پروفېسسور پىما گارپۇر: خىتاي دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ۋىلل سىياسىي ئىقتىساد ژۇرنىلى» نىڭ يېقىنقى سانىدا توئىن يوكوخاما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىبەتلىك پىما گارپۇرنىڭ «خىتاي دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈۋاتىدۇ» سەرلەۋىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور خىتاي تەرەپنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبىتىنى توختىتىپ، ئەمدىلىكتە بولسا دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بېيجىڭ دالاي لاما ۋاپات بولسا، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى گۇمران بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىبەت ۋە خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق سىياسىي مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان.

پروفېسسور پىما گارپۇ ماقالىسىنى ئالدى بىلەن بۇ يىل 8-سېنتەبىر تىبەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن 65 كىشى ۋەكىل سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان. يەرلىكلەردىن بولسا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان. مەرىكە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. پۈتكۈل تىبەتتە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ ئەسكەرىي،قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئىشقا سېلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەرىكىدە سۆز قىلغان خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى تەبرىك نۇتۇقلىرىدا، تىبەت ئىقتىسادىنىڭ ئىلگىرىكىدىن 20 ھەسسە ئاشقانلىقىنى، تىبەتتە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتنىڭ ئەۋزەللىكىدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، تىنچلىق ۋە ئادىللىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، تىبەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە توختىلىپ: «1950-يىلى خىتاي تىبەتكە ھۇجۇم قىلدى. 51-يىلى بولسا تىبەتنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا مەجبۇرلاپ 17 ماددىلىق ساختا كېلىشىم بىلەن تىبەتنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى» دەيدۇ.

ماقالىدە ئاپتور تىبەت بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا تۈزۈلگەن 17 ماددىلىق كېلىشىمگە بېسىلغان تىبەت تامغىسىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ياسالغان يالغان تامغا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كېلىشىمگە قول قويۇشنى رەت قىلغان تىبەت ۋەكىلى:«مەن تامغىنى ئېلىپ كەلمەپتىمەن» دېگەندە، خىتاي تەرەپ: «بىز تىبەتنىڭ تامغىسىنى ئېلىپ كەلدۇق» دەپ تىبەت ۋەكىلىگە ئۆزلىرى ياسىغان يالغان تامغىنى تۇتقۇزۇپ، مەجبۇرىي ئۇنىڭغا تامغا باستۇرغۇزغان.

تىبەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۆرلىگەن ئىقتىسادىغا قايىل بولغان ئاپتور، بۇ گۈللەنگەن ئىقتىسادتىن ۋە ئەۋزەل سىياسەتلەردىن كىملەرنىڭ بەھرى ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:«تىبەتتە ئايرودروم، تۆمۈر يول ياسالدى. بۇ پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئەگەر تىبەتلىكلەر خىتاينىڭ سىياسىتىدىن رازى بولغان بولسا،نېمە ئۈچۈن ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى قوراللىق قوغداش ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ؟» دەيدۇ.

تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان غايىب بولۇپ كەتكەن خىتايدىكى 11 ‏- بەنچەن لاما ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا، دائىرىلەرنىڭ:«بەنچەن لاما ئادەتتىكىدەك نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. بىز ئۇنى ئاۋارە قىلمايلى،دېگەن مەقسەتتە يىغىنغا تەكلىپ قىلمىدۇق» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا 20 يىلدىن بۇيان خىتايدا غايىب بولغان 11 ‏-بەنچەن لاما ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتتە يەنە قايتىدىن تۈرلۈك گۇمانلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئاپتور ماقالىسىدە قىسقىچە دەلىللىگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىبەتكە كۆپ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەر خىتاي دائىرىلىرىگە 11 ‏-بەنچەن لاما بىلەن ئۇچرىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن بىر قىسىم كىشىلەر «11 ‏- بەنچەن لامانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈۋەتتى» دەپ گۇمان قىلىشقان.

ئاپتور ماقالىسىدە 3-سېنتەبىر خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچ يۈز مىڭ ھەربىينىڭ قىسقارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ قىسقارتىلغان ھەربىيلەر خىتاي تۈرمىسىگە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قامالغان سابىق خىتاي ئەمەلدارى بو شىلەي گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار قىسىملاردىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 3-سېنتەبىر تيەنئەنمېندە ئۆتكۈزگەن ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ قاتناشقانلىقى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇنى كۆرسەتمىگەن. سەۋەبى شى جىنپىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاي ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى نامايان قىلماقچى بولغان.

پىما گارپۇر ماقالىسىدە، ئۇزۇندىن بۇيان بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ خرىستىئان مۇرىتلىرىنى باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنى، بىر يىل ئىچىدە 50 چېركاۋنى تاقاپ،1300 خرىستىئان مۇخلىسىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم خىتايدىكى خرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت قىلىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن كۆپ ئەركىن ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خرىستىئان مۇرىتلىرىغا ئوخشاش توپلىشىپ ئىبادەت قىلسا، ئۇلار تېررورچى ھېسابلىنىپ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭغا 2014-يىلىدىكى يەكەن ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ ئۆتتى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ خرىستىئان دىنىي ئارقىلىق ئۆزلىرىگە سىڭىپ كىرىشىدىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدىكەن.

ماقالىدە، ئامېرىكا پۇردۇئې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فېڭنىڭ خىتايدىكى خرىستىئان مۇخلىسلىرى سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى ئاپتور ماقالىسىدە تىبەت مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق كىشى دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى خىتايدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ، تىبەت مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، دالاي لاما ۋاپات بولسا، تىبەت سەرگەندان ھۆكۈمىتى گۇمران بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ بۇ خىل ئوي ‏- پىكرى ھەققىدە توختالغان تەتقىقاتچى يۈكى خانىم، دالاي لاما ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتسە، تىبەت مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى كۈتكەن تىبەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى قورال ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە تېخىمۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.

ئاپتور يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ ئىزچىل ھالدا باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ چۈشەنچىسىدە ئۇيغۇر دېمەك «تېررور» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ ماقالىسىنى: «خىتاي ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن بەكرەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەردىن قورقىدۇ» دەپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.