇشى بومباردىمانىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايلىقلىرى

بېرلىندىن ئوبزورچىمىز ئابلەت سەمەت تەييارلىدى
2023.10.31
123-nomurluq-tash-kemir كۇچا قىزىلدىن بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن تام رەسىملىرىنىڭ 123-نومۇرلۇق تاش كېمىرلىكنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئاساس قىلىپ كىرىشتۈرۈلگەن ھالىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ تاش كېمىرلىك كۈنىمىزدە بېرلىن ھۇمبولدت مۇنبىرى مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. (ئاپتورنىڭ شەخسىي ئارخىپىدىن)
RFA/Ablet

ئۇيغۇرلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانمۇ؟ بەزىلەر بۇ سوئالغا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سوۋېتلار ئىتتىپاقىنى قوغداش سەۋەبىدىن ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى، ھەتتا ئۇ ئۇرۇشنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئەسلەپ «قاتناشقان» دەپ جاۋاب بەرسە، يەنە بەزىلەر «ئۇيغۇر دىيارى» نىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇش ئىچىدە بولمىغانلىقىنى ئويلاپ «قاتناشمىغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.

ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رەھىمسىز ئۇرۇشتا تارتقان زىيىنى، ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ زىيىنىدىن ئاز بولمىدى. ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىلىپ، ئۇلار ئارزۇ قىلغىنىنىڭ دەل ئەكسى نەتىجىسىگە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۆلەنگەن ئەڭ چوڭ بەدەل سوۋېت كوممۇنىستلىرى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يالغان ۋەدىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.

ئۇيغۇر دىيارىغا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمان ياكى ياپون قوشۇنلىرىنىڭ بومبىسى چۈشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بېرلىندىكى باھاسى پىچىلماس مەدەنىيەت بايلىقلىرى بومبا يامغۇرلىرىنىڭ رەھىمسىز زەربىسىدىن قۇتۇلالمىغانىدى. بىز بۈگۈن بۇ ئوبزورىمىزدا پەقەتلا گېرمانىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئانچە كۆپ بىلىنمىگەن ئازابلىق ئەسلىمىلىرىگە قۇلاق سالىمىز. بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ياغدۇرغان بومبىلاردا كۇكۇم تالقان بولغان. قىممەت باھالىق ئۈنچە-مارجانلار، نەچچە مىڭ يىللىق تام رەسىملىرى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن بۇلانغان، يەر ئاستى ئىسكىلاتلىرىدا ئۇنتۇلغان تەسۋىرلەپ بولغۇسىز گۈزەل ۋە ھەشەمەتلىك ھەتتا بىر قىسمىنىڭ بەستىگە ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەللەر كۆيۈپ توپىغا ئايلانغان، ساقلىنىپ قالغان قول يازما پارچىلىرىدا ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك كۆيۈك ئىزلىرىنى قالغان.

1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە گېرمانىيە ئېتنوگرافىيە مۇزېيى ئورۇنلاشتۇرغان تۆت قېتىملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرى نەتىجىسىدە جەمئىي 423 ساندۇق ئاسارئەتىقە ئۇيغۇر دىيارىدىن بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئالاھىدە ياسالغان بۇ ساندۇقلارنىڭ ھەر بىرىگە 75 كىلوگىرامدىن 80 كىلوگىرامغىچە بۇيۇم قاچىلانغان بولۇپ، بۇ بۇيۇملار مىلادىيەدىن كېيىنكى 2-ئەسىردىن باشلاپ يىغىۋېلىنغان ۋاقىتقىچە بولغان دەۋرگە تەۋە ئاسارئەتىقە ۋە يېقىنقى زامان تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تەشكىل تاپقانىدى. «تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسى» دەپ ئاتالغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن يىغىۋېلىنغان بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار ئارىسىدا قوليازما، تام رەسىملىرى، ھەيكەللەر، ھۈنەر-كەسىپ ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچەك، قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرى، ئۆسۈملۈك ۋە زىرائەت ئۇرۇقلىرى بولۇپ 20 خىلدىن كۆپ نەرسە بار ئىدى.

 1939-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىش بىلەنلا، گېرمانىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پروسىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدىن قانداق قۇتقۇزۇپ قېلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. بىر قىسىم كۇتۇپخانا خادىملىرى ئامال بولمىغاندا يەرگە كۆمۈپ ساقلاش تەكلىپىنى بېرىشكەن. لېكىن 1942-يىلى 11-ئايدا بېرلىنغا تۇنجى بومبا چۈشكەندىن كېيىن ئۇلار پىلانىنى ئۆزگەرتىپ قوليازمىلارنى ۋە باشقا ئاسارئەتىقىلەرنى دۆلەت ئىچى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەر دەپ قارىلىدىغان ئورۇنلىرىغا يۆتكىگەن. يۆتكەلگەن بۇ قوليازمىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرچە قوليازمىلاردىن «مائىترى سىمىت» ۋە «ئون توغرا يول» قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسىم پۈتۈن ۋە كەمتۈك ياپراقلىرىمۇ بار ئىدى.

ئەپسۇسكى، ئۇرۇش باشلانغاندا كۇتۇپخانا مەركىزىي زالىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۆرنەك قوليازما ۋە تاش باسما ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن ۋە كەمتۈك ياپراقلىرى ۋاقتىدا يىغىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي، چۈشكەن بومبا زەربىسىدىن سۇنغان رامكىلارنىڭ ئەينەك پارچىلىرى تەرىپىدىن كېسىلىپ پارە-پارە بولغان ۋە بىر قىسمى كۆيۈپ كەتكەن. شۇ ۋاقىتتىن قالغان بىر قىسىم ياپراقچىلاردىكى كۆيۈك ئىزلىرىنى كۈنىمىزدىمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان كۆرگەزمە زالىدىن بىر كۆرۈنۈش (1945)  (ئاپتورنىڭ شەخسىي ئارخىپىدىن)
ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان كۆرگەزمە زالىدىن بىر كۆرۈنۈش (1945) (ئاپتورنىڭ شەخسىي ئارخىپىدىن)
RFA/Ablet

ئۇ ۋاقىتتا ئۇرۇش زەربىسىدىن ئامان قالغان ئەسەرلەر يەنە بىر كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغان.

ئۇرۇشتىن كېيىنلا گېرمانىيە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمدىكى قوليازمىلارمۇ بىر-بىرىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەن.

شۇنىڭدىن باشلاپ غەربىي گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى قىسىم مايىنتس شەھىرىدە تۇرۇۋەرگەن ۋە «مايىنتس قوليازمىلىرى» دەپ ئاتالغان. 1990-يىلى ئىككى گېرمانىيە بىرلىشىپ 1992-يىلىغا كەلگەندە «مايىنتس قوليازمىلىرى» بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا ئېلىپ كېلىندى ۋە قوليازمىلارنىڭ 50 يىللىق ئايرىلىشىغا خاتىمە بېرىلدى.

ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى ئولجا سۈپىتىدە سانكت-پېتېربۇرگقا ئېلىپ كەتكەن قوليازمىلاردىن 225 پارچىسى 1978-يىلى شەرقىي گېرمانىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. كۆپ قىسمى خىتايچە ئۇيغۇرچە ئىككى تىللىق بۇ ئەسەرلەر شۇنىڭدىن كېيىن لايپتسىگتىكى گراسسى مۇزېيىدا ساقلىنىپ، 1990-1992-يىللىرى ئارىسىدا بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن.

ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلىپ كەتكەن قوليازمىلار پەقەتلا بۇ ئەمەس ئىدى. قوليازما ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ساقلانغان ھىندىستان سەنئىتى مۇزېيىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ 1986-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە خىزمەت قىلغان پىروفېسسور دوكتۇر مارىئاننې يالدىز خانىمنىڭ 2005-يىلى يازغان بىر ماقالىسىدە ئۇرۇشتا غايىب بولغان 294 پارچە قوليازمىنىڭ سانكت-پېتېربۇرگدىكى ئېرمىتاژ مۇزېيدا بايقالغانلىقى يېزىلغان. بۇ قوليازمىلارنىڭ تېخىچە شۇ يەردە ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

 يوقالغان قوليازمىلارنىڭ بىر قىسمى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يەنە تېپىلغان. 1996-يىلى تاسادىپەن لايىپتسىگ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ئۇرۇش مەزگىلىدە نامەلۇم بىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بىر ساندۇق قوليازمىنىڭ بۇرۇن پەرەز قىلىنغىنىدەك موڭغۇلچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن.

شۇنداقتىمۇ بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن باشقا يەرلەرگە يۆتكەلگەن قوليازمىلارنىڭ ئەسلىدە زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

 تام رەسىملىرى ئۇچرىغان ۋەيرانچىلىقنى بايان قىلىشنىڭ ئۆزىلا يۈرەكنى لەختە لەختە قىلىدىغان يېتەرلىك ئازاب. تام رەسىملىرىنىڭ كۇچا قىزىل مىڭ بۇددا ئۆيلىرىگە تەۋە قىسمى 1933-يىلى سانالغان ۋە ئۆلچەنگەن. ئالاھىدە بىر خىل تېخنىكا بىلەن تامدىن شىلىۋېلىنغان ئەسەرلەر جەمئىي 252 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 328.07 كىۋادرات مېتىر كەلگەن. تۇرپان بېزەكلىكتىن ئېلىپ كېلىنگەن تام رەسىملىرى ئارىسىدىن تاللىنىپ مۇزېي كۆرگەزمە زالىنىڭ ئېگىز تاملىرىغا پۇختا يەرلەشتۈرۈۋېتىلگەن تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى 150 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كەلگەن. بۇ تام رەسىملىرى ئارىسىدا ئېگىزلىكى 3 مېتىر 90 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 8 مېتىر 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان تارىخى باشقا تام رەسىملىرىدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسىملەرمۇ بولغان.

 

تۇرپان بېزەكلىكتىكى 20 نومۇرلۇق تاش كېمىرلىكتىن ئېلىپ كېلىنىپ ئۇزۇن ۋاقىت كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئىككى پرانىدى كۆرۈنۈشىنىڭ بىرى. ئەسلىدە يان يانغا سىزىلغان ئىككى رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىر، كەڭلىكى 4 مېتىر 70 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ تام رەسىملىرىمۇ ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان.  (ئاپتورنىڭ شەخسىي ئارخىپىدىن)
تۇرپان بېزەكلىكتىكى 20 نومۇرلۇق تاش كېمىرلىكتىن ئېلىپ كېلىنىپ ئۇزۇن ۋاقىت كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئىككى پرانىدى كۆرۈنۈشىنىڭ بىرى. ئەسلىدە يان يانغا سىزىلغان ئىككى رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىر، كەڭلىكى 4 مېتىر 70 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ تام رەسىملىرىمۇ ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان. (ئاپتورنىڭ شەخسىي ئارخىپىدىن)
RFA/Ablet
 

بۇ تام رەسىملىرى بومبىلار زەربىسىدىن تام بىلەن بىرلىكتە يىقىلغان ۋە پارە-پارە بولۇپ كەتكەن. گەرچە ئۇششاق پارچىلار دەرھال يىغىۋېلىنىپ يەنە بىخەتەر يەرگە ئېلىپ بېرىلىپ ساقلانغان ۋە تاكى ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قىسمى ئاللىقاچان يوقالغان.

تام رەسىملىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان تالاپەت پەقەتلا بۇ ئەمەس. 1945-يىلى بېرلىننى ئىشغال قىلغان سوۋېت ئەسكەرلىرى ئىگە چاقىسىز قالغان مۇزېيگىمۇ باستۇرۇپ كىرىپ كۆرگەزمىگە قويۇلغان كىچىكرەك تام رەسىملىرىنى بۇلىغان. 2008-يىلى مەزكۇر بۇلانغان تام رەسىملىرىنىڭ بىر قىسمى سانكت-پېتېربۇرگدىكى ئېرمىتاژ مۇزېيدا رۇس ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كەلگەن باشقا تام رەسىملىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىگە قويۇلغان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى «گرۈنۋېدېل توپلىمى» دەپ ئاتالغان بۇ تام رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشقان. 1945-يىلى سوۋېت ئەسكەرلىرى بېرلىندىن تۈرىڭگېندىكى كايسەرودا ۋە گراسلېبېن دېگەن يەرلەرگە ئېلىپ كەتكەن 120 ساندۇق ئاسارئەتىقە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن سېللې ۋە ۋىسبادېنلارغا يۆتكەلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەر يەنە بېرلىنغا يۆتكەپ كېلىنگەن.

ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان بۇ مەڭگۈلۈك يوقىلىشتىن قالغان ۋە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرگە تەسەللى بولىدىغان بىردىن بىر خاتىرە، بۇ تام رەسىملىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تارتىۋېلىنغان سۈرەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇتلۇقى دېيىشكە بولىدۇ. ھەر بىر پارچىسى تەپسىلىي ئارخىپلاشتۇرۇلغان بۇ رەسىملەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى ۋاقىتتا دەسلەپكى قەدەمدە تەتقىق قىلىنىپ، نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان.

تام رەسىملىرى شۇنچە دەھشەتلىك ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە قارىماي، ساق قالغانلىرى يەنىلا ئۆز جىلۋىسىنى يوقاتمىغان. رەڭلىرى ئۆڭمىگەن ھەم ئۆچمىگەن، كۆرگەن كىشىگە خۇددى يېڭىلا سىزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ يۈزلىرىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك تەبەسسۇمى كۆرگۈچىگە تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ئېستېتىك ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئەپسۇسكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئانا يۇرتتىكى پارچىلىرىنىڭ رەڭلىرى ئۆڭگەن ھەتتا ئۆچۈپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن. ئوخشاش بىر تاش كېمىرلىكتىن ئەينى ۋاقىتتا پەرقلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ ھازىر ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان رەسىم پارچىلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق بۇ پەرقنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز.

 

كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيى 179-نومۇرلۇق تاش كېمىرلىكنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان رەسىملىرىدىن ئەدوبى ئېلېمېنتس پىروگراممىسى بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن شەكلى 1-رەسىم قىزىلدا، 2-ۋە 3-رەسىملەر بېرلىندىن ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئېرمىتاژ مۇزېيىدا، 4-رەسىم ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى فۇگ سەنئەت مۇزېيىدا، 5-رەسىم ئامېرىكا نيۇ-يورك مېتروپولىيان مۇزېيىدا، 6-رەسىم ياپونىيەدىكى بىر شەخسى توپلامدا 7-رەسىم گېرمانىيە بېرلىن شەرقىي ئاسىيا مۇزېيىدا، 8-رەسىم ئامېرىكا پېنسۇلاېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا  (ئاپتورنىڭ شەخسى ئارخىپىدىن. ئەينى ۋاقىتتا ئارخېئولوگلار تارتىۋالغان فوتو سۈرەتلەرگە ئاساسەن رەسىملەرنى ئاپتور ئۆزى بىرلەشتۈرگەن)
كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيى 179-نومۇرلۇق تاش كېمىرلىكنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان رەسىملىرىدىن ئەدوبى ئېلېمېنتس پىروگراممىسى بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن شەكلى 1-رەسىم قىزىلدا، 2-ۋە 3-رەسىملەر بېرلىندىن ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئېرمىتاژ مۇزېيىدا، 4-رەسىم ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى فۇگ سەنئەت مۇزېيىدا، 5-رەسىم ئامېرىكا نيۇ-يورك مېتروپولىيان مۇزېيىدا، 6-رەسىم ياپونىيەدىكى بىر شەخسى توپلامدا 7-رەسىم گېرمانىيە بېرلىن شەرقىي ئاسىيا مۇزېيىدا، 8-رەسىم ئامېرىكا پېنسۇلاېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا (ئاپتورنىڭ شەخسى ئارخىپىدىن. ئەينى ۋاقىتتا ئارخېئولوگلار تارتىۋالغان فوتو سۈرەتلەرگە ئاساسەن رەسىملەرنى ئاپتور ئۆزى بىرلەشتۈرگەن)
RFA/Ablet

  ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ھەيكەللەرنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

قوليازما ۋە تام رەسىملىرى ياشىغان تىراگېدىيە ئۇيغۇر دىيارى تارىخىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەقىل پاراسەت جەۋھەرلىرىنى ئاياپ قويمىغان. ھەيكەللەرنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ۋە يەنە بىر قىسمى بىخەتەر يەرگە يۆتكەلگەن. لېكىن باشقا يەرگە يۆتكەپ كېتىشكە ئۈلگۈرمەي قالغان 30 ساندۇققا قاچىلانغان ھەيكەل ۋە باشقا سەنئەت بۇيۇملىرى بېرلىندىكى مەشھۇر كۆرگەزمە سارايلىرىدىن گروپىيۇس بىناسىنىڭ يەر ئاستى ئىسكىلاتىدا كۆيۈپ كەتكەن.

 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 6 يىللىق بوران چاپقۇنلىرى ئۇچۇرۇپ، بومبا يامغۇرلىرى پارچىلاپ، بۇلاڭچىلىرى بۇلاپ، رەھىمسىز گۈلخانلىرى كۆيدۈرۈپ تۈگىتەلمىگەن قوليازمىلار، تام رەسىملىرى ۋە ھەيكەللىرىنىڭ ساق قالغانلىرى كۈنىمىزدە دۇنيا مەدەنىيەت ۋە سەنئەت تەتقىقاتىدا يەنىلا ئەڭ كۆپ قىزىقىش قوزغاۋاتقان، تەتقىقاتچىلارغا ئەڭ كۆپ ھوسۇل بېرىۋاتقان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەشھۇر. شۇنچە كۆپ ۋەيرانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ باھا پىچىلماس ئەسەرلەر ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قەدىمى يەتكەن دۆلەت مۇزېيلىرىنىڭ تۆرىدىن داۋاملىق ئورۇن ئېلىپ، خىتاي ئىستىلاسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئەسلىدە قانداق بىر يەر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرماقتا.

ئەپسۇسكى، ئەينى ۋاقىتتا ئانا يۇرتىدا قېلىپ قالغان قىسىملىرى ياراتقۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقىغا دۇچار بولماقتا. بىر قىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئەھمىيىتى بۇرمىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» سەپسەتىسىگە دەسمى قىلىنماقتا. بۇ ئەسەرلەرنى مىڭلارچە يىل باغرىدا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن تارىخىي يەرلەر ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ، «خىتاينىڭ بىر پارچىسى» غا ئايلاندۇرۇلماقتا.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.