ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرس سمىس بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، رادىيومىز مۇخبىرى ئالىم سېيىتوف ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس (Chris Smith) بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. كىرىس سىمىس ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن، دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۆۋەندە دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى سۆھبەتتە بولسۇن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىمىس، ئۇيغۇر جامائىتى سىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشتىكى رەھبەرلىكىڭىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. سىز بۇ مەجلىستە باشلامچىلىق بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىچكى ئەزالارنى يىغىۋېلىشى توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ كەلدىڭىز. ئەمدى دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم سوزى بىلەن بىرلىكتە قايسى ئىشلارنى باشتا قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟

كرىس سمىس: مېنىڭچە، بۇ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلەرگە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. دېمەكچىمەنكى، ئۇيغۇرلار بىز ھازىر كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتىدۇ. ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەرگە، بولۇپمۇ سودا-كارخانىچىلار ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، بۇ ئىشلار ئادەتتىكى ئىشلاردەك بىلىنمەكتە. مەن بايدىن ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىمەن، ئۇلارنىڭ سۆھبەتلەشكۈچىلىرى ۋە كابىنېت ئەزالىرى بېيجىڭغا بېرىۋاتىدۇ، شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلىشىۋاتىدۇ. ھەتتا بايدىنمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ ھازىرمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم شى جىنپىڭدۇر، «ھېچكىمگە رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماڭلار، قورساقتىكى بالىلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇپ قىيناڭلار» دېگەن ئادەم شى جىنپىڭدۇر. بۈگۈن بۇ يەردە ئاخىرقى نۇتۇق سۆزلىگۈچى مېھرىگۈل تۇرسۇن بىزنىڭ بىر قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىمىزدا، ئۆز كەچمىشلىرىنى سۆزلەۋېتىپ، ئۆزىنىڭ نېمىشقا قىيناشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇنى قىينىغۇچىلارنىڭ «سەن ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن» دېگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئىرقچىلىق ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بۇنىڭ كەينىدە شى جىنپىڭنىڭ قولى بار. بىز ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەمىزنىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىشىمىز ۋە ئۇنى سودىغا باغلاپ جازا يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بىز «ماگنىتىسكى قانۇنى» غا ئاساسەن شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنى جاۋابكارلىققا تارتساق بولىدۇ. ۋىزىلارنى رەت قىلساق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلە قىلىشىغا، بانكا ۋە باشقا سىستېمىمىزدىن پايدىلىنىشىغا يول قويمىساق بولىدۇ. بىزدە بۇ ئىمكانىيەتلەر بار، قانۇن بار، شۇلارنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: بىلگىنىڭىزدەك، مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېلىن يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلدى. ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ياكى كىشىلىك ھوقۇق تىلغا ئېلىنمىغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن پات يېقىندا خىتايغا زىيارەتكە بارماقچى. سىز ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇ قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟

كرىس سمىس: مەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننى ناھايىتى دادىل بولۇشقا چاقىرىمەن. ئەلۋەتتە، كۆرۈشكەندە مەدەنىي ۋە دادىل بولساق بولىدۇ، ئەمما ئۇلار ھەر كۈنى خىيالىغا كەلگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق ئۇسۇللاردا ئۇيغۇرلارنى قىيناۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋاتىدۇ؛ مەدەنىيەتلىرىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ئەمەس، خىتاي قىلىۋاتىدۇ. بۇ قىلمىشلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە خىلاپ. جەنېت يېلىن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قاتتىق ئازابلاندىم ھەم بىئارام بولدۇم. ئەگەر بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلمىسا، ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ يولىدا مېڭىۋېرىدۇ، سىزنى ئۇ ئىشلارغا پىسەنت قىلمايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ھالبۇكى، بۇ مەسىلە بىزنىڭ كۈنتەرتىپىمىزنىڭ بېشىدا بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىز كىلىنتون ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا كىشىلىك ھوقۇقنى توغرا يولغا باشلىيالىغان بولساق ياخشى بولاتتى، ئەمما 1994-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، يەنى بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودا-تىجارەت ئايرىلىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇنداقتا، بىز بۈگۈن شۇنى دەيمىزكى، كىشىلىك ھوقۇق ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۇ يەردە ئۇنى قوغداۋاتىدۇ. ئېغىر كۈلپەت تارتقان شۇ ئېسىل خەلق ئۈچۈن بىز تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىمىز ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى سودا بىلەن باغلىشىمىز كېرەك.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: قارىماققا ئىقتىسادىي سودىدا كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆزلەر ئازلاپ قالغاندەك قىلىدۇ. سىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ توغرۇلۇق نېمە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟

كىرس سىمىس: مەن ئۇلارغا داۋاملىق چاقىرىق قىلىپ تۇرىمەن. ھازىرقى ھۆكۈمەت تېخى ئاۋازىنى تاپقىنى يوق، بەلكىم كېيىنكى ھۆكۈمەت ئۆز ئاۋازىنى تېپىشى مۇمكىن. مانا ھازىرغىچە تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، بىز بىر ئىشنى باشلىساق، بۇ ئىش باشقا تەرەپكە كەتتى. بىز كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز دېگەن ھامان، ئۇلار گەپنى باشقا تېمىلارغا يۆتكەپ كەتتى. پۇرسەتلەر توختىماي قولدىن كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىۋاتىمىز.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئاخىرقى سوئال، ھازىر دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر قانچە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىزمۇ ئۇنى تىلغا ئالدىڭىز. بۇ بىر قانچە قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئەمما بۇ لايىھەلەر بىر ئىزىدا توختاپ قالدى، ھېچ ھەرىكەت يوق. سىزنىڭچە، سىز دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا باشچىلىق قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەمسىز؟

كىرس سىمىس: بىز جىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. مەن بۈگۈن مېنىڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچۇم مايكىل مەككاۋۇلدىن «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشنى سورىدىم، ئۇ ماقۇل دېدى، بۇ بىر ياخشى ئىش. بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 28-مارت بىز ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىغا قارشى بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدۇق، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئىككى پارتىيەگە قاراشلىق. مەن ئۇنى كېڭەش پالاتاسىدا بېلەت تاشلىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، بۇ زىيارەتكە ۋاقىت چىقارغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

كىرس سىمىس: سىزگىمۇ رەھمەت.