خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 23-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان مەملىكەتلىك 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى كىشىلەر ئىلگىرى پەرەز قىلمىغان يېڭىلىقلارغا سەھنە بولدى. شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتى، 205 كىشىلىك مەركىزى كومىتېتى ئەزاسى ۋە مەركىزى كومىتېتنىڭ 171 كىشىلىك كاندىدات ئەزاسىنى بېكىتىپ چىققان قۇرۇلتايدىكى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يېڭىلىقلارنىڭ بىرى قۇرۇلتايدا سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا كىرىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ 205 كىشىلىك مەركىزى كومىتېتتىنمۇ چۈشۈپ قېلىشى بولدى.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا پۈتۈنلەي شى جىنپىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ كىرىپ، ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنى تىكلەنگەن. ئىلگىرى BBC قاتارلىق نوپۇزلۇق خەلقئارا تاراتقۇلار، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ باش ئىجراچىسى، دەپ قارالغان بۇ يىل 66 ياشلىق چېن چۈەنگونىڭ 20-قۇرۇلتايدا سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا كىرىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك 9 خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى، دەپ پەرەز قىلىشقانىدى.
بىراق چېن چۈەنگو سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا كىرەلمەيلا قالماي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان 205 كىشىلىك مەركىزى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىدىنمۇ چۈشۈپ قالغان. ئۇ 2016-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، 2021-يىلى 12-ئايدا بۇ ۋەزىپىدىن ئايرىلغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىنىشى، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىنىشى ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشى، رايوندا ئومۇمىيۈزلۈك ساقچى نازارەت سىستېمىسىنىڭ تىكلىنىشىدەك قەبىھ سىياسەتنىڭ باش ئىجراچىسى، دەپ ئەيىبلەنگەن.
شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. نۇرغۇن ئانالىزچىلار ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا كۆرسەتكەن ئاتالمىش «تۆھپىسى» سەۋەبلىك 20-قۇرۇلتايدا سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا كىرىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقانىدى. كانادادىكى خىتاي يازغۇچىسى ۋە ژۇرنالىست شېڭ شۆ خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، چېن چۈەنگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنى شەكىللەندۈرگەن.
شېڭ شۆ 25-ئۆتتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى قىلمىش-ئەتمىشى ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىدى. ھالبۇكى، بۇنىڭ تەسىرى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان تونۇشىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىشىنى ھەممە بىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان تونۇشىدا ھېچكىم لاگېرلارنى ئۇنتۇيالمايدۇ. ھالبۇكى، بۇنى چېن چۈەنگو كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈردى».
شېڭ شۆ، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كومپارتىيە ئاخىرىدا پۈتۈن جىنايەتنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ مەركىزى كومىتېتتىن چۈشۈپ قېلىشى، بۇنىڭ سىگنالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە، بىز شۇنى پۈتۈنلەي ئېيتالايمىز، بۇنداق بىر سىياسەت بۇيرۇقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن كېلىشى كېرەك. چۈنكى، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇنداق چوڭ ئىشنى قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۇنداق بولسا، بۇ جىنايەتنى نېمە ئۈچۈن چېن چۈەنگو ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، خىتاي كومپارتىيەسى ئەزەلدىن ئاشۇنداق. ئۇنىڭ ھەرقانداق سىياسىتى يامان تەرەپكە ماڭسا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارغا ئارتىدۇ».
شېڭ شۆنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بىر قىيما ماشىنىسىغا ئوخشايدىكەن. شېڭ شۆ: «ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان كىشىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىستىبدات ماشىنىسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭىيىدۇ» دېدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا چېن چۈەنگودىن باشقا خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ بۇرۇنقى دائىمىي ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، خەن جىڭ قاتارلىق كىشىلەرمۇ بۇ نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىدىن چۈشۈپ قالغان. ھالبۇكى، بۇ نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتتىن چۈشۈپ قالغان، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى ۋاڭ ياڭ، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدا ھاكىمىيەت سوراپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن 5 يىل مابەينىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» گە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغانىدى.
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە قاتنىشىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە ئۇچرىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرماقتا ئىكەن. مەمەت توختىنىڭ قەيت، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ كىشىلەرنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇشتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەخپىيەتلىكلەرنى قوغداش، شۇنداقلا ئۇلارنى خەلقئارانىڭ دىققىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن چۈەنگو 2021-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ما شىڭرۈي يۆتكەپ كېلىنگەندە، خىتايدىكى تاراتقۇلار ئۇنىڭ «ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. كېيىنرەك ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى يېزا ئىگىلىك خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىل 66 ياشلىق چېن چۈەنگونىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشى توشۇشقا يەنە 2 يىل بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مەركىزى كومىتېتتىمۇ چۈشۈپ قېلىشى تاسادىپىيلىق تۇيۇلغان. خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە، چېن چۈەنگونىڭ 2017-يىلى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر كادىرلار ۋە چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى ئاشكارىلانغان. ئۇ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا «جىنايەتچى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.