خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ يىللىق چاغان بايرىمى ئۈچۈن قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلەندى.
«خەلق تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى»،«باھار بايرىمى ھەممىمىزنىڭ بايرىمى»، «بىللە ئوينايلى قاراقاش ياشلىرى» دېگەندەك ماۋزۇلاردىكى خەۋەرلەر بېرىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى تەرىپلەندى.
«بىللە ئوينايلى قاراقاش ياشلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، 9-، 10-فېۋرال يەنى چاغاننىڭ 1-، 2-كۈنلىرى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى جاھانباغ يېزىسىنىڭ ئاقساراي، بۇلاقبېشى قاتارلىق كەنتلەردە «ئاممىۋى ئويۇنلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، باھار بايرىمىنى پۈتۈن يېزا خەلقى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن» لىكى بايان قىلىنغان.
ھالبۇكى، يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.
مەزكۇر خەۋەرلەردىن كېيىن، «ئۈندىدار» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاز كۈندە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىمۇ چاغان ئۆتكۈزۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ»، «قارىغاندا ھۆكۈمەت بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە، ھەتتا چاغاندا جۇۋاۋا يېيىش، ئېتىلداق ئېتىشقا دەۋەت قىلسا كېرەك» دېگەن ئىنكاسلار يېزىلغان.
بىر تورداش ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئۈلگىسى» دەپ تەرىپلەنگەن كاۋاپچى ئالىم خالىقنى نەقىل ئېلىپ،«ئۇنداق دېمەڭلار ئالىم خالىق ئالدىنقى يىلى روزا مەزگىلىدە تىجارەت باشلىغان كاۋاپخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىمۇ پوجاڭزا( ئېتىلداق) ئېتىپ كاۋاپخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تەبرىكلىگەن ئىدى، ھازىر شەھەرلەردە چاغاندا بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ ئېتىلداق ئاتىمىز، دەپ جېدەل قىلىدىغان بولۇۋاتىدۇ، بەلكىم ئېتىلداق ئېتىش ئاز كۈندە ئۇيغۇرلارغىمۇ ئومۇملىشىپ قالار» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازغان.
مەلۇم بولۇشىچە، چاغاننى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن ناھىيىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياكى ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» سۈپىتىدە سىرتلاردا ئىشلەۋاتقان ياشلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇپ، چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلغان.
ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بۇ يىل چاغان ۋە قىشلىق تەتىلنى يۇرتلىرىدا ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاقسۇ شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان قىزىنى ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، قىشلىق تەتىلنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتلىرىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەندىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ياش، ئۆزىگە ئوخشاش تىرىكچىلىك غېمىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە، ياكى ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەردە ئىشلەۋاتقان ياشلارنىڭ چاغان مەزگىلىدە يەنى 7-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە بىر ھەپتە دەم ئېلىش نامىدا يېزىلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ بىر ھەپتىلىك مەجبۇرى دەم ئالدۇرۇش سەۋەبىدىن ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ چاغانلىق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇچرىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قولتۇقىغا ھاسا قىستۇرۇۋالغان بىر بوۋاي بىلەن بېشىغا لېچەك سالغان موماي سىياقىدىكى بىر جۈپ ئۇيغۇرنىڭ «باھار بايرىمى بىزنىڭ بايرىمىمىز» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان چوڭ زالدا تانسا ئويناۋاتقان سىن كۆرۈنۈشى «فەيسبوك» قا يوللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا بەزىلەر: «ئاخىرقى ئۆمرىنى دۇئا تىلاۋەت، ناماز بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن سەھرادىكى بوۋاي-مومايلار ئوبرازىنىمۇ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپتۇ»، دەپ يازسا، يەنە بەزىلەر «ئۇيغۇر مويسىپىتلار ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن بۇ خىل ئەھۋاللارنى ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى دەپ ئەرز قىلىش، چەكلەش كېرەك!» دەپ يازغان.
ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى تەرغىب قىلىش خىتاينىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن «مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش دېگەن» مىللىي سىياسىتىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ناملىرىدىكى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنىڭ كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي، مەدەنىي، دىنىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.