پروفېسسور ئونۇس چوكۇتو: چىڭگىزخان خىتايلارنىڭ قەھرىمانىمۇ؟
2015.08.14
ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى،پروفېسسور ئونۇس چوكۇتو يېقىندا ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژورنىلىدا» «چىڭگىزخان خىتايلارنىڭ قەھرىمانىمۇ؟» ناملىق تارىخىي سىياسىي ئانالىز ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
ماقالىدىكى چىڭگىزخان قەبرىسىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم ئوغۇرلىنىش ئىبارەت تارىخىي ۋەقەلەر كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.
ماقالىدە دېيىلىشىچە ياۋروپالىقلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ساياھەت قىلىشى 13 - ئەسىردىكى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلەيخان زامانىسىدىن باشلانغان بولۇپ،شۇندىن بۇيان ماركو پولو قاتارلىق دۇنياۋى ساياھەتچىلەر موڭغۇل دالالىرىدا زىيارەتتە بولغان.
پروفېسسور ئونۇس ماقالىسىدە بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئوردۇس شەھىرىگە زىيارەتكە كەلگەن 20 نەپەر چەتئەللىك ساياھەتچىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
ئوردۇس شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ 9 ئەنگلىيەلىك،10 جەنۇبىي ئافرىقىلىق، بىر نەپىرى بولسا ھىندىستانلىق بولۇپ،بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىنى ئەڭلىيە ساياھەت شىركىتى ئورۇنلاشتۇرغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە قولغا ئېلىنغان ساياھەت گۇرۇپىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىدىغان خەير - ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ،ئۇلار شياڭگاڭ ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلغا يېتىپ كەلگەن.ئۇلارنىڭ مەقسىتى 47 كۈن خىتاينى زىيارەت قىلىش ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتىدا ساياھەتچىلەردە تېررورلۇققا دائىر سىن ئالغۇ لېنتىلىرى بايقالغان دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغاندا ئەزالار پەقەتلا موڭغۇلار تارىخىغا دائىر سىن ئالغۇ لېنتىسى كۆرۈۋاتقان ئىكەن.
«شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئېھتىياتچان ۋە سەزگۈر بولۇپ كېتىشى چىڭگىزخان قەبرىسىگە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەردىن گۇمانلىنىشى خىتاي دۆلىتىنىڭ چىڭىزخانغا بولغان ھۆرمىتىمۇ؟»،دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىدە.
خىتايلار ۋە چەتئەللىكلەر ساياھەت قىلىۋاتقان ئوردۇس شەھىرىدىكى چىڭگىزخان قەبرىسى دەپ ئاتالغان بۇ قەبرىستانلىقتا ئەمەلىيەتتە چىڭگىزخاننىڭ ھېچقانداق جەسەت سۆڭىكى قويۇلمىغان بولۇپ، بۇ يەردە پەقەتلا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرى ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىلا ساقلانغان.13 - ئەسىردىن باشلاپلا موڭغۇللار چىڭگىزخاننى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى بۇ قەبرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
ماقالىدە، موڭغۇل يايلاقلىرىدىن ياۋروپاغىچە ھۆكۈم سۈرگەن موڭغۇلارنىڭ بۈيۈك قەھرىمانى چىڭگىزخان قەبرىستانلىقىدا موڭغۇللار ھەر يىلى ئوخشىمىغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنى گويا موڭغۇل دالالىرىدا چىڭگىزخان بىلەن مەڭگۈ بىرگە ياشاۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇلاردا بولىدىغانلىقى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىنچە موڭغۇل مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
چىڭگىزخان قەبرىسى ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ ئاپتور بۇ ھەقتە بىر قانچە ۋەقەلەرنى ئوتتۇرغا قويغان.
موڭغۇللار 1911 - يىلى چىڭ سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ تاشقى موڭغۇلىيەدە، يەنى ئۇلانباتوردا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى چىڭگىزخان قەبرىسىنى ئۇلانباتورغا يۆتكەپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما مىللەتچى سۇن جوڭشەن ھۆكۈمىتى ئەسكىرىي كۈچ كۆرسىتىپ بۇنىنغا يول قويمىغان.
1939 - يىلى ياپونلار ئىچكى موڭغۇلنى بېسىۋالغاندا چىڭگىزخان قەبرىسىنى ياپونىيەگە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغاندا موڭغۇللار ياپونلارنىڭ پىكىرىنى قوللىغان بىراق شۇ چاغدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىزلا مەخپىي ھالدا قەبرىنى گەنسۇغا يۆتكەپ شۇ يەرگە يوشۇرۇپ قويغان.
جياڭ جېشى ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چىڭگىزخان قەبرىستانلىقىدىكى ئاسارە - ئەتىقىلەرنى تەيۋەنگە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي كومپارتىيەسى بۇ قەبرىستانلىقنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ئاسارە - ئەتىقىلەرنى ئاللىقاچان گەنسۇدىن ئوغۇرلاپ كەتكەن ۋە بۇ نەرسىلەرنى موڭغۇلارغا تاپشۇرۇپ بەرمىگەن.
بىراق،1954 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى خىتاي كومپارتىيەسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردۇس شەھرىدە قايتا قۇرۇپ،خىتاينىڭ ياۋروپانى بېسىۋالغان قەھرىمانى دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۈيۈكلىكىدىن پەخىرلەنگەن.
خىتاينىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى لۈشۈننىڭ موڭغۇللار ھەققىدە ئېيتقان سۆزىگىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ،لۈشۈن:«چىڭگىزخان ئىمپېرىيە قۇرغاندا بىز ئۇلارنىڭ خىزمەتچىسى،مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قۇلى - ئىدۇق»،دېگەن - ئىكەن.
پروفېسسور ئونۇس ماقالىسىنى:«دۇنياغا ئايان چىڭگىزخان تارىخىنى خىتاي بۇرمىلاپ ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك قەھرىمانى دەپ پەخىرلىنىپ يۈرۈشىدۇ»، دەپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۇدا چىڭگىزخاننى خىتايلارنىڭ ئۆز قەھرىمانىمىز دەپ تونۇشۇپ يۈرۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- خىتايلار چىڭگىزخانى خىتاينىڭ قەھرىمانى دەپ ئېلان قىلدى.شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان كروران گۈزۈلىنى خىتاي دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.شۇنداقلا سېنكاكۇ ئارىلىنى خىتاينىڭ دەپ يۈرۈشىدۇ. شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ خىتايدا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئەسلىگە كېلىپ ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى يازغاندا كەلگۈسىدىكى خىتاي ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ساختىكارلىقىغا لەنەت ئوقۇيدۇ.چىڭگىزخانى،كروران گۈزىلىنى خىتاي دەپ ئېلان قىلغان بىلەنلا دۇنيا ئالدىنىپ كېتىدىغان ئىش يوق.مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش بىر ئەخمىقانە ئىش - دەپ قارايمەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.