مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتىكى خاتىرە سارىيى چېقىلىپتۇ. چېقىشنىڭ قايسى كۈنى يۈز بەرگىنى، بۇ ياۋايىلىققا كىملەرنىڭ بىۋاسىتە قول تىققانلىقى، نەقمەيداندا بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىققا قانداق ئىنكاستا بولغانلىقى نامەلۇم. خەۋەرنىڭ يېقىنغا قەدەر سىرتقا چىقمىغىنىغا قارىغاندا قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇش، تەقىب ۋە تەھدىتلەرنىڭ تىللارنى باغلىغانلىقى ئېنىق.
چېقىلغان سارايدىكى تارىخى رەسىملەر، ھۆججەتلەر ۋە باشقا تىزىلمىلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تېخىچە قاراڭغۇ. بۇ چېقىشنىڭ خاتىرە ساراي سېلىنغانغا 20 يىل بولغاندا يۈز بەرگەنلىكى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيى 2018-يىلى چېقىلغان بولىدۇ. خەۋەر يەتكۈزگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان ئاتۇش ئىكساققا جايلاشقان قەدىناس «ھۈسەينىيە مەكتىپى» ھويلىسىغا تىكلەنگەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلارنىڭ ھەيكىلىمۇ چېقىپ تاشلانغان.

مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيىنى سېلىش 1997-يىلىدىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ بۇ ئىشقا ھازىرقى تۇتقۇن زىيالىيلاردىن يالقۇن روزى تەشەببۇسكار بولغانىكەن. ئارتۇچ شەھىرىدىكى زىيالىيلار، كارخانىچىلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق ئازاق يېزا، بۇيامەت كەنت رەھبەرلىكى مەزكۇر تەشەببۇسنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئىككى يىلغا يېقىن تەييارلىق خىزمەتلەردىن كېيىن ئۇشبۇ خاتىرە ساراي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بۇيامەت كەنتىدە قەد كۆتۈرگەن.
خاتىرە ساراي بىر باغچە شەكىللىك ھويلىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ ئىشىك بېشىغا ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە «مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) خاتىرە سارىيى» دەپ يېزىلغانىدى. بوسۇغىدىن ئاتلاشقا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەبرىسى كۆزگە تاشلىناتتى. قەبرە جايلاشقان دەلىز گۈمبەزلىك بولۇپ ئىچىگە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ فوتو سۈرىتى، سىزما سۈرىتى، بېغىشلانغان ئەسەرلەر ۋە مەرھۇمنىڭ يازغان شېئىرلىرى چىرايلىق جايلاشتۇرۇلغانىدى.
خاتىرە ساراينىڭ قەبرە جايلاشقان دەلىزىدىن ئۆتكەندە كەڭرى ۋە ئازادە بىر كۆرگەزمە زالى بار ئىدى. بۇ زال مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىلار قوشۇنىدىكى ئەزالار، مائارىپچىلار ۋە شۇلارنىڭ تەسىرىدە يېتىشىپ چىققان داڭلىق شەخسلەرگە بېغىشلانغانىدى.
خاتىرە سارايدا مەمتىلى ئەپەندى ئارتۇچنىڭ شۇ چاغدىكى 24 كەنتىدە قۇرۇپ چىققان مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى سىخىمىسى بار ئىدى. شۇ دەۋردە قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇتۇش پروگراممىسى، دەرسلىك سېتكىسى، دەرسلىكلىرى ھەققىدە ئەسلى ۋە كوپىيە قىلىنغان ھۆججەتلەر بار ئىدى.

خاتىرە ساراينى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققان كىشى ئۇيغۇر تارىخىدىكى يېڭىچە مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامانىۋى مائارىپقا قانداق كىرىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر زامانىۋى ئەدەبىياتىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، ئۇيغۇر ئىنقىلاب تارىخىنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى چۈشىنىپ ئالالايتتى.
ساراي بىر تارىخى ھۆججەتلەر خەزىنىسىگە ئوخشايتتى. مەمتىلى ئەپەندى ياققان مەرىپەت مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيە، مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە ئىنقىلاب تارىخىنى قانداق يورۇتقانلىقى سارايغا تىزىلغان ئەسەرلەر، رەسىملەر، ھۆججەتلەر ۋە شەخسلەردىن قالغان خاتىرە، قوليازما ۋە ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى.
مەزكۇر خاتىرە ساراينى ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى، ئىنقىلاب تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مۇزېيى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇنىڭدا ئەدىب، تەتقىقاتچى، مۇزىكانت ۋە مائارىپچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەكلەر بار ئىدى. مەسىلەن، مىرەخمەت سىيىت، قۇربان ئىبراھىم، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇراخمان شائىر، سەيپىدىن ئەزىزى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقلارنىڭ ھاياتىغا دائىر رەسىملەر، ھۆججەتلەر ۋە باشقا تىزىلمىلار بار ئىدى.
خاتىرە سارايدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە ئىككىنچى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيىتىگە قاتناشقان قاسىمجان قەمبىرى، سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنۇف، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇكېرىم مەخمۇتۇف، ئەزىزۇپ قاسىمغا ئوخشاش پېشۋالارنىڭ ھاياتىغا دائىر رەسىملەر، ئۇلارنىڭ تەرجىمىھالى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەنىدى.

مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيىنىڭ چېقىلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ئېنىقلاشلاردا غۇلجا شەھىرىگە ئېچىلغان «زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى» نىڭمۇ تاقالغانلىقى ئېنىقلاندى. خاتىرە ساراينى قۇرۇشقا تەشەببۇسكار بولغان شۆھرەت نىغمەتنىڭ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خاتىرە سارىيىى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان مەرھۇم شائىرنىڭ جەمەتىدىن بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭمۇ 2017-يىلى ئىيۇلدا تۇرپاندا تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نامىغا ئاتالغان خاتىرە ساراينىڭ چېقىلىشى ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ يىلتىزىنى يوقىتىش، ئۇنى تارىختىن ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ يېقىنقى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنىنى قۇرۇپ چىققان بىناكارلارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈشتۇر. بۇ ئالدىنقى ئەسىردە ئۇيغۇرنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ كۈلكىسىنى كۈلگەن بىر ئەۋلاد باشلامچىلارنىڭ كۈرەشچان ھاياتىنى ئاۋامنىڭ ئېڭىدىن ئۆچۈرۈشكە تەمشەلگەن بۇزغۇنچىلىقتۇر. بۇ چاققۇن ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادىغا بولغان مېھرىنى، تارىخىغا بولغان مۇھەببىتىنى، قەھرىمانلىق ئۆتمۈشىگە بولغان سېغىنىشىنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى بولغان ياۋۇزلۇقتۇر.
بۇيامەتكە ياسالغان مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيى چېقىلدى، ئەمما يالقۇن روزى مەرھۇمغا تىكلىگەن مەنىۋى ئابىدە «مەمتىلى ئەپەندى» دېگەن كىتاب مۇھاجىرەتتە سۆيۈپ ئوقۇلماقتا. غۇلجا شەھىرىدىكى زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى تاقالدى، ئەمما مەرھۇمدىن قالغان توم توم كىتابلار جاھالەت، نەپرەت ۋە نادانلىق بىلەن قۇلۇپلانغان قەلبلەرنى مۇھەببەت، مەرىپەت ۋە مەرھەمەت بىلەن ئېچىشقا ھەر زامان قادىر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خاتىرە سارىيى خىيالغا ئايلاندى، ئەمما ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى يازغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن رومان مەرھۇمنىڭ ئارزۇ ئارمىنىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان ئەۋلادلارنىڭ قولىدا ئەنگۈشتەرگە ئايلانغۇسىدۇر. كېسەكلەر بىلەن پۈتكەن سارايلار چېقىلغان بىلەن سۆزلەردىن پۈتكەن سارايلار گىرىمسەن ئۇيغۇر دۇنياسىنى يورۇتۇپ، مەنىۋى ھاياتنىڭ مەركىزىدىن تارتىپ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە ئايدىڭلىتىپ تۇرماقتا.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.