دەررىن بايلېر: «خىتاينىڭ خەلق ئۇرۇشى قاينىمىدىكى ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنىڭ مۇھەببىتى ۋە قايغۇسى» (2)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.02
Xitaydiki-xelq-urushi-02.jpg ئامېرىكادا چىقىدىغان «ياش ئېقىم» ناملىق تور ژۇرنىلىدا «خىتايدىكى ‹خەلق ئۇرۇشى› قاينىمىدا تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ شەھەر ھاياتى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2017-يىلى 30-ئۆكتەبىر.
RFA

ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېر يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر قانچە مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگىچە جۈملىدىن تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىياسەت قاتارلىق ھەر ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى «قايتا ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.

يېقىندا ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلىدىكى ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىن كېيىن باشلىغان ئاتالمىش خەلقنىڭ «تېررورلۇققا قارشى» ئۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا كۆرسەتكەن زور تەسىرلىرى بايان قىلىنغان ئىككى قىسىملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بىرىنچىسى «خىتاينىڭ خەلق ئۇرۇشى قاينىمىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسلىرىنىڭ شەھەر ھاياتى». ئىككىنچى قىسمى بولسا «خىتاينىڭ خەلق ئۇرۇشى قاينىمىدىكى ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنىڭ مۇھەببىتى ۋە قايغۇسى». بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ماقالىدىكى ئاتا-ئانىسى تۈرمە ۋە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىگە-چاقىسىز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە مەركەزلىك توختالغان ئىدۇق. 

دەررىن بايلېر ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «خەلق ئۇرۇشى» نىڭ ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقىنى، ھەر ئىككى ئائىلىدىن بىرىدە چوقۇم تۇتۇپ كېتىلگەن بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ بارلىقىنى ۋە تۇتۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن ياش ئەرلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «تۇتۇلماي قېلىپ قالغان ياش ئەرلەر بولسا يا ئوقۇغۇچى ياكى ساقچى. ئەمما ھازىرقى شارائىتتا بۇ مەرتىۋىلەرمۇ ئۆزىنى قوغداشقا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن،» دەپ يازغان. 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، كۈندىلىك ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن، دوختۇرخانىلارغىچە ۋە گاز قاچىلاش پونكىتلىرىغىچە ھەممە يەردە ئۇيغۇرلار توختىتىپ قويۇلىدىكەن. ئۇلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ كىملىكلىرى، سومكىلىرى تەكشۈرۈلۈپ، لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ھەرقانداق بىر نورمالسىز ئالامەت كىشىنىڭ تېلېفونلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، سوراققا تارتىلىشى ۋە ھەتتا تۇتقۇن قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاپتور دەررىن بايلېر ماقالىسىدە «بۇ تەكشۈرۈشلەر يەرلىك خەلقلەرگە ‹سىلەر ھەرۋاقىت تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك گۇماندارلىرى› دېگەننى ئەسلىتىپ تۇرىدىكەن،» دەپ يازغان. 

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجافىسكى دەررىن بايلېرنىڭ ماقالىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، دەررىن بايلېرنىڭ بۇ رەسىملىك ماقالىسى ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان. ئۇنىڭدا مۇھىم نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش دائىرىسىنى قاتتىق تارايتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىش ئىزدەپ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرگەن كۆچمە نوپۇس ئۇيغۇرلاردىن قاتتىق بىئارام بولدى. چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق كونترول قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. دەررىن بايلېرنىڭ ماقالىسىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلەردە ئىش ئىمكانلىرىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئىش ئىمكانى يارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جۈملىدىن خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ چېگرادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئاسىيادا تېخىمۇ كەڭ بازارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن كونترول قىلىۋاتىدۇ» 

دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ بەك چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «ئاتالمىش خەلق ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قويۇلۇۋاتقان تۈرلۈك چەكلىمىلەر ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمە سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلار دائىرىلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇسۇل ئويناش، سىياسىي تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە كۆپلەپ قاتناشتۇرۇلۇۋاتقان بولغاچقا بۇمۇ بەزى ساھەلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئەرلەر ‹قارا دەرۋازا› ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكتىن قاتتىق ئىشلەپ ئائىلىنى قامداش ئۆيدە قالغانلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن. شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلار مەكتەپلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان. ھازىر ئائىلىلەر ھەممىسى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئوغلى، ئېرى، قېرىنداشلىرى ياكى دادىلىرىدىن ئەنسىرەپ ياشايدىكەن. ئاياللار ئارىسىدا نۇرغۇن ئېچىنىشلىق ھېكايىلەر بار. بۇ ئاياللار داۋاملىق بىر-بىرىنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشىپ، بىر-بىرىنى يۆلىمەكتە. ئۇلار بىر-بىرىگە ياردەم قىلالىسىمۇ، ئەمما تۇتۇلۇپ كەتكەن يېقىنلىرى ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. يېقىنلىرى تۇتۇلۇپ كەتكەنلەر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلالمايدىكەن، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا ئۆزلىرىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغان ھېسابلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.» 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «دىنى ئەسەبىيلىك»، «تېررورلۇق» قا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى مەلۇم. دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر توي-تۆكۈنلىرىنىمۇ دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈشى ئاستىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، يەنى ھەر بىر توي-تۆكۈندە ناخشا-ئۇسۇل بولدىمۇ، مۇزىكانتلار كەلدىمۇ دېگەننى، جۈملىدىن «ئەسەبىيلىكنىڭ ئىشارەتلىرى» بارمۇ دېگەننى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس كادىرلار كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىغا ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، بىز بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىغىمۇ بۆسۈپ كىرىپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ خۇسۇسىيلىقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭمۇ قاتتىق ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۆز بالىلىرىدىن، ئەرلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ مۇنچە كەڭ يامراپ كېتىشى مانا بۇنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق مىسالىدۇر.» 

دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھاياتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇنچە كۆپ قايغۇ ۋە ھەسرەت بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار يەنىلا ياشاش يولىنى تاپماقتا. باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ۋە دۆلەت كونتروللۇقى كۈنسايىن كۈچىيىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ھاياتىنى داۋام قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ تاپتى. ھازىرچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى، ئۆز ناخشىلىرى بار. ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرى بار. ئۇلارغا ئورتاق كېلىۋاتقان بۇنداق ئاقىۋىتى ئېنىقسىز بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە ئاپتونومىيىسىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان بولسىمۇ، بىر-بىرىدىن مۇھەببەت ۋە تەسەللى تاپماقتا».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.