بۇرۇنقى بۇرۇت ۋە بۈگۈنكى نىقاب

0:00 / 0:00

بۇندىن يۈز يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمىغان بىر بۇرۇت بار ئىدى، بۈگۈنمۇ قوبۇل قىلىشتا قىينىلىۋاتقان بىر نىقاب بار. يۈز يىل بۇرۇنقى بۇرۇتنىڭ بۈگۈنكى ھېچ بىر ئۇيغۇردا ئىزناسى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى يادلانماقتا. بۇرۇنقى غەلىتە بۇرۇتنى قويۇپ كىشىنىڭ كۆزىگە سىغمىغانلارنىڭ ۋەكىلى مەمتىلى ئەپەندى.

مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ بايراقدارى، ھۆرلۈككە بولغان ئەقىدىسىنى ئۆلۈمى بىلەن ئىسپاتلىغان شائىر. ئۇنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن ئوچۇق سۈرىتى پەقەت ئىككى پارچە. رەسىمدە ئۇنىڭ بۇرۇتى پەۋقۇلئاددە دىققەت تارتىدۇ. چۈنكى ئۇ خىل بۇرۇت ھازىر گىتلېرغا خاس بىر بەلگە بولۇپ، فاشىزىمنىڭ ئوبرازى. ئۇنداق بۇرۇت قويغان كىشىلەر بۈگۈنكى كىشىلەردە قورقۇنچ، نەپرەت ۋە يىرگىنچ پەيدا قىلىدۇ.

مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇرۇت پاسونى ئەسلى ياۋروپادىن تارالغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا مىللەتچىلىك ئەۋج ئالغان بولۇپ، شۇنىڭ تەسىرىدە مەمتىلى ئەپەندىگە ئوخشاشلارمۇ بۇ ئېقىمغا ئەگەشكەن، شۇ يىللاردا مىللەتچىلىكنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدىكى بۇرۇتنى مەمتىلى ئەپەندىگە ئوخشاش قويغانلار ئۇيغۇردا تەرەققىياتقا، يېڭىلىققا، ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلغان. مىسالەن، مىللەتنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەخسۇت موھىتى، مەمتىمىن بۇغرا، نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت قاتارلىق يولباشچىلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدا مىللەتچىلىكنىڭ سىمۋولى بولغان «گىتلېرچە» بۇرۇتنى مودا قىلىشقان. گىتلېرچە بۇرۇت يالغۇز ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىدىلا ئەمەس، تۈرك ۋە ئەرەب مىللەتچىلىرىدىمۇ كەڭرى قويۇلغان بولۇپ، مىسىرلىق سەئىد قۇتۇپنىڭمۇ شۇنداق بۇرۇتى بار ئىدى.

ياۋروپادا تۇغۇلغان مىللەتچىلىكنىڭ نەتىجىسىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭى-يېڭى مىللىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما مىللەتچىلىكنىڭ ياۋايى شەكلى بولغان فاشىزىم ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ چەكلەندى. گىتلېر زامانىدا گېرمانىيەدە ئومۇميۈزلۈك قويۇلغان بۇرۇت بۈگۈن فاشىستچە قىياپەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قويۇلماس بولدى. ياۋروپالىق مىللەتچىلەردىن بۇرۇت قويۇشنى ئۆگەنگەن ئۇيغۇر مىللەتچىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى ياۋروپادا ئۇنداق بۇرۇتنى قويماي، چەكلەنگەن فاشىستچە قىياپەت ۋە پىكىرلەردىن ئامال بار ساقلىنىپ تىنچلىق بىلەن داۋاسىنى داۋام قىلماقتا.

ياۋروپادا باشلانغان مىللەتچىلىكنى قورال قىلىپ دۆلەت قۇرماقچى بولغان مەمتىلى ئەپەندى، مەمتىمىن بۇغرا ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋارىسلىرى بۈگۈنمۇ مىللەتچى، ئۇلار ياۋروپاچە مىللىي دۆلەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ھازىر ياۋروپا ئەللىرىدە ئەجدادلار ياققان مەشئەلنى كۆتۈرۈپ، ئۇلار باشلىغان داۋاغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ھېچ بىر ئۇيغۇر يولباشچى ئۇلارنىڭ بۇرۇتىغا ۋارىسلىق قىلمىدى. چۈنكى ئۇ بۇرۇت بۈگۈن فاشىزىمنىڭ بەلگىسى سانىلىدۇ.

خۇددى يۈز يىل بۇرۇنقى دۇنيادا مىللەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ ئۇنىڭ بەلگىسى بولغان بۇرۇت ئۇيغۇرغا تارالغان بولسا، ھازىرقى دۇنيادا ئەسلىيەتچىلىك دولقۇنى قوزغىلىپ، ئۇنىڭ سىمۋولى بولغان نىقاب ئۇيغۇرغا تەسىر قىلدى. يامان يېرى تۈرلۈك ئەسلىيەتچىلىك ئېقىملىرى بۈگۈنكى دۇنيادا تېررورچىلىقنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ، بومبا ساقال ۋە قارا نىقاب ئۇنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە ئۆزى ئەسلىيەتچى بولمىغان، تېررورلۇق بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى بولمىسىمۇ، ئۇزۇن ساقاللىق ئەرلەر ۋە قارا نىقابلىق ئاياللار خاتا چۈشىنىلىشكە باشلىدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا ياۋروپادىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا كۆپرەك ئۇچرىغان فىرانسىيەدە ئاياللار يۈزىنى ئورايدىغان نىقاب چەكلەندى. نىقابلىقلار سەۋەب بولغان بىر قانچە تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان تۇنىسمۇ نىقابنى چەكلەپ پەرمان چىقاردى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نىقاب تاقايدىغان خانىم-قىزلارمۇ ئۇيغۇر جامائىتىدە ۋە خەلقئارادا خاتا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشلەرگە مەھكۇم بولماقتا.

2017-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىر جەررى شىھ بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. جەررى بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئۇزۇن ساقاللىق، قارا نىقابلىق ئۇيغۇرلارنى رەسىمگە تارتتى. كىم بىلسۇن، ئۇزاق ئۆتمەي مەلۇم بىر تاراتقۇ بۇ رەسىملەرنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئاشقۇنلارغا تۈركىيەدىن بېرىپ قېتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. رەسىمگە تارتىلغان ئۇيغۇرلار خەۋەرنى كۆرۈپ قەيسەرىدىن ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىق بولسا بۇ رەسىملەرنىڭ ئىجازەت بىلەن تارتىلغانلىقىنى، تەلەپ بويىچە كىملىكىنىڭ يوشۇرۇلغانلىقىنى، تورغا قويۇلغاندىن كېيىن كىملەرنىڭ قانداق خەۋەر ئۈچۈن ئىشلىتىشىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئەلۋەتتە، ئاياللار نىقابلىق، ئەرلەرنىڭ يۈزلىرى نائېنىق بولغاچقا، ھېچ كىم رەسىمدىكى مەن ئىدىم، مېنى ئۇنداقچى ياكى مۇنداقچى دەپتۇ دېيەلمەيتتى.

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ سۈرىيەدە كورد قوراللىقلىرىغا ئەسىرگە چۈشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەرلىرى چىقىشقا باشلىدى. شۇنداق خەۋەرلەرنى باسقانلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدىكى «ئاسىيا خابەر» دېگەن بىر تاراتقۇ يەنە شۇ جەررى شىھ قەيسەرىدە تارتقان بىر رەسىمنى ئىشلىتىپتۇ. خەۋەردە سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن «ئۇيغۇر جىھادچى ئاياللار» دەپ رەسىمى چىقىرىلغانلار ئەمەلىيەتتە قەيسەرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر خانىملار ئىدى. ئەگەر بۇ خانىملارنىڭ يۈزى ئوچۇق بولغان بولسا ئىدى، بۇنداق سۇيىئىستېمال قىلىنمىغان بولاتتى، ھېلىقى ساختىكار تاراتقۇنىڭ تۆھمىتىگە قالمىغان بولاتتۇق، ئۇلارمۇ قورقماي يالغان سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.

قارا نىقاب سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار خاتا تەشۋىق قىلىنىۋاتقاندەك ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاياللار تاقاۋاتقان قارا نىقاب ئەڭ كەسكىن مۇنازىرە قوزغاۋاتىدۇ. نىقابقا قارشىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى نۇقتىسىدىن چىقىپ تەنقىد قىلىۋاتقانلارمۇ، ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى نۇقتىسىدىن چىقىپ ئەيىبلەۋاتقانلارمۇ، ئاياللار ھوقۇقى نۇقتىسىدىن چىقىپ تەنقىد قىلىۋاتقانلارمۇ بار. ھەتتا قارا نىقاب ۋە بومبا ساقال ئاشقۇنلۇققا سىمۋول بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك داڭلىق تاراتقۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەندە ئىلاج بار ئۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلەتمەي كەلدى. مەسىلەن، «ئەل-جەزىرە» نىڭ تۈركىيەدە ئىشلىگەن يانۋاردىكى لاگېرلار توغرىلىق ھۆججەتلىك فىلىمىدا، BBC تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن گۇۋاھچىلارنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن خەۋەرلەردە ۋە يېقىندا چىققان «ۋايىس» نىڭ فىلىمىدا ئەسلى يۈزى نىقابلىق ئاياللار بار ئىدى، ئەمما فىلىم تارقىتىلغاندا قارىسام ھېچ بىرى ئىشلىتىلمەپتۇ.

مېنىڭچە، ھېچ بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا كىيىمنى قانداق كىيىش، بۇرۇت-ساقالنى قانداق قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقى يوق. ئەمما ھېچ بىر ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ئەجەللىك شارائىتتا ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ھەققى يوق. خۇددى مىللەتچىلىكنىڭ بەلگىسى بولغان بۇرۇت فاشىست گىتلېر قويغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن فاشىزىمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغاندەك، پەرقلىق دىنى چۈشەنچىنىڭ بەلگىسى بولغان قارا نىقاب ۋە بومبا ساقال بۈگۈن تېررورچىلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. خانىم-قىزلىرىمىز ۋە ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسىگە سادىق بولۇپ قارا نىقابلارغا ئورىنىپ ئۇزۇن ساقاللارنى قويۇپ يۈرۈشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما بۇ قىياپەتلەر سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار دۇنياغا ئاشقۇن تېررورچىلار سۈپىتىدە تونۇتۇلسا، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.