چەتئەللىك زاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئېيىتقانلىرى (3)
2017.11.24

6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق پىكىرلەر بايان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا شەرەپ مېھمانلىرى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىتالىيەدىكى زوراۋانسىز رادىكال پارتىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى لائۇرا خارت خانىم سۆزىنى ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە زوراۋانسىز رادىكال پارتىيە باشلىقلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە يوللىغان سالامى بىلەن باشلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۆز سالىمىدا، يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق كۆرۈشىدە بىرگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك كۈرىشى سېپىدە ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. مەن ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ غەيرىتى، پىداكارلىرى ۋە جاسارىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ، جۈملىدىن ئىتالىيەنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈنمۇ ھەسسىلەر قوشتى. خەۋىرىڭلاردا بولغىنىدەك، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل ئىتالىيەگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان چېغىدا، قىسقا بىر مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلدى. بىز ھازىرغىچە، بەلكىم كەلگۈسىدىمۇ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ نېمە ئۈچۈن دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىغانلىقى، ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ نېمە ئۈچۈن چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بۇ بىزگە، خىتاي بېسىمىنىڭ ئىتالىيەدە ئېغىرلىشىپ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بىز خىتاي تەسىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمى دۇنيا مىقياسىغا كېڭىيىۋاتىدۇ. يېقىندا مىسىردا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئاقىۋەتنى كۆردۇق. خىتاي قولىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ يامان كۈنلەرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتىدۇ. مەندىن ئىلگىرى سۆز قىلغانلار تەكىتلىگەندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەرت-ئەلەملىرىگە دۇنيا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ ياكى ئىنتايىن زەئىپ ئىنكاستا بولۇۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىزنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىش ھەققىمىز بار، شۇنداقلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ نەدىلىكىنى، نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى سوراش، بىلىش ھەققىمىز بار. بۇ ھەق-ھوقۇقىمىز يولىدا كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. خىتاينىڭ ئۆز مەقسەت-مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن تەسىر كۈچىنى پۈتۈن دۇنيادا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان يامان غەرىزىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىمىز ۋە بۇ دۇنيانى خىتاي خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرۇشىمىز لازىم. بىز بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيىسى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا موھتاج بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۈنسېرى ئېغىر تەھدىتكە يولۇقۇۋاتقان، ئەسلى مەنىسى زەئىپلىشىۋاتقان دۇنيا دېموكراتىيىسىنى قوغداش، مۇستەھكەملەش ئۈچۈنمۇ ئورتاق كۈرەش قىلىشقا موھتاج. مەن زوراۋانسىز رادىكال پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش سېپىدە بىرگە بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن. بىزنىڭ زوراۋانسىز رادىكال پارتىيىگە ئەزا بولۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن.»
گېرمانىيەدىكى تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى خاننو شېدلېر ئەپەندى سۆزىنى دۇنيانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى جىددىي كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ھازىرغىچە مۈجمەل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دىكتاتور تۈزۈملىرىنى ئاستىرتىن قوللاۋاتقاندەك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا بۈگۈنگىچە ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرمىدى. يېقىن كەلگۈسىدىمۇ، ئامېرىكا سىياسىتىدە ئىجابىي بىر بۇرۇلۇش بولىدىغاننىڭ شەپىسىنى سەزمىدۇق. بۇنداق مۈجمەل بىر سىياسەت داۋاملاشقان تەقدىردە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى ئېغىر ۋەزىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. ھېچ بولمىسا ئالدىمىزدىكى 3 يىلدا شۇنداق. بۇ بىزگە ياۋروپا دۆلەتلىرى قەددىنى كۆتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشى لازىم بولغان زاماننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بايىلا بەزىلەر دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانلىق ۋەقەسىنى تىلغا ئالدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل 4-ئايدا ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى يىغىنىدىنمۇ ھەيدەپ چىقىرىلدى. بۇ ئىككى ۋەقە ھەققىدە ھازىرغا قەدەر نە ب د ت، نە ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ھېچقانداق چۈشەنچە بەرگىنى يوق. بىز بۇ ھەقتە ب د ت غا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم ۋە خىتاينىڭ ب د ت دىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى، توسقۇنلۇقى ۋە تەھدىتلىرىنى كۆزدىن يوقىتىشقا قىستىشىمىز كېرەك.»
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى، د ئۇ ق نىڭ ئارقا سېپىنى ياشلار بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشىڭلار. د ئۇ ق ئىچىدە جەڭگىۋار بىر ياشلار قوشۇنى يېتىشىپ چىقسۇن. يەنە بىرى، زوراۋانسىز رادىكال پارتىيە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىڭلار يەنىمۇ كۈچەيسۇن. ياۋروپا پارلامېنتى، ب د ت ۋە مۇمكىن بولسا غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىدا ھەر خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش سالمىقىنى كۆپەيتىپ، مۇھىم سىياسىي شەخسلەر بىلەن بولغان ئالىقىنىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭلار ئىنتايىن زۆرۈر.»
شىۋېتسارىيەدىن كەلگەن خىتاي، تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى پاترىك مېيېر ئەپەندىمۇ سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە تەكلىپ» بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيغۇر كىملىكى ئېغىر تەھدىتكە يولۇقۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويۇش گىرداۋىدا تۇرماقتا. بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەم خىتاي ھەم دۇنيا ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش بولىدۇ. د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ بۇ يامان غەرىزىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك بىر چارىسىنى تېپىش بۆلىشى لازىم.»
ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيىلەردە بولىمەن. بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئىنتايىن نازۇك، خەتەرلىك. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە قوللىنىدىغان چارىمۇ ۋاقىتلىق ۋە جىددىي بۆلىشى لازىم. د ئۇ ق چوڭ سىياسەت بىلەن ھەپىلىشىشتىن كۆرە، رېئالنى، ماسلىشىشچان بولۇشى، قەلبىدە غايىۋى بولسىمۇ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيەتچان بۆلىشى، مەۋجۇت ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىشى، يېڭىدىن سايلانغان د ئۇ ق رەھبەرلىرى غايىۋېلىقنىڭ ئورنىغا ئەمەلىيەتچانلىقنى دەسسىتىشى لازىم. يەنە بىرى، خىتايغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئاختۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ خىتايغا تەسلىم بولغانلىق ئەمەس. ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خاراكتېرىنى، مەقسىتىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭ بىلەن دىئالوگ قۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى نۆۋەتتىكى يامان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چىقىش يولىنى تېپىش لازىم. ئەلۋەتتىكى، تىبەتلىكلەرنىڭ خىتاي بىلەن ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغان دىئالوگلىرى مېنىڭ تەكلىپىمنى تەستىقلىمايدۇ. بۇ دىئالوگلاردىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. بىراق، بۇ دىئالوگلارنى قۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىجادچانلىق بىلەن بىر يول تېپىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ زىيىنى يوق. ئۈچىنچىسى، پىلانلىق، نىشانلىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك. د ئۇ ق نىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان بىر مۇكەممەل پىلانى بۆلىشى، بۇ پىلاننى قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا سىستېمىلىق ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك.»