بۇ زۇلۇملار قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا دىققىتى ئاشماقتا. بۇ سەۋەبتىن يېقىندا «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى (ILO) » ۋە «خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى (VOC) » قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئورگانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كەلتۈرۈۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى پاش قىلىنغان كۆپلىگەن دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلدى. دوكلاتلاردىن ئېنىقكى، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تۇپراقلىرىدىن ئايرىپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنىدى.

«خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى (ILO) » 2025-يىلى 10-فېۋرالمۇ يەنە بىر دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلات ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى (ILO) » نىزامنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكلىپ بېرىش ئاساسىدا مۇستەقىل تەتقىق قىلىش ئېنىقلاش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان. دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكىدا تەربىيەلەش ۋە مائارىپ ۋە مائارىپ مەركەزلىرى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ «مەركەز» لەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى جازا لاگېرلىرى بولۇپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بۇ يەرلەرگە قامىلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي يوسۇندا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە بۇ خىل ھادىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى پاش قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش جەريانىدا تۈرلۈك جىسمانىي ۋە روھى زۇلۇملارغا ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، ھاكىمىيەت رەھبەرلىكىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلدا نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن. مەزكۇر سىياسەت ئاتاقتا، «ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دەپ تەشۋىق قىلىنسىمۇ، ماھىيەتتە، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆز زېمىنى ۋە ماكانلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى خىتاي كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچى قىلىش بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۇسۇلى، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى زېمىن ھەقلىرىدىن ئايرىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا مىراس ماكانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ كوپىراتىپلىرىغا ئەزا قىلىپ قويۇلغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە تارىخىي يىلتىزىدىن ئايرىلىشقا باشلىغان.

ئىككىنچىسى بولسا، ئاتاقتا «مەركەز» دېيىلگەن جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بولغان. يەنى، بۇ خىل «مەركەز» لەرگە قامالغان ھەتتا قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا پاختا توقۇمىچىلىق ۋە ئېلېكتىرون ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى دېيىلگەن. بۇنداق «مەركەز» لەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچە ھۆكۈمەتنىڭ «ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە مەكتەپ» ھەمكارلىقىدا «خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغان» بولۇپ، تۆۋەن مائاش ۋە ناچار شارائىتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل شارائىتتا ئائىلىسى ۋە ئۆزى ياشاپ كەلگەن جەمئىيەت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىش قىسمەتلىرىگە قالىدىغانلىقى، بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولىدىغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يات بىر مۇھىتتا دۇچ كېلىدىغان تىل، ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئۇلارنى ئەسلىدىكى «نامراتلىق» تىنمۇ ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي كىرىزىس پاتقىقىغا پاتۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت ۋە مۇنازىرىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. نۇرغۇنلىغان خەلقئارا ئورگانلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەتلەر تۇشمۇ-تۇشتىن خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى (ILO) » خىتايدىن، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاشكارىلىشى، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، خىتاي بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ، بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.

ھەتتا خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ، مەزكۇر دوكلاتتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بۇلارنىڭ «شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ساختا ئۇچۇر» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، خىتاينىڭ ئىنكاسى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئەللىرىدە يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنىڭ كەينىدە ھاكىمىيەتنىڭ مەلۇم مەقسەت ۋە پىلانلىرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ياقا-يۇرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېغىر زىيانكەشلىك ئېلىپ كەلگەن. بۇ ھادىسە پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى ۋە ئىجتىمائىي قاتلىمىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا دىققەت قىلىشى ۋە ئۇنى ئەيىبلەپ، تەنقىدلىشى بىلەنلا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس. گەرچە بۇ خىل تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەر خىتايغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە زور ئۈمىد بېغىشلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ سىياسىتىدە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىغىنى يوق. ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى ۋەيرانچىلىققا ۋە مىللەت بويىچە يوقىتىۋېتىلىش كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ مەسىلىنىڭ يەنىلا خەلقئارانىڭ كۈچى بىلەن ھەل قىلىنىش قەدىمىنى ئالالماسلىقى، كىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ۋەجىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتە خىتاينى نوقۇل يوسۇندىكى ئەيىبلەشتىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىشىنى توسۇشقا يۈزلىنىشى نۆۋەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىدۇر.