«چىنى تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسىدە ياڭرىغان ھۆرلۈك سادالىرى

0:00 / 0:00

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى، چۆچەك (تارباغاتاي) ، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان بىر قىسىم مۇستەقىل گېزىت-ژۇرناللار دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتى ئۇيغۇر ئازادلىق كۈرىشىنىڭ كۈچىيىشى، جەدىدچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەنە شۇ گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئىچىدە، بۈگۈنگىچە ئانچە كۆپ تونۇلمىغان «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسى نامى بىلەن نەشر قىلىنغان ژۇرنال ھەققىدە توختىلىمىز.

20-ئەسىردە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئازادلىق كۈرىشىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز دەۋردىكى ئىچكى، تاشقى ئامىللارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئوخشىمىغان مەپكۇرە يوللىرىدا ماڭغانىدى. بىر قىسىملىرى قورال-ئەلەم كۈرىشى يولىنى تاللىغان بولسا، بىر قىسىملىرى قەلەم كۈرىشى يولىدا ماڭغانىدى. دەرۋەقە ئۇيغۇر ئازادلىق كۈرىشىدە 1940-يىللاردا «ئۈچ ئەپەندى» دەپ ئاتالغان مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەسئۇد سابىرىدىن ئىبارەت مىللەتچى سەرخىللار مەتبۇئاتنىڭ مىللەتنىڭ مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلۇش، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەپكۇرە تىكلەشتىكى مۇھىم رولىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

ئەنە شۇ «ئۈچ ئەپەندى» لەردىن بىرى ئەيسا ئەپەندى 1933-يىلى خىتاي مەركىزى نەنجىڭگە بارغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنى تەشكىللەپ، 1934-يىلى «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا ئەيسا ئەپەندى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، 1934-يىلى فېۋرالدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نەشر ئەپكارى سۈپىتىدە «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى سانىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىنغانلىقى مەلۇم بولۇپ، ۋاھالەنكى ژۇرنالنىڭ خىتايچىسى «چېگرا رايون ئاۋازى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «بىيەن دو» 《邊鐸》 نامىدا ئاتالغان. ژۇرنال ئىسمىنىڭ «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئەگەر «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» دېگەن ئىسىمنى قوللانسا، ھۆكۈمەت ژۇرنالنى چىقىرىشقا شەك-شۈبھىسىز رۇخسەت بەرمەيتتى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەيسا ئەپەندى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىي رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جىڭۋېي، جياڭ جېشى ۋە كوڭ شياڭشى قاتارلىقلارنى مەزكۇر ژۇرنالغا بېغىشلىما يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. خىتاي كومپارتىيەسى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى كۆزەتكۈچىلەردىن ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى پەن جىپىڭ بۇ ھەقتە: «ئەيسا خىتاي مىللەتچى ئەمەلدارلىرىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىمزاسى ئاستىغا ئۇيغۇر تىلىدا پالانچى ۋە پۇستانچىلار ‹چىنى تۈركىستان ئاۋازى مەجمۇئەسى› گە بېغىشلىما يېزىپ بەردى دەپ يازغان. مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرچىنى ئوقۇيالمىغاچقا، ژۇرنالنىڭ باشقا ئىسىمدا نەشر قىلىنغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى بولمىغان» دەيدۇ. كېيىن بۇ ئىشتىن ۋاڭ جىڭۋېي خەۋەر تېپىپ، ئەيسا ئەپەندىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تۈركىستان» دېگەن كەلىمىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ژۇرنالنىڭ ئىسمىنى «تيانشان» غا ئۆزگەرتىشنى بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خىتاي تىلىدىكى «بىيەندو» بولسۇن ياكى «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسى بولسۇن، 2-ساندىن باشلاپ «تيانشان» مەجمۇئەسى نامىدا نەشر قىلىنىشقا باشلايدۇ. خىتاي زىيالىيسى پەن جىپىڭ يەنە بۇ مەجمۇئەنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بېغىشلىمىسىنى قالقان قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستانچىلىق» نى پەش قىلغان دەپ تەنقىدلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە «چىنى تۈركىستان» دېگەن سۆز «خىتاي تۈركىستانى» ، يەنى خىتايغا تەۋە تۈركىستان دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ژۇرنالدا ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى تەرغىب قىلىنمىغانىدى.

«چىنى تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسى «تيانشان» مەجمۇئەسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مەزكۇر ژۇرنالنى نەشر قىلىشتا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم چۈشۈرگەنلىكىنى ژۇرنالدىكى ئەسەرلەردىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. يەنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ژۇرنالنى چىقىرىشقا يول قويۇشىدىكى مەقسەت سۇن جوڭشەننىڭ «ئۈچ مەسلەك تەلىماتى» (سەنمىن جۇيى) سىياسىتى ۋە خىتاي ئىنقىلابى تارىخىنى ئۇيغۇرلارغا تەشۋىق قىلىشتا پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ مەجمۇئەنىڭ تاكى 1936-يىلغىچە نەشر قىلىنغانلىقى مەلۇم. گەرچە بۇ ژۇرنال قىسقا مۇددەت يورۇق كۆرگەن بولسىمۇ، تارقىلىش دائىرىسى نىسبەتەن كەڭ بولغان دەپ ئېيتالايمىز. بۇ ژۇرنال ئۆز دەۋرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋاقىتلىق پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغىلا تارقىتىلىپ قالماي، بەلكى تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدىكى تاتار-تۈرك مۇھاجىرلىرى، ياپونىيەدىكى تاتار جامائىتى ۋە تۈركىيە، ئەرەب ئەللىرىدىكى تۈركىستان مۇھاجىرلىرىغىمۇ پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەنىدى.

مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىككى خىل تىلدا چىقىرىلىشى تەشۋىقات ئېھتىياجىدىن بولۇپ، ئىككى خىل نىشاننى چىقىش قىلغان. خىتايچىسىدا چېگرا رايونلاردىكى ۋەزىيەت يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مائارىپ، تەبىئىي بايلىق ئەھۋاللىرى، تارىخى، تۆمۈر يول، تاشيول قاتناش لىنىيەلىرى ھەققىدە، شۇنداقلا تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسا؛ ئۇيغۇرچىسىدا مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ۋە چېگرا رايونلار سىياسىتى، تۈركىيە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت، شۇنداقلا مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالى كۆپرەك بايان قىلىنغانىكەن.

ئۇ دەۋردە خىتاينىڭ نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئەرەب يېزىقىدىكى مەتبەئە بولمىغاچقا، «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ۋە كېيىنكى «تيانشان» نامىدا نەشر قىلىنغان ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي قوليازما نۇسخىسى ئىدى. ئەپسۇسكى، ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان سانلىرىنىڭ ئىچىدە بىزگە تولۇق يېتىپ كەلگەنلىرى ساناقلىق بولۇپ، ئىستانبۇل بەيازىت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان 1934-يىل ماي ئېيىدىكى «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» نامىدىكى 4-سانى ۋە شىۋېتسىيە ئىستانبۇل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان 1935-يىل، يانۋار ئېيىدىكى «تيانشان» نامى بىلەن نەشر قىلىنغان15-سانىدىن ئىبارەت ئىككى سان مەۋجۇت. بۇ ژۇرنالنىڭ كۆپ تونۇلماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ بىزگە يېتىپ كەلگەن نۇسخىلىرىنىڭ چەكلىك ساندا بولغانلىقى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.

«چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ۋە كېيىنكى ئۆزگەرتىلگەن «تيانشان» مەجمۇئەسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش يولىدىكى تۇنجى قەدىمى ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بۇ مەجمۇئەنى 1940-يىللاردىكى «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى ياراتقان مەجمۇئە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

«ئەگەر خىتايلار دىنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ھۆرلۈكلەرگە مالىك بولسا، مۇسۇلمانلار، مانجۇلار، موڭغۇل، تىبەتلىكلەرمۇ بۇ ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت ئۇسۇلى بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك لازىمدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توغرا يول تاپماق لازىم» . بۇ ئۈزۈندىلەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بىر ژۇرنالىست نۇقتىئىنەزىرىدىن كۆزىتىشى ۋە بايان قىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە باھا بېرىشىمىزدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

شاڭخەيدە بېرىلگەن كونسېرت خاتىرىسى، مەنبە: «تيانشان» مەجمۇئەسى 1935-يىل، يانۋار
شاڭخەيدە بېرىلگەن كونسېرت خاتىرىسى، مەنبە: «تيانشان» مەجمۇئەسى 1935-يىل، يانۋار («تيانشان» مەجمۇئەسى)

بۈگۈنگىچە بىزگە يېتىپ كەلگەن «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ۋە «تيانشان» مەجمۇئەسىدىكى ئەسەرلەردە ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن تەڭسىزلىكلەر ۋە زۇلۇملار كونكرېت ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەجمۇئە باش بېتىنىڭ ئۈستى قىسمىدا ئېنىق قىلىپ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كامال ھوقۇقى ئۈچۈن چالىشىدۇرغان ئايلىق مەجمۇئە» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.

ژۇرنالدا مۇھىم ئەسەرلەردىن «تۈركىستان ئىنقىلابى قانداق نەتىجە بەردى؟ »، «جىڭ شۇرېننىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن مەخپىي ھالدا سوۋېتلار بىلەن تۈزگەن سودا شەرتنامىسى»، «تۈركىستان ئەھۋالى»، «خىتاي خاندانلىقلىرىنىڭ تارىخى»، «تۈركىستان ۋە رۇسىيە»، «چۆچەك ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بەرگەن ئەرزى»، «كەڭسۇدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بەرگەن ئەرزى» قاتارلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.

«چىنى تۈركىستان ئاۋازى»، «تيانشان» مەجمۇئەسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋە سوۋېت بىلەن بولغان كۈرەشلىرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن ئوخشىمىغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە ۋە مەلۇماتلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

«تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى مۇلاھىزە قىلىشتىن باشقا، دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن بىر قىسىم خەلقئارالىق خەۋەرلەرمۇ كەم بولمىغان. مەسىلەن، ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈچ، ھاكىمىيەت ۋە بايلىق تالىشىش مەقسىتىدە تۆمۈر يول ئىنشائاتى ۋە بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر؛ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ياپونىيە بىلەن قورال ياساش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.

بۇ ژۇرنال ئۆز دەۋرىدە خەلقنى ئويغىتىش، دۈشمىنىنى تونۇش ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتلەردە ئاقارتىش رولىنى ئويناپلا قالماي، خەلقنىڭ تىلەك ۋە تەلەپلىرىنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. ھەر ئىككى سان ژۇرنالدا خەلقتىن كەلگەن مەكتۇپلار ۋە ئىنكاسلارغا مەخسۇس سەھىپە بېرىلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىش، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ چىنلىقىغا ئەمەل قىلىشتا مۇھىم مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەجمۇئەنىڭ 1934-يىل، 4-سانىدا بىر پارچە تەزىيەنامە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن جىرجىس ھاجىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يېزىلغان. جىرجىس ھاجىنىڭ ھاياتى ۋە ۋاپاتىغا دائىر مەلۇماتلار ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تەزىيەنامە جىرجىس ھاجىنىڭ قەشقەر سەپىرى ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تارىخىي بايانلارنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ.

«تۈركىستان ئەھۋالى» ناملىق يازمىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوبوروت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بازار باھاسى ئايرىم-ئايرىم يېزىلغان بولۇپ، شۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قىسمەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ مەجمۇئەدىكى يەنە بىر دىققەت تارتىدىغان نۇقتا، مەجمۇئە ساھىبى ئەيسا يۈسۈپ بەگدىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ھەممىسى تەخەللۇس قوللانغان. مەسىلەن، ئىبنى سېلىم، چىڭگىزئوغلى، تۇلپار قاتارلىقلار ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى رېجىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ۋەجىدىن كىملىكىنى يوشۇرۇپ تەخەللۇس قوللىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىگە خاس بولغان «شەرقىي تۈركىستانلىق بولغىنىڭىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا، تۈرك بولغىنىڭىز ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىغا، مۇسۇلمان سۈپىتىڭىز بىلەن ئىسلامغا خىزمەت قىلىڭ» دەيدىغان تەلقىن پىكىرلەر دەل «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ۋە «تيانشان» مەجمۇئەلىرىدە بىخلانغان.

ئۇ، «بىرلىشىڭ مۇسۇلمانلار، بىرلىشىڭ، ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار بىرلىشىڭ» ناملىق ماقالىسىدە دۇنيا مىقياسىدىكى مىللەتلەرنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىچىك دۆلەتلەرگە زۇلۇم سالماسلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ زۇلۇمغا قارشى سۈكۈت قىلماسلىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي قىممەت قارىشىنى چىڭ ساقلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگىمۇ خىتاب قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈرەشنىڭ باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىنچاقلىغاندا، «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ۋە «تيانشان» مەجمۇئەسى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىشتا، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرىنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىشتىمۇ مۇھىم مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.