كۆزەتكۈچىلەر: ئۇيغۇر ياش زىيالىيلىرىنىڭ ئىستىقبالى «بوغدا كۆلى پىلانى»دا تۇنجۇقتۇرۇلماقتا
2017.04.11

خىتاي دائىرىلىرى 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەلۇماتلىق ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچى ياشلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدە چېنىقىشقا ئەۋەتىدىغان «بوغدا كۆلى پىلانى» نى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. 2017-يىللىق «بوغدا كۆلى پىلانى»نى بويىچە، بۇ يىل 3 مىڭ 200 دىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر ھەر بىر كەنتتە ئاز دېگەندە بىر نەپەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالدىدا ئىكەن. بۇ خىل «بىر كەنتتە بىر ستۇدېنت بولۇش» نىشانى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە، ھەر خىل كەسىپلەردىكى ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن بۇ ھەقتە مەلۇماتلار ئاڭلايمىز.
3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەمۇرلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئاشكارا ئىمتىھان بىلەن قوبۇل قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلامدا چېنىقتۇرۇش بوغدا پىلانىغا تاللاش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017-يىلى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ، جەمئىيەتتىن 5435 مەمۇر خادىم ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى پات يېقىندا باشلىنىدىغان بولۇپ ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرى %80.1 نى، سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرى %24.3 نى ئىگىلەيدىكەن.
2017-يىلى «بوغدا كۆلى پىلانى» غا قوبۇل قىلىنىدىغان خادىم جەمئىي 3269 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆتكەن يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تاللىنىدىغىنى 2269 نەپەر ئىكەن،جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن 1984 نەپەر خادىم تاللىنىدىكەن. ئۇلار ئومۇمىي خادىمنىڭ %69 ئىنى ئىگىلەيدىكەن. «بوغدا كۆلى پىلانى» غا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇش سەۋىيەسىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلار بولۇشى، 30 ياش ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتا بولۇشى كېرەك دېگەندەك تەلەپلەر بويىچە مەمۇرلۇق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن تاللىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوندا ئالىي مەكتەپنى كۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا تەربىيىلەپ چېنىقتۇرىدىغان «بوغدا كۆلى پىلانى» نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا باشلىغان ئىدى. ھۆكۈمەت مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، «بوغدا كۆلى پىلانى» نىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىدىغان، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئېھتىياجلىق بولغان تايانچ كۈچلەرنى تەربىيەلەيدىغان، ناھىيە، يېزىلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى مەنبەسىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە «بىر كەنتتە بىر ستۇدېنت بولۇش» نىشانىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، «بوغدا كۆلى پىلانى»غا تىزىملىتىدىغان ئوبيېكتلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچىلاردىن باشقا خىتاي جەمىيىتىگىمۇ يۈزلەندۈرۈلگەن بولۇپ : ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن رايوندىكى ئوقۇغۇچىلار؛ رايوندىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئىچكىرى ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە غەربىي رايونغا ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ستۇدېنت پىدائىيلار، «يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ ۋە سەھىيەگە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش» خادىملىرى، ستۇدېنت «كەنت ئەمەلدارلىرى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تۈرلىرىگە قاتنىشىۋاتقان خادىملار؛ ئاپتونوم رايون يېزا-بازارلارغا بىر تۇتاش تاللاپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، يەنىلا يېزا-بازارلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان مەمۇرلار (تاللاپ ئىشلەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ جورىلىرى، بالا-چاقىلىرى، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلارنىڭ بالا-چاقىلىرى، رايوندا تۇرۇشلۇق قىسىملاردا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
پىلاندا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بوغدا كۆلى پىلانى» بويىچە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرىغا، «ئاز سانلىق مىللەتلەر» تىزىملىتىشقا بولىدىغان ئىش ئورنى %67.8 نى ئىگىلەيدىكەن.
يېقىندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بوغدا پىلانىغا تاللاش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 8221 ستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىقىغا تاللاپ تەكلىپ قىلىنىپ، ھەر بىر كەنتتە بىر ستۇدېنت كەنت كادىرى بولۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. مەھەللىلەرگە 10 مىڭدىن ئارتۇق ستۇدېنت تاللاپ تەكلىپ قىلىنىپ، ھەر بىر مەھەللىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە ستۇدېنت توغرا كەلگەن. مەھەللىلەردە ھەر 100 ئائىلىلىككە بىر خىزمەتچى سەپلىنىپ، 11 مىڭ 494 خىزمەتچى كۆپەيتىلگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم كەنتىگە مۇقىملىق كادىرى بولۇپ چۈشۈپ، بىر يىلدىن بۇيان دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش، «بوغدا كۆلى پىلانى» بويىچە خىزمەتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ كەنتتە يېتىپ قوپۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى، تەشكىلنىڭ رۇخسىتىسىز كەنتتىن چىقىشقىمۇ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، بايرام،دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ كەنتتە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىدەك بېسىم ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بوغدا كۆلى پىلانى» نى تەنقىد قىلىپ، «بۇ خىتاينىڭ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى نابۇت قىلىدىغان خەتەرلىك سىياسەت، بۇ سىياسەت بىلەن كەنتلەرگە سىياسىي خىزمەتكە مۇقىملىققا چۈشكەن بۇ ئالىي مەلۇماتلىق ياشلار ئىككى يىل جەريانىدا ئۆزلىرى سۆيگەن كەسىپلىرىدىن ئايرىلىپلا قالماي ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ كېرەكلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدىن،ھەر تۈرلۈك ساھە ۋە كەسىپلەر لاياقەتلىك ئىزباسارلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بۇ ياشلارنى ئەڭ رەزىل سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قۇرۇشتەك غەرىزى ئۈچۈن قوللانماقتا. نابۇت قىلماقتا» دېدى.
2017-يىلى خىتاي بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 7 مىليون 950 مىڭغا يېتىدۇ. خىتاي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «2017-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسى قاتلاملارغا، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا، چەت-ياقا جاپالىق رايونلارغا، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىگە كەنت كادىرى بولۇپ چۈشكەن بىر ئۇيغۇر قىز، ئۇيغۇر ستۇدېنتلار بىلەن خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنگەن كادىرلارنىڭ، خىزمەت تەقسىماتىدىمۇ ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەمگە كەلگەن ئىختىساسلىقلار سۈپىتىدە يۆتكەپ كېلىنگەن خىتايلارنىڭ تىل بىلمەسلىكنى باھانە قىلىپ، ھېچقانداق خىزمەت قىلمىسىمۇ، شەكىلگە ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ بىكارلىق مائاش ئېلىپ،بىر قانچە ئايدىلا ئۈستۈرۈلۈپ ئىدارە ئورگانلارغا رەسمىي خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىللار ئاۋۋال ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى دەپ تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، ئۇيغۇر ئېلىگە خىتايلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئەمدىلىكتە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەپ، ماددىي بايلىق ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارنى، ھالقىلىق ئىقتىسادىي ئورۇنلارنى، ئەمەلىي كەسپى ئورۇنلارنى خىتايلار ئىگىلىۋېلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىمكانسىزلىققا ۋە ئىقتىسادىي خارابلىققا باشلاپ ئاپاردى ۋە ئاخىرىدا ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ئىجراچىسى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ يەنە زىيالىيلارنى خەلقتىن ئايرىشتەك سىياسىي مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ» دېدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە مەكتەپلىرى ۋە باشقا تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى كەنت(مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ سېكرېتارلىرىنى يىلدا كەم دېگەندە بىر قېتىم تەربىيەلىمەكتە،ئۇنىڭدىن باشقا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە «بوغدا كۈلى پىلانى» ئارقىلىقمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەت قوشۇنى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتماقتا.دائىرىلەر يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ كەنت ۋە مەھەللىلەردە ۋەزىپە ئۆتۈشىگە ئىلھام بېرىپ، قاتمۇ قات سىستېمىلىق تەربىيىلەپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.