«چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى» نېمە ئۈچۈن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ قالدى؟

0:00 / 0:00

بۇ يىل 4-يانۋار كۈنى «خىتاي خەۋەر تورى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق چوڭ-كىچىك تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «2024-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۆت شەھەردە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ تۆت شەھەر خىتاينىڭ بېيجىڭ، شېنياڭ، چاڭشا قاتارلىق شەھەرلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ چاغانلىق سەنئەت پائالىيىتى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تارماق سەنئەت پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى نۆۋەتتە بۇ پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. قەشقەر شەھىرىنىڭ چاغان كېچىلىكىنىڭ ساھىبخانىلىقىغا تاللىنىشىدىكى سەۋەب، قەشقەرنىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەكلىك رولىنى ئۆتەشتىن باشقا يەنە، ساياھەتچىلىك مۇھىم تۈگۈنى ۋە ئەركىن سودا رايونى بولغانلىقىدا ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى قەشقەرنى« سەككىز دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان بەش ئېغىز ۋە ياۋروپا-ئاسىيا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر يول» غا جايلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە ئالتۇن قانال دەپ تەرىپلىگەن. قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن رۈيخۇا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قەشقەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «قەشقەر خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ جەنۇبقا مەركەزلىشىشىنى بەلگىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرى بىلەن قۇرۇقلۇق ئالاقىسى ئورنىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. بۇ ۋەزىيەت ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يېڭى بازارلارنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە».

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «2024-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ قەشقەردىنمۇ تارقىتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات سۈرىتى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «2024-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ قەشقەردىنمۇ تارقىتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات سۈرىتى. (social media)

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساياھەتچىلىك جەھەتتە، قەشقەرنى كۈچلۈك ساياھەت ئىقتىسادىي رايونىغا ئايلاندۇرۇش شوئارى ئاستىدا، 2023-يىلى، بۇ جايغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 8 مىليون 749 مىڭغا يەتكەن. 2023-يىلى، نويابىردا قەشقەر ئەركىن سودا سىناق رايونى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، يىل ئاخىرىغىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تاشقى سودا ئوبوروت سوممىسى 75مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىنى پەش قىلىپ، قەشقەرنى سەنئەت كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرىدىغان نۇقتا قىلىپ بېكىتىشى تاشقى دۇنياغا قانداق سىگنال بېرىدۇ؟ ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان، خىتايلارنىڭ كۆرۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان «چاغان سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ قەشقەردە ئۆتكۈزۈلۈشىنى قارار قىلىشى تاسادىپىي بولغان ئىش ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەدەپ قەشقەرنى نىشان قىلغان تۈرلۈك ئىقتىساد، سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش تەشۋىقاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىن ئىبارەت قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە بۇ جايدىكى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي غەرىزىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ.

ئالدى بىلەن سۆزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى مەيدانغا كەلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ پائالىيەتنى ئەڭ ئۈنۈملۈك سىياسىي تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى 1983-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى دېگەندىن كۆرە «سىياسىي رەسمىيەت» تۈسىنى ئالغان ھاكىمىيەت قورالى دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى. بۇ پىروگرامما خىتاينىڭ ئاكتۇئال دۆلەت سىياسەتلىرىنىڭ سەھنە يۈزىدە ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشكارا ھالدا ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى كەمسىتىش ۋە مەجبۇرىي ھالدا خىتاي كىملىكىنى تېڭىشتا ياردەمچى رولىنى ئۆتەپ كەلگەن.

بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى 1986 -يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە خىتاي كومېدىيە ئارتىسى چېن پېيسى ئورۇنلىغان«كاۋاپ» ناملىق ئېپىزوت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پاسسىپ خاراكتېردە سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا پاكىت بولالايدىغان ئەڭ ياخشى بىر ئۆرنەك. مەزكۇر ئېپىزوتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى «تۆۋەن دەرىجىلىك سىنىپ» قا مەنسۇپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتى غەلىتە، خاراكتېر جەھەتتە كۆز بويامچى ۋە ئالدامچى قىلىپ يارىتىلغان. قىسقىغىنە ئېپىزوتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، ناخشا-ئۇسسۇلى، كىيىم-كېچەكلىرى، سالاملىشىش ئادەتلىرى، ھەتتا ئىسمى ۋە چىراي-شەكلىمۇ ئېغىر مەسخىرىگە ئۇچرىغان بىر كۆرۈنۈش مەيدانغا ئېلىپ چىقىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارنى «كاۋاپچى»، «شىنجىياڭرېن»(شىنجاڭلىق) ياكى «ئالىبابا تاغا» دەپ ئاتايدىغان، ئۇلارنى مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرىدىغان ئەھۋاللار نورمال ھادىسىگە ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىرى خىتايدا ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئاشكارا ھالدا « ياڭروچۈەن» يەنى«كاۋاپچى» دەپ مەسخىرە قىلىنىشى ۋە كەمسىتىلىشى ئەۋج ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنداق مىللىي كەمسىتىشنى توسىدىغان چارە قوللانمىغانىدى.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئېپىزوت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چاغدا كىشىلەر قارشىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز ئىدى.

ئېپىزوتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مىليونلىغان خىتاي تاماشىبىن-پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سەلبىي تونۇش ۋە چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇندىن بار بولغان چېگرانى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەن دەپ ئېيتالايمىز. بۇ ھەقتە تىبەت يازغۇچى سېرىڭ ۋوئېزىرنىڭ ( Tsering Woeser) ئۆز بىلوگىدا ئېلان قىلغان يازمىسى يۇقىرىقى كۆز قاراشنى تەستىقلايدۇ. سېرىڭ ۋوئېزىر 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلغاندا «مەزكۇر ئېپىزوتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋر قاچىسىنى توشتۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ئېپىزوت تارقىتىلغىنىغا گەرچە 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ، بۈگۈنكى كۈندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

ئاۋسترالىيەلىك تارىخچى كولىن ماكېرراس(Colin Mackerras) ئەپەندى 1984-يىلى يېزىلغان« جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ناخشىلىرى ۋە ئۇسسۇللىرى: سىياسەت، ئەنئەنە ۋە كەسىپلىشىش» تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىدە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قەلبىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇرلار «ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق» دەيدىغان قېلىپلاشقان ئوبرازنىڭ يارىتىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرى كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋە ئەدەبىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇندىن باشقا 2017-يىلىدىكى ئوخشاش سەنئەت پىروگراممىسىدا «تەڭرى تاغقا مۇھەببەت» تېمىسىدىكى نومۇردا، خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيلەنگەندىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارغا «دىنىي ئاشقۇن»، «بۆلگۈنچى» دېگەنگە ئوخشاش قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە نورۇز بايرىمىغا ئوخشاش بىر قىسىم ھېيت-بايرام، مۇراسىملىرىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ خىل كەڭ كۆلەمدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ باققىنى يوق، ئەكسىچە بۇ خىل بايراملارنى ئۆتكۈزۈش چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. ئەنە شۇ چاغان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان قەشقەردە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى، كوللېكتىپ ناماز ئوقۇشى ۋە مىللىي مەدەنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشى چەكلەنگەن. قەشقەرنىڭ ئۆزىدىلا مىڭلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا سولانغان، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قەشقەرنىڭ مىرزاھىت كېرىمىغا ئوخشاش يۈزلىگەن يازغۇچى- شائىرلىرى، زىيالىيلىرى لاگېر -تۈرمىلەرگە سولىنىپ، بەزىلىرى شۇ جايلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەمەلىيەتتە قەشقەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغان رايون ئىدى.

بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، قەشقەردە 2024-يىللىق چاغان كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ماھىيىتى، مېدىيانىڭ مەجبۇرلاش كۈچى ئارقىلىق، تاماشىبىنلارنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار «بەختلىك ياشىماقتا» دېگەن تەشۋىقاتنى بازارغا سېلىش، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش جەھەتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن ئوبرازىنى يېڭىلاش ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشنى مەقسەت قىلغان.

جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرىگە ئاساسەن، بىر مىللەت ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى يارىتىدۇ ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئېتنىك مىللەتلەر ئورتاق تارىخ، ئورتاق تېررىتورىيە ۋە ئورتاق تىل، ئۆرپ-ئادەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق كۈلتۈر ۋە ئورتاق دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئەنئەنىۋى بايرام ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا؛ «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» نى زورلۇق بىلەن تاڭماقتا ۋە ئومۇملاشتۇرماقتا. مانا بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېۋىزىيە ۋاسىتىسى بىلەن ئۆز غەلىبىسى سۈپىتىدە دۇنياغا جاكارلىماقچى. يىللاردىن بۇيان بۇ خىل پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى سىياسىي تەشۋىقات بىلەن بىرلىكتە خىتاي مىللىي ئەنئەنىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا خىتاي مەدەنىيەت كىملىكى يارىتىش ئاساس قىلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن،« ئەجدىھا ۋارىسلىرى »،«سەددىچىن سېپىلى» دېگەنگە ئوخشاش خەن مىللىتى مىللىي سىمۋوللىرىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە باغلاپ كەلمەكتە.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىدا، ئۇلار قەشقەردە چاغان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ھېچقاچان ئەركىن پىكىر قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە بولمىغان بايرامنى تەبرىكلىگەندە؛ ئۇيغۇر تىلى ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىغان بۇ سەنئەت كېچىلىكىنى تەبرىكلىگەندە ئۇلار قانداقمۇ چىن يۈرىكىدىن ھاياجانلىنالىسۇن؟!

قەشقەردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، مەزكۇر يۇرت تارىخىدا ئۆتكەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت نامايەندىلىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە باشقىلارنىڭ ئوبرازىغا ئورۇن بېرىلەمدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىدەك ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ شانلىق مەدەنىيەت ياراتقانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئەلۋەتتە خۇشال ئۇسسۇل ئويناپ بەختىيار ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىپ، ياسالما سەھنىلەرنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى تەبىئىي. ئەمما يۈز مىڭلىغان لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقى ئېنىق.

ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، « جۇڭخۇا مىللىتى ۋە مەدەنىيىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مىللىي تارىخى، بۈيۈك مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ئىنكار قىلىندى ياكى يوققا چىقىرىلدى. پەقەتلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى تەرغىب قىلىندى. ئۇيغۇرلار چاغان قاتارلىق خىتاي مىللىي بايراملىرىنى خىتايچە كىيىنىپ ، خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاندى. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشى، مىللىي ئەنئەنىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەرغىب قىلىشى چەكلەندى. مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلامى ئېتىقادىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن قەشقەر ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ رامىزان ئۆتكۈزۈشى ۋە داغدۇغىلىق ھالدا ھېيت ئۆتكۈزۈشى، ئەركىن ئىبادەت قىلىشى چەكلەندى.

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ قەشقەردە ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مىللىي كەمسىتىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىشنى نىشان قىلغان.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.