«مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» تەشۋىقاتىدىكى يېڭى قورال- «DeepSeek»
2025.02.05
يېقىندا خىتاي ياساپ چىققان سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرىدىن DeepSeek بازارغا سېلىنىشى بىلەن تەڭلا دۇنيا ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانلىقى بىلىنمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، DeepSeek سۈنئىي ئەقىل مودېلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا ئۇچۇر تارقىتىدىكەن. بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى سانلىق ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىن DeepSeek كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەر ئۈستىدە گۇمان ۋە ئەندىشىلىرىنى ئىزھار قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا مۇناسىپ تەدبىر-چارىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرغان.
خىتاي بازارغا سالغان DeepSeek مودېلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى بىلەن بولغان قانداق مۇناسىۋىتى بار دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئابونېتلار DeepSeek تىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سەزگۈر ھېسابلانغان تېمىلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدىگەندە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىمۇ سۇ يۈزىگە چىقماقتا.
QQ تورىنىڭ «تارىخ فاكۇلتېتى» ئىسىملىك تور سۇپىسىنىڭ 28-يانۋار يوللانمىسىدا، «DeepSeek نىڭ باھار بايرىمىلىق تەبرىكى: بەش تەرەپتىن كەلگەن باھار ساداسى جۇڭخۇا مېلودىيەسىگە قوشۇلدى» ناملىق بىر پارچە يازما ئېلان قىلىنغان. مەزمۇنىدىن مەلۇمكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان «بەش مىللەت» خىتايلاردىن باشقا مانجۇ، موڭغول، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.
قىزىقارلىقى DeepSeek نىڭ تەبرىكنامىسىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەش مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىرى شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ رامكىسىغا سېلىنىپ بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت قىسمىدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن باغلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت مەزمۇن ئىلگىرى سۈرۈلگەن:
تارىختا تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىنىڭ تۇرپان كارىزلىرىدىن سۇ ئىچكەنلىكى؛ «12 مۇقام» ساداسى ياڭرىغان ئاشۇ دەملەردە، ئۇيغۇر راۋابىغا خىتايلارنىڭ پىپا مۇزىكىسى تەڭكەش قىلىنغانلىقى؛ ئۇيغۇر ئەتلىسىنىڭ نۇسخىلىرى ئارىسىدا ئىسلامىي نەقىشلەر بىلەن خىتايچە مۇدەن گۈللۈك نۇسخىلارنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى؛ چاغان رەستىلىرىدە ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرى بىلەن چوشقا گۆشىنىڭ بىرگە سېتىلغانلىقى، يەرلىك كىشىلەرنىڭ چاغانلىق تەبرىك سۆزلىرىنى قىلىشقانلىقى؛ قەشقەر كوچىلىرىدا بالىلارنىڭ بىر ياقتىن ئۇسسۇل ئويناپ، بىر ياقتىن قىزىل پانۇسلارنى يېقىپ خىتايچە بايرام نەزمىلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغانلىقىدەك ئەبجەش مەزمۇنلار توقۇپ چىقىرىلغان.
DeepSeek سۈنئىي ئەقىل مودېلىدىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان تور يازمىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئورتاقلىقى ۋە باغلىنىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن مەزمۇن، دەل نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» (民族交融) تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» ئۇقۇمى 2011-يىلى خىتاي زىيالىيلىرى خۇ ئەنگاڭ ۋە ما روڭلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى ئېلان قىلىنىش بىلەن تەڭ قەدەمدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان سىياسىي ئۇقۇم ئىدى.
بۇ ئۇقۇم 2011-يىلىدىن باشلاپ ئومۇملاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئۇنىڭ تارىخىي يىلتىزى تېخىمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. «بەش مىللەت جۇمھۇر ھۆكۈمىتى» تەشۋىقاتى ئەڭ دەسلەپتە جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغان دەۋردە سۈن جوڭشەن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدىكى مانجۇ، موڭغۇل، تىبەت ۋە مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان بىر تاكتىكا دېيىشكە بولاتتى. بۇ دەۋردە خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى رەھبەرلىرىدىن لىياڭ چىچاۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى قېتىم «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» (民族融合) ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققان. شۇندىن ئېتىبارەن، ماۋ زېدوڭ قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمرانلىرى «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» ئۇقۇمىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە كېڭەيمىچىلىك تارىخىنى ئاساسقا ئىگە قىلىشتا قورال ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەنىدى.
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، 2011-يىلى خىتاي دائىرىلىرى پەقەتلا پەردە ئالماشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان سىياسىي ئويۇن قوزغىغانىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم تەكىتلەيدىغان تەشۋىقات شوئارىغا ئايلانغان مىللەتلەرنىڭ «سىڭىشىشى»، «يۇغۇرۇلۇشى» ۋە «قوشۇلۇشى» نى كۈچەيتىش دېگەن سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۇقۇم ۋە مەنە جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما خىتاي تىلىدا پەرقلىق ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇم بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىنمۇ پەرقلىنىدۇ. خىتاي تەشۋىقاتىدا چۈشەندۈرۈلۈشىچە «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» (民族交融) چۈشەنچىسىدە، مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئېتنىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى ئاستىدا جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش دەپ قارىلىدىكەن. «مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى» (民族融合) ئۇقۇمى بولسا، كۆپ خىل مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مىللەت پەرقى قالمايدىغان، ئاخىرىدا بىر مىللەتكە ئايلىنىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىدىغان ھادىسىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانچە ئىسىم ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ چوڭ خىتايچىلىق ماھىيىتىنى پەردازلىماقچى بولغان بولسىمۇ، ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرى ئۇنىڭ رەزىل نىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان. 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتاي «غەربنى ئېچىش» نامى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىغا زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامى بىلەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەرلىشىشى، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار ئاقىۋەتلەرگە باشلىغانلىقى بىزگە ئايان. ئەمەلىيەتتە خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزى تەشۋىق قىلىۋاتقان ‹مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى› نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن يول ئاچقان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللەتلەر سىياسىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەپ ئېيتالايمىز.
خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى DeepSeek نىڭ يېڭىدىن بازارغا سېلىنىپلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت سىياسىتى قاتارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» سىياسىتىنىڭ بايراقدارى بولۇپ رول ئېلىشى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەسىلە. ئەگەر DeepSeek داۋاملىق تۈردە خىتاي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنسا، مىليونلىغان ئىنسانلارغا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، مېڭە يۇيۇش قىلمىشلىرى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى يايىدىغان جىنايەت شېرىكىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]