خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتايچە قوليازما جەۋھەرلىرى ۋە چاغاتايچە تارىخىي ئەسەرلەر تەتقىقاتى
2024.04.03
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى پەقەتلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگىلا قارىتىلىپ قالغان بولماستىن بەلكى، قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن قالغان تارىخىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ ئۆزىنىڭ قۇربانلىق نىشانى قىلىپ تاللىۋالغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخىدا كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە جەمئىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن ئايرىلماس بولۇپ بىرلىشىپ كەتكەن ئىسلام دىنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئانى كەرىم، ھەدىس ۋە دىنىي تېمىدىكى كىتابلارنى ئاشكارا كۆيدۈرۈۋاتقان، ئۆيىدە ساقلىغۇچىلارغا ئېغىر جازالار بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتە بارلىققا كەلتۈرگەن قوليازما ئەسەرلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا بۇرۇن قەدىمىي ئەسەرلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ بېرىپ كۆڭۈل بۆلۈپ تەتقىق قىلغان كىشىلەرنى، تەتقىقات مەركەزلىرىنى، مۇزېيلارنى، كۇتۇپخانىلارنى، شۇنىڭدەك كىتابلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغۇچىلارنى «ئوغرى» ياكى «بۇلاڭچى» دەپ ئاتاشنى داۋام قىلماقتا.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئۆز ئانا يۇرتىدا تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇمغا دۇچار بولۇۋاتقان مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە باشقا دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلارنىڭ بۇرۇنقى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقى ۋە قىزىقىش قوزغاۋاتقان كىشىنى خۇرسەن قىلىدۇ.
بۇ يىلقى نورۇز بايرىمى كۈنىدە دۇنيادىكى مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خافتون (Houghton) كۇتۇپخانىسى ئۆزى كىچىك ئەمما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر قوليازما ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە ساھىبخانىلىق قىلدى. مەزكۇر كۆرگەزمە، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى مارك ئېللىئوت ئەپەندىنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلنار ئېزىز ۋە ئۇ تەشكىللىگەن تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بېرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ئەمەلى نەتىجىسى ئىدى. كۆرگەزمىگە بۇ كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتايچە قوليازمىلاردىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تونۇلغان قوليازمىلاردىن «تاۋارىخى رەشىدى»، «تاۋارىخى چىڭگىزنامە»، خوجىلار دەۋرى تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەسەر «تەزكىرە-ئى خوجاگان»، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇب» نامىدىكى ئەسەرلىرىدىن باشقا، يەنە ئەھمەد قۇلى ئىسىملىك بىر كىشى قەلەمگە ئالغان «جانابى بەدەۋلەتنىڭ ھېكايەتلىرى» نامىدىكى بىر قوليازما، شۇنداقلا «كونا تۇرفاندىكى مازار ھەزرىتى سۇلتان ئەسھابۇل كەئىفنىڭ تەزكىرەلىرىنىڭ بايانى ۋاقائاتلىرى» نامىدىكى بىر قوليازما تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۇتۇپخانا ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىنىپ، گېرمانىيە ۋە قازاقىستاندىن بۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان تەتقىقاتچىلارنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئەسەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتلىرى سۇنۇلغان.
كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر ئارىسىدا 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىرزا ھەيدەر مۇھەممەد كوروگان تەرىپىدىن يېزىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەسەر «تاۋارىخى رەشىدى»، كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىلغان «تاۋارىخى چىڭگىزنامە»، «تەزكىرە-ئى خوجاگان» قاتارلىق تونۇلغان ئەسەرلەرنىڭ يېنىدا «مىس. تۈرك 71» نومۇرلۇق «جانابى بەدەۋلەتنىڭ ھېكايەتلەرى» ناملىق بىر قوليازما كىتابچىسى ۋە «كونا تۇرفاندىكى مازار ھەزرىتى سۇلتان ئاشابۇ كەئىفنىڭ تەزكىرەلىرىنىڭ بايانى ۋاقائاتلىرى» نامىدىكى ئۇزۇن بىر بەتلىك قوليازما ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ. تېخىچە رەسمىي تەتقىق قىلىنمىغان مەزكۇر «مىس تۈرك 71» دەپ بەلگە قويۇلغان «جانابى بەدەۋلەتنىڭ ھېكايەتلەرى» ناملىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر ياقۇب بەگ بىلەن بىرلىكتە قوقاندىن قەشقەرگە كەلگەن ئەھمەد قۇلى ئىسىملىك بىر كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇنىڭ بايانلىرى ۋە كىتابچىنىڭ ئاخىرىدا قالدۇرغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ئۇ ياقۇب بەگنىڭ يەكەن(ياركەند)، خوتەن، ئاقسۇ، باي، سايرام ۋە كۇچالارنى ئېلىش سەپەرلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ياقۇب بەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلۇغچاتتىكى مىڭ يول قاراۋۇلخانىسىنى ساقلىغان. بۇ قوليازمىدا دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى بىر نەچچە بەتتىكى ياقۇب بەگ بىلەن رۇسىيە ھەربىي ئەلچىسى كۇروپاتكىننىڭ ئۇچرىشىشىدۇر. ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى كۇروپاتكىننى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا ياقۇب بەگ تۇرۇۋاتقان كورلىغا باشلاپ بېرىش جەريانىدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى خېلى تەپسىلىي بايان قىلغان. قوليازما بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن موللا مۇسا سايرامى يازغان «تارىخى ھەمىدى» ئەسىرىگە ياخشى بىر تولۇقلىما بولالايدۇ. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى 1904-يىلى قەشقەردە يازغانلىقى مەلۇم. كۆرگەزمىگە قويۇلغان «كونا تۇرفاندىكى مازار ھەزرىتى سۇلتان ئاشابى كەئىفنىڭ تەزكىرەلىرىنىڭ بايانى ۋاقائاتلىرى» نامىدىكى ئۇزۇن قوليازما «ms. Turk 70» دېگەن نومۇر قويۇلغان بىر كىچىك قوليازمىلار يىغمىسىغا تەۋە. بۇ يىغمىدا ياركەند خانلىقى دەۋرىدە يەنى 1600-يىلىدىن 1677-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈلگەن 7 پارچە يارلىق، 1740-يىللىرى ئەتراپىدا پۈتۈلگەن خوجىلار دەۋرىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن ھەزرەتى خوجا ئىسساق ۋەلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 3 پارچە يازما، ھەزرەتى مەۋلانە سائىد جالالىددىن كاسانىغا يېزىلغان بىر پارچە مەكتۇپنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قاتارلىق 14 پارچە قوليازمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يىغمىدىكى «ئىنايەتنامە» نامىدىكى ۋاقف ھۆججىتى 1930-يىلىلا شۋېتسىيەلىك گۇستاف راكېت (Gustav Raquette) تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان. ياركەند خانلىقى دەۋرىگە تەۋە 6 پارچە يارلىق 2010-يىلى كىم خودوڭ تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلىنىپ يارلىقلارنىڭ شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇرۇنقى يەنە بىر نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ئۆتكەن يىلى تۈركىيەلىك ياش تەتقىقاتچىلاردىن فاتىھ باقىرجى (Fatih Bakırcı) ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان يارلىقلار ۋە ئىنايەتنامىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ئۇنىڭ بۇ كىتابىدا كىم خودوڭنىڭ ماقالىسى ۋە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. يىغمىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ۋە قانداق قىلىپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.
دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىلىم ماكانى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەزەلدىنلا چاغاتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بىلەن مەشھۇر. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە قوليازمىلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. 1965-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن جوسېپ فلېتچېر (Joseph Fletcher، 1934-1984) ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ئىسلام دىنى تەتقىقاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم قوليازمىلارنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى يىغقان. ئۇ باشلىغان تارىخنى ئەسلى مەنبەلەر بويىچە تەتقىق قىلىش ئەنئەنىسى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ كەلگەن. كېيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تارىخىي مەنبەلەردىن «بابۇرنامە» نىڭ چاغاتايچە ۋە پارىسچە نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشى ۋە بۇ تېمىدىكى كىتابى بىلەن تونۇلغان ئىسلام تارىخى ئالىملىرىدىن ۋ. م. تاكستون (W. M. Thackston) بىلەن داۋاملاشقان بۇ تەتقىقات ئەنئەنىسى پىروفېسسور مارك ئېللىئوت (Mark Elliot) ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. پىروفېسسور مارك ئېللىئوت يېتىشتۈرگەن بىر قاتار تالانتلىق ئىزباسارلار ئوتتۇرا ئەسىردىن كۈنىمىزگىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرسىتىۋاتقان نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ۋە تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. كۈنىمىزدە ئاللىقاچان يول باشچىلارغا ئايلانغان بۇ ئىزباسارلاردىن كىم خودوڭ (Kim Hodong) ياقۇب بەگ دەۋرى تارىخى ھەققىدە يازغان كىتابى ۋە تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان. دەيۋىد بروفي (David Brophy) 19-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ «تەزكىرە-ئى ئەزىزان» ناملىق ئەسىرىنى بىۋاسىتە چاغاتايچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 2024-يىللىق پاترىك د. ھانان (Patrik D. Hanan) تەرجىمە ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئېرىك شلۈسسېل (Eric Schluessel) ئۆتكەن يىلى يەنە بىر مەشھۇر تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ چوڭ ھەجىملىك تارىخى ئەسىرى «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئەسەرنى باشتىن ئاخىر شەرھلىگەن. رىئان تام (Rian Thum) ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مازار ۋە باشقا مۇقەددەس يەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىزدىنىش نەتىجىلىرىنى مۇجەسسەم قىلغان «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ سىرلىق يوللىرى» كىتابنىڭ ئاپتورى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى بۇ قوليازمىلاردىن باشقا يەنە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋائىدېنېر كۇتۇپخانىسىدا جوسېف ف. فلېتچېرنىڭ تۈركچە ئەسەرلەر يىغمىسى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تارىخىي ئەسەرلەر يىغمىسى بار. بۇ يىغما لوندون، بېرلىن ۋە سانكت-پېتېربۇرگ قاتارلىق جايلاردىكى كۇتۇپخانىلارىدا ساقلىنىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم قوليازمىلاردىن ھېسابلىنىدىغان 20 پارچە چاغاتايچە تارىخىي ئەسەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن باشقا يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىلىرىدا يەنە ئايرىم شەخسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىئانە قىلغان يەنە بىر تۈركۈم چاغاتايچە قوليازمىلارمۇ بار.
كۈنىمىزدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتايچە قوليازمىلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى، ھەقىقىي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە دۇنياغا تونۇتۇشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى تەتقىق قىلغان ئالىملار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىنى بۇرمىلاش قىلمىشلىرىنى بىتچىت قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ پاكلىقىنى قوغدىغۇچى ئاۋانگارتلارغا ئايلانغان.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.